تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

جۈخار گۈلى تاماشا قىلىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇپ، كۈز مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ، رەڭدار چۇڭياڭ بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش

ئانار بۇلۇت خەۋىرى چۇڭياڭ بايرىمى يېتىپ كېلەي دەپ قالدى، 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، ياشانغانلار چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ شەھەر-بازار مەركىزىي باغچىسىدا بەدەن چېنىقتۇرماقتا. بۇ كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەسىدە كۈز ھاۋاسى تولىمۇ ساپ، مەنزىرىلەر تولىمۇ يېقىشلىق ئىدى، ھاۋا ياخشى بولغاچقا، ياشانغانلار ئۆيلىرىدىن چىقىپ بەدەن چېنىقتۇرۇپ، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىپ، بەدەن ساغلاملاشتۇرۇپ، كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئىككى ياشانغان كىشى چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ شەھەر-بازار مەركىزىي باغچىسىدا كۈز مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانماقتا.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 13-كۈنى، بىرنەچچە ياشانغان كىشى چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ شەھەر-بازار مەركىزىي باغچىسىدا جۈخار گۈلىدىن ھۇزۇرلانماقتا. بۇ كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەسىدە كۈز ھاۋاسى ساپ ھەم سالقىن بولغان، شەھەر-بازار مەركىزىي باغچىسىدىكى جۈخار گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، نۇرغۇن ياشانغان كىشى بەس-بەستە كېلىپ ئاپتاپسىنغاچ، جۈخار گۈلىدىن ھۇزۇرلىنىپ، گۈزەل چاغلاردىن ئورتاق بەھرىلەندى.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 13-كۈنى، ياشانغانلار چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ شەھەر-بازار مەركىزىي باغچىسىدا بەدەن چېنىقتۇرماقتا.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 12-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق سەنئەت يۇرتىنىڭ سانجى شەھىرى جيەنگو يولى كوچا باشقارمىسى لىجىڭ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى «جۈخار گۈلىدىن ھۇزۇرلىنىش، چۇڭياڭ بايرىمىدا خۇشاللىققا چۆمۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە ئىزنىكىگە ئېرىشكەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنى سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچە رايونى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىغا كېلىپ، جۈخار گۈلىدىن ھۇزۇرلىنىشقا تەكلىپ قىلدى.

لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى

10-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىدىكى سودىگەرلەر گۈل تەييارلىماقتا. چۇڭياڭ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى جۈخار گۈلى سېتىۋېلىپ چۇڭياڭ بايرىمىنى كۈتۈۋالدى.

جاڭ شيۇكې فوتوسى

10-ئاينىڭ 13-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىدىن گۈل سېتىۋالماقتا.

جاڭ شيۇكې فوتوسى

10-ئاينىڭ 13-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىدىن گۈل سېتىۋالماقتا.

جاڭ شيۇكې فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى