9-ئاينىڭ 28-كۈنى، ساياھەتچىلەر قومۇل دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا سەيلە قىلماقتا (9-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان).
ئانار بۇلۇت خەۋىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قومۇل شەھىرى ئەسلىدە بار بولغان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق، ئەسلىدە بار بولغان دەل-دەرەخلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق، ئەسلىدە بار بولغان سۇ سىستېمىسى ئېكولوگىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، 575 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 2020-يىلى قومۇل دەرياسى ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى باشلىغانىدى، تۈر پۈتكەندىن كېيىن، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاممىۋى يېشىللىق يېرى 2000 مودىن ئاشىدۇ. نۆۋەتتە، بىرىنچى قارار قۇرۇلۇش ئارقا-ئارقىدىن پۈتۈپ ئاممىغا ئېچىۋېتىلدى.
يېشىللىق بىلەن ئورالغان قومۇل شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىدىن بىر كۆرۈنۈش (9-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان).
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلى فوتوسى