تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قاراقاش ناھىيەسى: «خوتەن ئاشخانىسى» مەززىلىك تائام داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، مەدەنىيەتكە «تەم قوشتى»

  ئانار بۇلۇت خەۋىرى شىنجاڭ قاراقاش ناھىيەسى «خوتەن ئاشخانىسى»نىڭ ئۈرۈمچى 101-دۇكىنى تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، مەززىلىك تائاملارنى ۋاسىتە قىلىپ، يەرلىك ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملاردىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە تەم ۋاسىتىسى ئارقىلىق قاراقاش ناھىيەسىنىڭ مەززىلىك تائام داڭلىق ماركىسىنى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى مەززىلىك تائاملار ئارقىلىق قاراقاشنى چۈشىنىش، قاراقاشنى ئەستە ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  قاراقاش ناھىيەسى «خوتەن ئاشخانىسى»نىڭ ئۈرۈمچى 101-دۇكىنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى فۇكاڭ كوچىسى 220-نومۇرغا جايلاشقان. تىجارەت قىلىدىغان يېمەك-ئىچمەك تۈرلىرىدىن لەڭمەن، سېرىقئاش، كاۋاپ، لەڭپۇڭ، ئاسما كاۋاپ، سامسا، پولۇ قاتارلىقلار بار. قاراقاش ناھىيەسى «خوتەن ئاشخانىسى»نىڭ بېزىلىشى ئىنتايىن نەپىس بولۇپ، دۇكان ۋىۋىسكىسىدا ۋە قاچا-قۇچىلارنىڭ ھەممىسىدە ئەتلەس ئېلېمېنتى بار.

  دۇكانغا كىرگەندە قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىكنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، خوتەننىڭ خاسلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان يىپەك ئەتلەس، قۇملۇقتىكى كولدۇرما باش تېما قىلىنغان بېزەك رەسىم، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ گېلەم ئېلېمېنتى بار داستىخان، يەنە ئاشخانىنىڭ مەركىزىي چوڭ ئېكرانىدا قاراقاشنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى نامايان بولۇپ تۇرىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تاماق يېگىلى كەلگەن خېرىدارلارغا بۇنىڭ شىنجاڭ قاراقاشنىڭ مەززىلىك تائاملىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ياسىنجان يولۋاس مۇنداق دېدى: «مەن ئىلگىرى خوتەنگە بېرىپ باققان، تامىقىنىمۇ يېگەن، ئۇلارنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، بۈگۈن ئۈرۈمچىدىمۇ خوتەن ئاشخانىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئالايىتەن كېلىپ پولۇ بۇيرۇتتۇم، بەكلا يېيىشلىك ئىكەن».

  باشقا يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرىغا ئوخشىمايدىغىنى، تاماق، قورۇمىلاردىن سىرت، ئاشخانا يەنە مەخسۇس رايون تەسىس قىلىپ، ياڭاق، چىلان، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىق قاراقاش ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ ساتىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى مەردان مەمەت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۈگۈن خوتەن ئاشخانىسىغا كېلىپ تاماق يېدۇق، ئىشىكتىن كىرىپلا قويۇق يەرلىك پۇراقنى ھېس قىلدىم. سۇيۇقئاش ئىچىۋېتىپ مومامنى ئەسلەپ قالدىم، مومامنىڭ تامىقىنىڭ تەمىگە ئوخشايدىكەن، شۇ تەمنى تېتىغاندەك بولدۇم. ئاشخانىنىڭ مۇھىتىمۇ ناھايىتى ياخشى، تاماقلىرى تەملىك ئىكەن».

  ئايشەم مەمتىمىن قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرى لەڭگەر كەنتىدىن بولۇپ، ئىلگىرى دېھقانچىلىق قىلاتتى. ئۇ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدە «خوتەن ئاشخانىسى» ئاچىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن «خوتەن ئاشخانىسى»غا كېلىپ ئىشلىدى. ئايشەم مەمتىمىن مۇنداق دېدى: «مەن دېھقاندىن خوتەن ئاشخانىسىدا ئىشلەيدىغان مۇلازىمغا ئايلاندىم، مائاشىمنى ئېلىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. مەن خوتەن ئاشخانىسىدا ناھايىتى ياخشى ئىشلەۋاتىمەن».

  ئىگىلىنىشىچە، «خوتەن ئاشخانىسى» خوتەن ۋىلايىتى كۈچەپ بەرپا قىلغان يېمەك-ئىچمەك داڭلىق ماركىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. خوتەن ۋىلايىتى «خوتەن ئاشخانىسى»دىن 1000نى ئېچىپ، 10 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىغان. ھازىر، «خوتەن ئاشخانىسى» خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، باغچە رايونى ۋە يېزا-بازارلارنى قاپلىغان. كېڭەيتىش پىلانىغا ئاساسەن، «خوتەن ئاشخانىسى» خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا، خوتەندىن چىقىپ، پۈتۈن شىنجاڭغا يۈزلەندۈرۈلىدىكەن ھەم مەملىكەتكە كېڭەيتىپ، ئىتتىپاقداش زەنجىرسىمان تىجارەت قىلىنىدىكەن.

  ھازىر، قاراقاش ناھىيەسى خوتەن ئاشخانىسىدىن ئىبارەت بۇ سۇپا ئارقىلىق، 300دىن ئارتۇق كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. يەنە خوتەن ئاشخانىسىنى باشقۇرۇش ۋە يۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

مەنبە: قاراقاش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىر ليۇ شاۋبىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى