تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى بايىنغولىن ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە، خېبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى يۈەن تۇڭلى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش ئۆمىكى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بىڭتۇەن 2 - شىسىنىڭ تيېمېنگۇەن شەھىرىگە كېلىپ، يېزا - كەنت، كارخانا، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ھەم شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ئىئانە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

يۈەن تۇڭلى مۇنداق دېدى: خېبېي ئۆلكىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئەقلىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، خېبېي ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ.

چېن ۋېيجۈن مۇنداق دېدى: خېبېي ئۆلكىسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇردى، سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، خىزمەت تەدبىرى ئەمەلىي، قوللاش سالمىقى زور، ياردەم بېرىش ئۈنۈمى ياخشى، ياردەم بېرىش - قوبۇل قىلىش مۇناسىۋىتى يېقىن بولۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستى، 2 - شى تيېمېنگۇەن شەھىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، باشتىن - ئاخىر بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت كاپالىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىدۇ.

ئاپتونوم رايون ھەم بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن جاۋ چىڭ، ياۋ شىنمىن قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.