ئاپتورلار: باغدۆلەت تېلېۋباي، ليۇ ۋېنيى
10-ئاينىڭ 2-كۈنى كۈز يوپۇرماقلىرى تېخى تۆكۈلمەي تۇرۇپلا قار ياغدى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى فۇكاڭ شەھىرى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا ساپسېرىق يوپۇرماقلار، ياپيېشىل دەرەخ شاخلىرى، قىپقىزىل مېۋىلەر، ساياھەت كېمىسى، تاغلار ئاپئاق قارغا پۈركەندى، مەنزىرە رايونى خۇددى چۆچەكلەر دۇنياسىغا ئوخشاپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى قاردا سەيلە قىلىپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، بۇ گۈزەل دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشقا جەلپ قىلدى.
10-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى فۇكاڭ شەھىرى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى تىيانشان شەمشادىنىڭ شاخلىرى تۇنجى قاردا ئېگىلدى.
10-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى فۇكاڭ شەھىرى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى ئالتۇن رەڭلىك كۈز يوپۇرمىقى ئاپئاق قار بىلەن قاپلاندى.
ساياھەتچىلەر 10-ئاينىڭ 2-كۈنى شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى فۇكاڭ شەھىرى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا قار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانماقتا.
(ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ بوغدا كۆلى باشقۇرۇش كومىتېتى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى