تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بېيجىڭ داشۆدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولدى — «بىز شىنجاڭغا يەنە كېلىمىز»

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شېن زۇشياۋ

   «بىز شىنجاڭدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئائىلىمىزدىكىلەر ۋە دوستلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىمىز، شىنجاڭ شۇ قەدەر گۈزەل ئىكەن، كەلگۈسىدە پۇرسەت بولسا، بىز شىنجاڭغا يەنە كېلىمىز.» 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئالتە كۈنلۈك شىنجاڭ سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان بېيجىڭ داشۆدە ئوقۇۋاتقان 20 نەپەر چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى بەس - بەستە يۇقىرىقى سۆزلەرنى دېدى.

10-ئاينىڭ 4-كۈنى، بېيجىڭ داشۆدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزى پىلانلاش سارىيىدا ئېكسكۇرسىيەدە بولدى.

    قەشقەردىن خوتەنگە بېرىش، ئاندىن شىخەنزە، ئۈرۈمچىگە كېلىش، ئالتە كۈن ئىچىدە، كامېرۇن، بېنگال، ئافغانىستان، بۇرۇندى، ئۇگاندا، چاد، رۇسىيە، پاكىستان، كورېيە، موڭغۇلىيە، سىرى لانكا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق 16 دۆلەتتىن كەلگەن بېيجىڭ داشۆدە ئوقۇۋاتقان 20 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولدى. ئېكسكۇرسىيە، زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر شەھەر، يېزا، بىڭتۇەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا بېرىپ، بىر تەرەپتىن ئايلانغاچ، بىر تەرەپتىن كۆرۈپ ھەقىقىي شىنجاڭنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.

    10 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە، بېيجىڭ داشۆدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئېكسكۇرسىيە، زىيارەت ئۆمىكى ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە شىخەنزە شەھىرىدە ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولدى.

10-ئاينىڭ 6-كۈنى، بېيجىڭ داشۆدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدا ئېكسكۇرسىيەدە بولدى.

    شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا سەيلە قىلدى، ئاچ سېرىق رەڭ خىش بىلەن قوپۇرۇلغان ئىمارەتنىڭ سىرتقى تېمى رايون تۇيغۇسى، تارىخ تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە زامانىۋى ئامىللارغىمۇ ئىگە ئىدى. بەزى سودا دۇكانلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇ ياقتا راۋابنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ياڭرىسا، بۇ ياقتا دومبىرا چېلىناتتى، شۇقەدەر گۈزەل ھەم يېقىملىق مۇزىكا ساداسى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلدى.

    كورېيەدىن كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى يىن جىئېن چوڭ بازاردىن كۆڭلىدىكىدەك ساياھەت خاتىرە بۇيۇمى سېتىۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە ھەم شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خاس ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى بار، ھەم جۇڭگونىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن خاس تاۋارلار بار، يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيە بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىي مەھسۇلاتلىرىمۇ بار بولۇپ، كىشىنى تولىمۇ جەلپ قىلىدىكەن.

10-ئاينىڭ 6-كۈنى، بېيجىڭ داشۆدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ئېكسكۇرسىيەدە بولدى.

    مەكتەپ قورۇسى كەڭرى، رەتلىك، دەرەخلىرى بۈك - باراقسان ئۆسكەن شىخەنزە داشۆنىڭ ۋاسكېتبول مەيدانىدا، ئوقۇغۇچىلار بىر مەيدان ۋاسكېتبول دوستلۇق مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىۋاتاتتى؛ دەرسخانىلاردا ئوقۇغۇچىلار ئەستايىدىل ئۆگىنىش قىلىۋاتاتتى.

10-ئاينىڭ 5-كۈنى، بېيجىڭ داشۆدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىدا ئېكسكۇرسىيەدە بولدى.

    شىخەنزە داشۆدە ھازىر بەش چوڭ قىتئەدىكى 20 دۆلەتتىن كەلگەن 488 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى بار. بۇ مەكتەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا مائارىپ مەركىزى بىناسىنىڭ پات ئارىدا پۈتىدىغانلىقى، كەلگۈسىدە جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ ئازادە ئۆگىنىش، تۇرمۇش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلگەندە، ئېكسكۇرسىيە، زىيارەت ئۆمىكىدىكى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە كۆيۈنگەنلىكىگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتتى.

10-ئاينىڭ 5-كۈنى، بېيجىڭ داشۆدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8-شىسى شىخەنزە باش مەيدانىنىڭ كېۋەزلىكىدە ئېكسكۇرسىيەدە بولدى.

    شىخەنزە شەھىرى بېيچۈەن بازىرى چۈەنشۈيدى 7 - ليەنىنىڭ كەڭ كەتكەن كېۋەزلىكىدە، چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىلىرى پاختا يىغىۋاتاتتى. شىنجاڭ پاختىسىنىڭ ئۇرۇق سېلىشتىن يىغىشقىچە بولغان كۆپ قىسمىدا ماشىنىلىشىشنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى، كېۋەز تېرىش تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلەپ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئاشقانلىقىنى بىلگەندە، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار پەن - تېخنىكىنىڭ شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى ھېس قىلىپ ماختىدى. 

    «بىز كېۋەزلىكتە قولىدا پاختا تېرىۋاتقان ئىشچىدىن بىرنىمۇ كۆرمىدۇق، كۆرگىنىمىزنىڭ ھەممىسى ماشىنىدا پاختا يىغىش بولدى.» سىرى لانكىدىن كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى گەييا مۇنداق دېدى: بەزى دۆلەتلەر شىنجاڭدىكى بۇ ساھەلەردە «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دەپ بوھتان چاپلىغان، مېنىڭ قارىشىمچە ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» پۈتۈنلەي مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن، بۇ يەردە پاختا يىغىشنىڭ ھەممىسىدە ماشىنا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ناھايىتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىكەن.

10-ئاينىڭ 4-كۈنى، بېيجىڭ داشۆدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزىدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

    ئۈرۈمچى شەھىرىدە، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزى پىلانلاش سارىيى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى قاتارلىقلارغا كىرىپ، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتناشقانلىقى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

    شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار دىنىي زاتلار، دىنىي خادىملار بىلەن ئالاقىدار دىن ئىختىساسلىقلىرىنىڭ يېتىشتۈرۈلۈشى، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى قاتارلىقلار توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. «بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى كۆرۈپلا قالماي، يەنە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بىلدۇق» دېدى ئۇگاندادىن كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى مۇمىڭ.

    ئافغانىستاندىن كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى لو مىڭنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان ئۇ شىنجاڭغا تۆت قېتىم كەلگەن، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بارلىققا كەلگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. ھەر قېتىم شىنجاڭغا كەلگەندە، ئوخشىمايدىغان خۇشاللىقلارنى ھېس قىلغان.

    «بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرىدە خاتىرجەم-ئىناقلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك ئىكەن.» لو مىڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قېتىم شىنجاڭغا كەلگەندە، تېخىمۇ گۈزەل شىنجاڭنى كۆرۈشكە تەقەززامەن.

10-ئاينىڭ 6-كۈنى، بېيجىڭ داشۆدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارىدا ئېكسكۇرسىيەدە بولدى.

    بېنگالدىن كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى ياڭ گۇاڭنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇپ، تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقىنىغا بەش يىل بولغان، بۇ ئۇنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشى ئىكەن. ئۇنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، بۇ ئالتە كۈندە ئۇ نەچچە يۈز پارچە سۈرەت تارتىپتۇ ۋە نۇرغۇن سىن ئاپتۇ. «مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن گۈزەل شىنجاڭنى ئۇرۇق - تۇغقان، دوستلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىمەن، ئۇلارغا بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ياخشىلىقىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بېرىمەن. مەن يەنە ئائىلەمدىكىلەر ۋە دوستلىرىمنى ئېلىپ شىنجاڭغا كېلىمەن.» ياڭ گۇاڭ شىنجاڭغا يەنە بىر كېلىشكە تەقەززا ئىكەن.

    10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئاپتونوم رايون پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، ئېكسكۇرسىيە، زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەرگە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇپ ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەنلىكى، ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلارنىڭ ئېجىللىقى ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ، خەلقئارادىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار پىتنە - ئىغۋا، يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى. چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا نىسبەتەن تولۇق ئىشەنچكە تولۇپ، بەس - بەستە چوقۇم دۇنياغا ھەقىقىي گۈزەل، رەڭگارەڭ شىنجاڭنى سۆزلەپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى