تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ بالىلار دوختۇرخانىسى رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇشنى تېزلەتتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ

10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى سائەت 15تىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ بالىلار دوختۇرخانىسى ئامبۇلاتورىيە بىناسىنىڭ يېنىدا، يېڭى سېلىنىۋاتقان ئاساسىي بىنادا جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتاتتى. ئامبۇلاتورىيە بىناسىنىڭ 3 - قەۋىتىدىكى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى كېسەل كۆرسىتىش رايونىدا، ئاڭلاتقۇ ھەرىكەت ھالىتىدە نومۇر چاقىرىۋاتاتتى، سېسترانىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى ئېلىپ تەرتىپلىك كېسەل كۆرسىتىۋاتاتتى.

2019 - يىلى شىنجاڭ 1 - تۈركۈمدىكى «10 + 1» رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، شىنجاڭ بالىلار دوختۇرخانىسى دۆلەت رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى ئومۇميۈزلۈك ھاۋالىلىك باشقۇرغاندىن كېيىن، بۇ دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

ئاغرىقلارنىڭ دوختۇرخانىدىكى ساقلاش ۋاقتىنى قىسقارتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ بالىلار دوختۇرخانىسى ئامبۇلاتورىيەدە دىياگنوز قويۇش - داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۆپ خىل ئالدىن كېلىشىش شەكلىنى يولغا قويۇپ، ۋاقىت بۆلىكىگە بۆلۈپ، مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ كېسەل كۆرۈشنى يولغا قويدى. «مەن دوختۇرخانىنىڭ ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدا نومۇر ئالدىم، ئالدىن كېلىشكەن ۋاقىت بويىچە، ئىمزا قويۇپلا دوختۇرغا كۆرۈنەلىدىم، ناھايىتى تېز بولدى.» شۇ كۈنى، شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ لەن سەككىز ئايلىق ئوغلىنى ئېلىپ شىنجاڭ بالىلار دوختۇرخانىسىغا كېلىپ كېسەل كۆرسەتتى. ئۇنىڭغا ئالاھىدە يېقىشلىق تۇيۇلغىنى شۇ بولدىكى، ئامبۇلاتورىيە زالىدىن باشقا، 3 - قەۋەتتىكى بالىلار كېسەل كۆرسىتىش رايونىغىمۇ ئانا - بالا ئۆيى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلار ۋە بالىلارغا ئىللىق، خۇسۇسىي مەخپىيەتلىك بوشلۇقى يارىتىپ بەرگەن.

مۇخبىر بۇ دوختۇرخانىنىڭ بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى كېسەل كۆرسىتىش رايونىغا يەنە ئاپتوماتىك سېتىش ماشىنىسى قويۇلغانلىقى، ئىچىملىكتىن باشقا، يەنە ئويۇنچۇق، بالىلار ماسكىسى ۋە بالىلار بۇرۇن بوشلۇقى پۈركۈمىسى بارلىقىغا دىققەت قىلدى. بىرىنچى قەۋەتتىكى ئامبۇلاتورىيە زالىدا، «داڭلىق دوختۇرلار خىسلىتى» كۆرگەزمە تېمى كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن ئاغرىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى. پايتەخت تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسىدىن كەلگەن 20 مۇتەخەسسىس بۇ دوختۇرخانىنىڭ يارقىن «ماركىسى» بولۇپ قالدى.

ئومۇميۈزلۈك ھاۋالىلىك باشقۇرغاندىن كېيىن، شىنجاڭ بالىلار دوختۇرخانىسى «قوش مۇدىر» تۈزۈمىنى يولغا قويدى، بېيجىڭلىق مۇتەخەسسىسلەر كەسپىي مۇدىرلىقنى ئۈستىگە ئېلىپ، مۇتەخەسسىسلەر ئامبۇلاتورىيەسى، ئوپېراتسىيە، دوختۇرخانا ئىچىدە كۆپ پەنلىك كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش، چىگىش، قىيىن كېسەللىك مىساللىرىنى مۇزاكىرە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تۈرلۈك ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دوختۇرخانا باشقۇرۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات ئوقۇتۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. بۇ يىل 7 - ئايدا، بۇ دوختۇرخانىنىڭ 20 داۋالاش، مەمۇرىي خادىمى بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا، ئۆگىنىشكە باردى، بۇنىڭ ئىچىدە 14 كىشى 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆگىنىشنى ئاخىرلاشتۇردى.

بېيجىڭدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىشى - يۆلىشى بىلەن، شىنجاڭ بالىلار دوختۇرخانىسى «بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى − شىنجاڭ بالىلار دوختۇرخانىسى − ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىسى»دىن ئىبارەت ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن ئىستېرېئولۇق يىراق مۇساپىلىك داۋالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ بالىلار دوختۇرخانىسى بىلەن بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش يولىنى ئاچتى.

ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ بالىلار دوختۇرخانىسى نۇرغۇن دوختۇرخانا بىلەن داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى ۋە مەخسۇس كېسەللىكلەر بۆلۈملىرى بىرلەشمىسى قۇرۇپ، رايون توسۇقىنى تىرىشىپ بۇزۇپ، بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى تېخىمۇ كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئىقتىدارىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

«كېيىنكى قەدەمدە، بىز داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى ۋە مەخسۇس كېسەللىكلەر بۆلۈملىرى بىرلەشمىسى ئارقىلىق ھەرقايسى دوختۇرخانىلار بىلەن چوڭقۇر ئۇدۇللىشىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىمىز. ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىلىرىغا بىر تۈركۈم بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى قوشۇنى يېتىشتۈرۈپ بېرىپ، بىلىم ئاشۇرۇشقا، ئۆگىنىشكە بولغان تەلىپىنى قاندۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىلىرىنىڭ بالىلار كېسەللىكلىرىنى داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز ھەرقايسى داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىلىرى، مەخسۇس كېسەللىكلەر بۆلۈملىرى بىرلەشمىسىگە ئەزا ئورۇنلار بىلەن يىراق مۇساپىلىك داۋالاش، دىياگنوز قويۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۆز جايىدا ھەل قىلىپ، داۋالىنىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، كىچىك ئاغرىقلار ئۈچۈن قىممەتلىك داۋالىنىش ۋاقتىنى قولغا كەلتۈرىمىز» دېدى شىنجاڭ بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى شۈيشۆ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.