تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

دەۋر تېمىسىغا جاۋاب بېرىش ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىش

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 76 ـ نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىگە قاتناشقانلىقى ھەم مۇھىم سۆز قىلغانلىقىنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، تەسىرى چوڭقۇر ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 9 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سىنلىق شەكىلدە 76 ـ نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىگە قاتناشتى ھەم «ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى مۇخبىرلارغا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تەسىرىنى تونۇشتۇردى.

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: ھازىر، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئەسىر يۇقۇمى بىلەن گىرەلىشىپ پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلدى، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە خەلقئارا تەرتىپ سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆزگىرىش ياسىماقتا، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، تەڭشىلىش مەزگىلىگە كىردى. بىز قانداق ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك؟ دۇنيا ئىقتىسادىنى قانداق قىلغاندا تېزدىن قايتا جانلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ دۆلەت بىلەن دۆلەت، بولۇپمۇ چوڭ دۆلەتلەر ئۆزئارا ئىناق ئۆتەلەمدۇ؟ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرولۇق رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك؟ بۇ، پۈتۈن دۇنيا دۇچ كەلگەن مۇھىم، زور دەۋر تېمىسى بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى تارىخ ئېقىمىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان توغرا تاللاش چىقىرىشى كېرەك.

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. بۇ يىل يەنە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنى ئەسلىگە كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقى، جۇڭگو بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىدا نەتىجىلەر مول بولدى، شۇنداقلا يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇلتۇر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر قاتار يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىگە قاتنىشىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خەلقئارا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ئىشەنچ بېغىشلاپ، يەر شارىۋى ئورتاق تەرەققىيات ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ چوڭقۇر، دانا قارىشى ۋە دۇنياغا بولغان مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

بىرىنچى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو تۆھپىسىنى قوشتى. ھازىر، يۇقۇم يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا يامرىماقتا، يۇقۇمغا توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تەخىرسىز ئارزۇسى. ۋاكسىنا يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى كۈچلۈك قورال، لېكىن «ۋاكسىنا مىللەتچىلىكى» يەنىلا ئەۋج ئالماقتا. ئايرىم دۆلەتلەر «مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىپ قويۇپ، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىش» ۋە سىياسىي نەيرەڭۋازلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، خەلقئارا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش چوڭ ۋەزىيىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئەلپازى يامان بولسىمۇ، بىز ھامان ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايمىز. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلىم ـ پەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلمىي پوزىتسىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، دائىملاشقان، دەل جايىدا بولغان ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ـ بىر تەرەپ قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. خەلقئارا بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ چېگرا ھالقىپ تارقىلىش خەۋپ ـ خەتىرىنى ئەڭ زور چەكتە تۆۋەنلىتىش كېرەك. ۋاكسىنىنى يەر شارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلات قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئومۇملىشىشىغا ۋە ئۇلارنىڭ سېتىۋالالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا ۋاكسىنىنى ئادىل، مۇۋاپىق تەقسىملەشتىن ئىبارەت. رەئىس شى جىنپىڭ قايتا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو پۈتۈن بىر يىلدا باشقا دۆلەتلەرنى 2 مىليارد ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىدۇ، «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋاكسىنىسىنى يولغا قويۇش پىلانى»غا 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىش ئاساسىدا، يىل ئىچىدە يەنە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە 100 مىليون ۋاكسىنىنى ھەقسىز ئىئانە قىلىدۇ. جۇڭگو پۈتۈن يەر شارىدا يۇقۇم مەنبەسىنى ئىلمىي سۈرۈشتۈرۈشنى داۋاملىق قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىدۇ، ھەرقانداق شەكىلدىكى سىياسىي نەيرەڭۋازلىققا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى جاراڭلىق، مەردانە بولۇپ، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ئىشەنچ بېغىشلاپ، يۇقۇمغا ئىلمىي تاقابىل تۇرۇشتا جۇڭگو تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىلەندۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىش، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ، جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت سەھىيە ـ ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ئىدىيەسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ كۆلەملىك ياخشى باھاسى ۋە يۈكسەك تەرىپلىشىگە ئېرىشتى.

ئىككىنچى، يەر شارىۋى تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن جۇڭگو تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يۇقۇم يەر شارىۋى نامراتلارنى ئازايتىش نەتىجىلىرىگە ئېغىر زەربە بەردى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستىلىدى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق يەر شارىۋى كىرىزىسلار ئۈزلۈكسىز كەسكىنلەشتى، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ «تەرەققىيات ھاڭى» سىجىل كېڭەيدى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىش قەدىمى مۈشكۈللەشتى، 2030 ـ يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تەرەققىيات خەلقنىڭ بەختىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچ. يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن ئېغىر زەربە ئالدىدا، يەر شارىۋى تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭ، ماس، سىغدۇرۇشچان يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇش كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى: تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرىكەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات ھەمكارلىقىنىڭ ماس ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلارنى ئازايتىش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ۋاكسىنا، تەرەققىيات مەبلىغى جۇغلاش، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە يېشىل تەرەققىيات، سانائەتلەشتۈرۈش، رەقەملىك ئىقتىساد، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىپ، يەر شارىۋى تەرەققىيات تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.

رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت دەۋر باش تېمىسىغا ئۇيغۇنلاشقان، جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتەك كۈچلۈك ئارزۇسىغا ماسلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭدا تەرەققىيات قارالمىسى خەلقئارا ھەمكارلىقتىكى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىققەتنى تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈش، ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئىدىيەۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. بۇ تەشەببۇس جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىۋى تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشىغا كۈچ قوشىدىغان مۇھىم جاكارى بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، 2030 ـ يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىشىگە پايدىلىق. بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىغا ئورتاق قاتنىشىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزئارا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، يەر شارىۋى تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالىنى يارىتىشىنى قارشى ئالىمىز.

رەئىس شى جىنپىڭ يەنە مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە جەھەتتىكى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن چېگرا سىرتىدا كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرلىرىنى يېڭىدىن قۇرمايدۇ. بۇ، رەئىس شى جىنپىڭ بۇلتۇر جۇڭگونىڭ 2030 ـ يىلىدىن بۇرۇن كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، 2060 ـ يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ يەر شارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا قوللانغان يەنە بىر مۇھىم تەدبىرى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ يەر شارىۋى يېشىل قايتا جانلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوشقان يەنە بىر ئاكتىپ تۆھپىسى بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىنى نامايان قىلدى.

ئۈچىنچى، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن جۇڭگو تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يىل سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغۇچى بولمايدۇ، دۇنيا ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە چوڭقۇر ئۇچرىدى. كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، بىز سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى، زوراۋانلىق سىياسىيسى تەتۈر ئېقىمىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق، بەزى دۆلەتلەر ئىدېئولوگىيەنى پاسىل قىلىپ، يەر ـ ئورۇن تالىشىدىغان كىچىك چەمبىرەك قۇرۇۋېلىپ، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان دۇنيا ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى مەدەنىيلىكنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىشى، جەزمەن زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ماڭىدىغان كۆپ خىل يولنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. دېموكراتىيە قايسى بىر دۆلەتنىڭ پاتېنتى ئەمەس، بەلكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتى. تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كىچىك چەمبىرەك ۋە نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىشنى چۆرۈپ تاشلاش كېرەك. سۆزلىشىش ئەمما قارشىلاشماسلىق، سىغدۇرۇش ئەمما باشقىلارنى چەتكە قاقماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، مەنپەئەت بىرىكىش نۇقتىسىنى كېڭەيتىپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەر سىزىپ چىقىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى تىنچلىق، ئېجىللىق، ئىناقلىق ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىنتىلىدۇ، بىز ئىلگىرى تاجاۋۇزچىلىق قىلمىغان، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تاجاۋۇزچىلىق قىلمايمىز، باشقىلارنى بوزەك قىلمايمىز، زومىگەر بولمايمىز، زومىگەرلىك قىلمايمىز.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى، دۆلەتلەر ئارا، بولۇپمۇ چوڭ دۆلەتلەر ئىناق ئۆتىدىغان جاھاندىكى توغرا يولنى كۆرسىتىپ بەردى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، ئېنىقسىزلىققا تولغان خەلقئارا مۇناسىۋەتكە تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق بېغىشلىدى. جۇڭگو داۋاملىق دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەر شارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى، ئاممىۋى مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلىگۈچى بولۇپ، داۋاملىق تۈردە جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تۆتىنچى، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان خەلقئارا سىستېمىدىكى يادرولۇق ئاپپارات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ھازىرقى زامان خەلقئارا تەرتىپتىكى يادرولۇق ئىدىيە كۆپ تەرەپچىللىك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، كۆپ تەرەپچىللىك ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلسە، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت ـ سائادىتى قوغداشقا ئېرىشەلەيدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورنى ئاجىزلىتىلىپ، كۆپ تەرەپچىللىك زەربىگە ئۇچرىسا، دۇنيا قالايمىقانلىشىپ، كەڭ ئوتتۇرا، كىچىك دۆلەتلەر ھەممىدىن ئاۋۋال زەربىگە ئۇچرايدۇ. ھازىر، بەزى دۆلەتلەر كۆپ تەرەپچىللىككە قايتىش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ھە دېسىلا «قائىدىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ»نى قوغدايمىز دەپ جار سالماقتا، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىرادىسى ۋە ئۆلچىمىنى باشقىلارغا زورلاپ تېڭىۋاتىدۇ، ئاز ساندىكى دۆلەتلەر تۈزگەن قائىدىلەرنى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىدىغان خەلقئارا قائىدىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىۋاتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيادا پەقەت بىرلا سىستېما بار، ئۇ بولسىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما. پەقەت بىرلا تەرتىپ بار، ئۇ بولسىمۇ خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ. پەقەت بىرلا يۈرۈش قائىدە بار، ئۇ بولسىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خەلقئارا تەرتىپنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش ۋە قانۇنچىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، خەۋپسىزلىك، تەرەققىيات، كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ساھەدىكى خىزمەتلەرنى تەڭپۇڭ ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۆپ تەرەپچىللىك توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بايانىدا بايراق روشەن بولدى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق قەلب ساداسى بايان قىلىندى، جۇڭگونىڭ ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى ئىپادىلەندى، ئۇ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورنى ۋە رولىغا بولغان قەتئىي قوللاش. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرىدۇ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدۇ.

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: 100 يىللىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئەسلىي مەقسىتىمىز ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، ھەيۋەتلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈش بۇرچى زىممىمىزدە. بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىغا تېخىمۇ پائال، نەتىجىلىك قاتنىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.