تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كۈيتۈندە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تۈرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن لياڭ فوتوسى، خەۋىرى) 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، كۈيتۈن-مايتاغ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ يىديەن يېڭى ئېنېرگىيە پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قۇراشتۇرماقتا. بۇ بازا قۇرۇلۇشى ئۈچ قارارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، جەمئىي 4 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. 2020-يىلى 5-ئايدا، 1-قارارلىق قۇرۇلۇش يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تۈرى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، يىلىغا 1000 يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوبۇس ۋە 3000 يېڭى ئېنېرگىيەلىك مەخسۇس ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىلىپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى تەخمىنەن 1 مىليارد 650 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • خېنەن مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، قومۇلدىكى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئائىلىگە نەپ يەتكۈزدى
  • كۈز دەل مۇشۇنداق مول ھوسۇللۇق پەسىل: پاختىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، بۇغداي تېرىلغۇسى باشلاندى
  • ئالتاي-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى پۈتتى