تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

مۇسابىقە مەيدانىدىكى «چىراي ئىپادىسى بوغچىسى»

  [ئومۇمىي خەلق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش، بىر نىيەتتە تەڭ ئىلگىرىلەش]

«چىڭ ساقلاڭلار، مۇداپىئە سېپىنى چىڭ ساقلاڭلار!»

«كاللا توپنى تالىشىڭلار، بىرىنچى نۇقتىنى تالىشىڭلار!»

«ئىككىڭلار تەڭ چىقىپ، ئۇنى ئارىغا ئېلىۋېلىڭلار!»

«مۇشۇنداق تېپىڭلار، يارايسىلەر!»

  9-ئاينىڭ 18-كۈنى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر U20 پۇتبول ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى 1:2 نەتىجە بىلەن جېجياڭ كوماندىسىغا ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىپ، شىنجاڭ ئەرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى ياراتتى. شىنجاڭ گېزىتى ئالاھىدە ئەۋەتكەن مۇخبىر ياڭ ۋېي مۇسابىقە مەيدانىدا شىنجاڭ U20 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى پەرھات ئەزىمەتنىڭ بىر يۈرۈش «چىراي ئىپادىسى بوغچىسى»نى سۈرەتكە تارتىۋالدى، بۇ بىر يۈرۈش سۈرەتتىن پەرھاتنىڭ پۇتبولغا بولغان ئىنتىلىشى ۋە قىزغىنلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.