ئانار بۇلۇت خەۋىرى بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ساياھەتچىلىكىگە كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى 9-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى-كورلا ئارىلىقىدا ھەر كۈنى نۆۋەتچى ئايروپىلاندىن تۆتنى كۆپەيتتى.
ئۈرۈمچى-كورلا ئارىلىقىدا قاتنايدىغان يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى CZ5879/80 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە CZ5879 نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئۈرۈمچىدىن سائەت 11:40تا ئۇچۇپ، سائەت 12:35تە كورلا ئايرودۇرۇمىغا قونىدۇ. CZ5880 نۆۋەتچى ئايروپىلانى كورلا ئايرودۇرۇمىدىن سائەت 13:20دە ئۇچۇپ، سائەت 14:10دا ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىغا قونىدۇ. نۆۋەتچى ئايروپىلان كۆپەيتىلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن كورلىغا بېرىش-كېلىش تېخىمۇ قولايلىقلىشىدۇ، ئەتىگەندە، چۈشتىن بۇرۇن، چۈشتە، چۈشتىن كېيىن، كەچتە نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدۇ، كورلىدىكى يولۇچىلار ئۈرۈمچى جەنۇبىي ئاۋىياتسىيەسىدىن بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، سىچۇەن قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى نۇقتىلىق شەھەرلەرگە بارالايدۇ-كېلەلەيدۇ، شۇ كۈنى ئۇلاپ ئۇچالايدۇ.
بېلەت باھاسى جەھەتتە، ئۈرۈمچىدىن كورلىغا 260 يۈەندىن، كورلىدىن ئۈرۈمچىگە 250 يۈەندىن باشلىنىدۇ. نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ كونكرېت بېلەت باھاسى شۇ ۋاقىتتىكى سۈرۈشتۈرۈلگىنى بويىچە بولىدۇ.