تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ياشانغانلارغا مۇۋاپىقلاشقان مۇلازىمەت خەلق قەلبىنى ئىللىتتى

قومۇل:

​ياشانغانلارغا مۇۋاپىقلاشقان مۇلازىمەت خەلق قەلبىنى ئىللىتتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

«ۋەي، مۇلازىمەت ئەترىتىمۇ، مەن دورامنى يەپ بولدۇم، ياردەم قىلىپ بىر قاپ ئەكېلىپ بېرەمسىز؟»

«بولىدۇ، ھازىرلا بارىمەن».

9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى خۇيتەي دورا پارچە سېتىش زەنجىرسىمان چەكلىك شىركىتى دۇكىنى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى يېقىن ئەتراپتىكى ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى شۈ يۇڭكاڭنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، 15 مىنۇتقىچە دورىنى يەتكۈزۈپ بەردى.

«مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قومۇل شەھەرلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ياشانغانلارنى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈر ھەرقايسى داۋالاش ئاپپاراتلىرى، زەنجىرسىمان دورا دۇكانلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ داۋالاش مۇلازىمەت شۆبە ئەترىتى تەشكىللەپ، ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ ئاغرىقلارنى داۋالاش، دورا يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىن ئىبارەت. ھازىرغا قەدەر، داۋالاش مۇلازىمەت شۆبە ئەترىتى 5000 ئادەم قېتىمغا يېقىن مۇلازىمەت قىلدى.

ياشانغانلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش قومۇل شەھىرىنىڭ «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇنى. بۇ مۇلازىمەت ياشانغانلارنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

داۋالىنىش كاپالىتىدە ياشانغانلار ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى

يېقىندا، قومۇل شەھىرى ئاھالىسى مېڭ فەنبىن جورىسىنى ئېلىپ شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ مۇلازىمەت زالى كۆزنىكىگە كېلىپ، باشقا جايدا داۋالىنىش بويىچە ئامبۇلاتورىيە ھەققىنى راسچوت قىلىش كەسپىنى بېجىردى. خىزمەتچى خادىمنىڭ يول باشلىشى بىلەن، بۇ ئەر - خوتۇن «ياشانغانلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» كۆزنىكىگە بېرىپ، بەش مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا بېجىرىپ بولدى.

«مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە، قومۇل شەھەرلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى ياشانغانلارنى داۋالاش كاپالىتى قولايلىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئون تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەخسۇس مۇلازىمەت كۆزنىكى تەسىس قىلغاندىن سىرت، ياشانغانلار داۋالىنىش كاپالىتى مۇلازىمىتىدىكى «يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش» تەدبىرى ئارقىلىق، ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىدىغان سوزۇلما كېسەللەرنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش، باشقا جايدا داۋالىنىش بويىچە يۆتكەپ دىياگنوز قويۇشنى ئەنگە ئالدۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىغىچە ئۇزارتىپ، ياشانغانلارنىڭ نومۇر ئېلىش، كېسەل كۆرسىتىش، دورا ئېلىش، راسچوت قىلىشتىكى ئۆچرەتتە تۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتتى، يەنە ياشانغانلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كەسپىي مۇلازىمىتى يوللىرىنى كېڭەيتىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا ئائىلىسىدىكىلەر، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، دوست - بۇرادەرلىرى ۋاكالىتەن بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، قومۇل شەھەرلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى جەمئىيەتكە قىزىق لىنىيەلىك تېلېفوننى ئېلان قىلىپ، باشقا جايدا داۋالىنىشنى ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملاش كەسپىنى يولغا قويۇپ، ياشانغانلارنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىشنى راسچوت قىلىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلدى. ھازىرغا قەدەر، قومۇل شەھىرىدە ياشانغانلار باشقا جايدا داۋالىنىش، دوختۇرخانىدا يېتىش بويىچە بىر بېكەت شەكلىدە راسچوت قىلغانلار 3000 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، باشقا جايدا داۋالىنىش ئامبۇلاتورىيە ھەققىنى بىر بېكەت شەكلىدە راسچوت قىلغانلار 7000 ئادەم قېتىمغا يېقىنلاشتى.

قولايلىق مۇلازىمەت قەلبلەرنى ھەقىقىي ئىللىتتى

«رەھمەت سىلەرگە، مۇلازىمىتىڭلار ھەقىقەتەن بەك ياخشى ئىكەن» دېدى قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ مۇلازىمەت زالىدا 65 ياشلىق شەھەر ئاھالىسى شۈ سۈيچىن مىننەتدارلىق بىلەن.

يېقىندا، شۈ سۈيچىن ئەر - خوتۇن ئۆي سېتىۋېلىشنى قارار قىلىپ، باج ئىدارىسىگە كېلىپ ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى سۈرۈشتۈردى. مۇلازىمەت زالىغا كېلىشى بىلەنلا، يېتەكچى بۇ ئىككى ياشانغان كىشىنى مەخسۇس ئورۇنغا باشلاپ باردى. ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ماتېرىياللارنى بىر - بىرلەپ تىزىپ چۈشەندۈردى، يەنە يەر خېتى بېجى سوممىسىنى ھېسابلاپ بەردى، مەسلىھەت سوراش تېلېفون نومۇرىنى قالدۇردى... سەمىمىي مۇلازىمەت بۇ ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى.

بۇ يىل ئېۋىرغول رايونلۇق باج ئىدارىسى كۆپ خىل ئىللىقلىق يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ياشانغانلارنى قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە قوللىنىپ باج بېجىرەلەيدىغان ياشانغانلارغا مەخسۇس ئادەم پۈتۈن جەريانلىق يېتەكچىلىك قىلدى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە ئارقىلىق باج بېجىرەلمەيدىغان ياشانغانلارنى تىزىملاپ زالغا كىرگۈزۈش ۋە كۆزنەكتە باج بېجىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، باج بېجىرىش زالىدا يېشىل يول ئاچتى، ياشانغانلار ئۆچرەتتە تۇرماي، كەلگەن ھامان بېجىرەلەيدىغان، مەخسۇس ئادەم كۈتۈۋالىدىغان بولدى.

ياشانغانلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنى پىششىق بىلمەيدۇ، بانكا قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدا كەسىپ بېجىرگەندە دائىم قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، خەلق بانكىسى قومۇل شەھەرلىك مەركىزىي تارماق بانكىسى تەۋەلىكتىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلىشى، ئىنچىكە ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. يېشىل يول ئېچىش، «ياشانغانلار مېھىر - شەپقەت كۆزنىكى» تەسىس قىلىش، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش، ياشانغانلارغا تونۇشلۇق بولغان بانكا ئامانەت كىنىشكىسى ۋە بانكا كارتىسى ئېچىش قاتارلىق كەسىپلەرنى ساقلاپ قېلىش... تۈرلۈك تەدبىرلەر ياشانغانلارنىڭ كەسىپ بېجىرىشىگە قولايلىق ھەم ئازادىلىك يارىتىپ بەردى.

ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش، ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش ياشانغاندا خۇشاللىقى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى

«شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلارنىڭ كۆپچىلىكنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز كۆرۈپ قويىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بالدۇرلا كەلدىم. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلار ماڭا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر نۇرغۇن بىلىملەرنى سۆزلەپ بەردى، ئۇلارغا كۆپ رەھمەت» دېدى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى لىيۈەن كوچىسى شىنشى كەنتىنىڭ 69 ياشلىق كەنت ئاھالىسى شۆ ئېنگۇاڭ.

شۇ كۈنى، قومۇل شەھەرلىك جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش ئىدارىسى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ 13 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنى شىنشى كەنتىدە خالىس كېسەل كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى نۇقتىلىق تەكشۈرتتى.

«مەن ئاخىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇم، ئائىلەمدىكىلەر بىلەن سىنلىق پاراڭلىشىشنى ئۆگىنىۋالغاندىن سىرت، يەنە يان تېلېفوندا كىنو، تېلېۋىزور كۆرەلەيمەن.» 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون قوللىنىش كۇرسىنى تاماملىغان شەھەر ئاھالىسى جاڭ جيەنشيۇ خۇشال ھالدا جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى قومۇل شۆبە شىركىتىدىكى پىدائىيلارغا رەھمەت ئېيتتى.

شۇ كۈنى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى قومۇل شۆبە شىركىتى قومۇل شەھەرلىك ياشانغانلار داشۆسى بىلەن بىرلىكتە «ياشانغانلار توپىنىڭ رەقەملىك ھاڭدىن ھالقىشى ھەم ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئىشلىتىشىگە ياردەم بېرىش» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزدى، 100دىن ئارتۇق ياشانغان كىشى كۇرسقا قاتناشتى. تەربىيەلەش پائالىيىتىدە، بۇ شىركەتنىڭ پىدائىيلىرى ياشانغانلارغا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئىشلىتىش ھەمدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان پىروگرامما مەشغۇلاتىنى قولمۇقول ئۆگەتتى.

ئىشىك توپ قومۇل شەھىرىدىكى ياشانغانلار ئارىسىدا كەڭ ئاساسقا ئىگە. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قومۇل شەھەرلىك ياشانغانلار تەنتەربىيە جەمئىيىتى 13 مەيدان ئىشىك توپ مۇسابىقىسى تەشكىللىدى. «بۈگۈنكى كۈندە مەيدان بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، چىملىق ياتقۇزۇلۇپلا قالماي، يەنە يورۇتۇش چىرىغى ئورنىتىلدى، ياشانغانلارنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئاكتىپلىقى تېخىمۇ ئاشتى» دېدى قومۇل شەھەرلىك ئىشىك توپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شيا ۋېيگۇاڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.