تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

«كىچىك بېك» بوكس چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە بىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

سىكاننېرلاپ سىننى كۆرۈڭ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ لياڭ خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭچيۇ كاتتا بايرىمىدا شىنجاڭ يەنە 1 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرىدىكى مۇسابىقە ئاخىرلاشتى، شىنجاڭلىق ماھىر توختاربېك تاڭاتقان 5:0 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ ماھىرى ئولپار خارخېڭنى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن يېڭىپ، ئەرلەرنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن يەنە بىر ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى.

ئولپار ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالمىشىپ چىققان دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق بوكس ماھىرى بولۇپ، ئىلگىرى كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك چوڭ مۇسابىقىلەردە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، كوماندىدىكى سەپداشلىرى تەرىپىدىن «كىچىك بېك» دەپ ئاتالغان توختاربېك ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇچرىشىپ، 3:0 نەتىجە بىلەن يېڭىپ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن. بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق مۇسابىقىسىدە، «كىچىك بېك» دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا تاللانغانلىقى سەۋەبىدىن تەبىئىيلا مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن؛ ئولپار بولسا تەييارلىق مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىدا 75 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە 1 - نومۇرلۇق ئۇرۇقلۇق ماھىرغا ئايلانغان.

بۇ مەيدان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بوكس تۈرىنىڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىسى بولۇپ، مەيداندىكى بارلىق تاماشىبىنلار ۋە مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەرقايسى ۋەكىللەر كوماندىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئولپار مۇسابىقە باشلىنىپ تۇنجى قېتىملىق تۇتۇشۇشتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، «كىچىك بېك» قاتتىق مۇداپىئەدە تۇرۇپ ئۇنىڭغا پۇرسەت بەرمىدى. رەقىبىنىڭ ئالدىنقى نەچچە قېتىملىق ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بەرگەندىن كېيىن، «كىچىك بېك» بوي ئېگىزلىكى، بىلەك ئۇزۇنلۇقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، مۇداپىئەدىن كېيىن ئۇدا كۈچلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ رەقىبىگە زەربە بېرىپ، مەيداندىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقنى قولغا كەلتۈردى.

ئىككىنچى قېتىملىق تۇتۇشۇشتا، «كىچىك بېك» كۈچىنى ساقلاپ قالماستىن، تېز سۈرئەتتە، كۈچلۈك بىرىكمە مۇشت بىلەن رەقىبىگە توختىماي ھۇجۇم قىلدى. ئالدىنقى مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئاخىرلىشىش پەيتىدە، «كىچىك بېك»نىڭ سول قاپىقى يېرىلىپ كەتكەنىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدە يارا ئېغىزى يەنە يېرىلىپ كەتتى، بىراق بۇ «كىچىك بېك»نىڭ روھىي ھالىتى ۋە رىتىمىگە پەقەت تەسىر كۆرسىتەلمىدى. «كىچىك بېك»نىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمى ئالدىدا، ئولپار تەبىئىيلا تەمتىرەپ قېلىپ، مەيداندا تۇتۇشۇش جەريانىدا چېكىنىشكە باشلىدى.

ئۈچ قېتىملىق تۇتۇشۇش ئاخىرلاشتى، «كىچىك بېك» 5:0 نەتىجە بىلەن مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ غەلىبە قىلىپ، چېمپىيون بولدى.

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا، «كىچىك بېك» قولىدىكى ئالتۇن مېدالنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن سۆيدى، بۇ ئۇنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئېرىشكەن تۇنجى ئالتۇن مېدالى ئىدى. ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، 21 ياشلىق «كىچىك بېك» «يېڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقماس» دېگەندەك غەيرىتى بىلەن ھەممە ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا خۇبېيلىق داڭلىق بوكس ماھىرى ۋېن يىنخاڭغا يېڭىلىپ قېلىپ 2 - لىككە ئېرىشكەنىدى.

«ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن، توختاربېك جۇڭگو بوكس كوماندىسىغا تاللىنىپ، مول خەلقئارالىق چوڭ مۇسابىقە تەجرىبىسىنى توپلىدى. دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىككى ماھىر بىلەن كۈچ سىنىشىش ئۇنىڭ بوكس تەنھەرىكىتىگە بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى، شۇنداقلا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇردى. دەل مۇشۇ تەجرىبە ۋە ئىشەنچ بولغاچقا، ئۇ بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى تۆت مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بوكس تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى ئابدۇشۈكۈر مىجىت.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.