تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​تېخنىكىنى ئېتىز بېشىغا يەتكۈزۈپ، بېيىش ئۈمىدىنى ئاشۇرىمەن

يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى پېڭ چاڭجىن:​

تېخنىكىنى ئېتىز بېشىغا يەتكۈزۈپ، بېيىش ئۈمىدىنى ئاشۇرىمەن

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خې جياڭ

«لاۋپېڭ، بۇ يىللىق جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنى قانداق ئۆتكۈزىسىز؟»

«كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتاتلىرىنى ياخشى تېرىشى، ياخشى سېتىشىغا ياردەملەشسەملا، ماڭا بايرام دېگەن شۇ».

بۇ، 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، غۇلجا شەھىرىنىڭ پەنجىم بازىرى تۆۋەنكى پەنجىم كەنتىدە، بازاردىكى كادىرلار بىلەن كەنت ئاھالىسى پېڭ چاڭجىننىڭ قىلىشقان پارىڭى.

مۇشۇ پەيتتە تۆۋەنكى پەنجىم كەنتىدە، تۇتاش كەتكەن كۆكتاتلىقتىكى چەيزە، خۇاسەي قاتارلىق كۆكتاتلار ئاللىبۇرۇن پىشقانىدى، 65 ياشلىق پېڭ چاڭجىن ئائىلىسىنىڭ ئېتىزلىقىدىكى كۆكتاتلارنى ئۈزۈشكە يېتىشەلمەيۋاتقان بولسىمۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېتىز پەرۋىشى قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

«پېڭ چاڭجىن نامى چىققان <دېھقان تېخنىك> ھەم غۇلجا شەھىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى خاس ۋەكىلى. نۇرغۇن دېھقاننىڭ بېيىشىدا ئۇنىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ.» غۇلجا شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىنىڭ تېخنىكى پەرھات يۈسۈپ مۇنداق دېدى: پېڭ چاڭجىن ئائىلىسىنىڭ لاپاس پارنىكى غۇلجا شەھىرىدىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات نۇسخىسى.

ئىلگىرى، پېڭ چاڭجىن باشقا كەنت ئاھالىلىرىگە ئوخشاش، پەقەت «كونا ئۈچ تۈر» − ياڭيۇ، بەسەي، سەۋزە تېرىيدىغان بولۇپ، پايدىسى يۇقىرى ئەمەس ئىدى. كۆپ قېتىملىق مەغلۇبىيەتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئۇ ليەنخۇابەي، شىلەنخۇا، زىگەنلەن قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، پايدىسى بىر قاتلاندى. بۇ، ئۇنىڭ كۆكتات تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشەنچىنى چىڭىتتى. ئارقىدىن، ئۇ ئەگمە پارنىك ياساپ كۆكتات تېرىدى، ئارقىدىن يەنە لاپاس پارنىكتا كۆكتات تېرىپ، يەنە بىر قېتىم مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

2014 - يىلى، پېڭ چاڭجىن كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ پەنجىم بازىرى چاڭپەن كۆكتات تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، 100دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، پېڭ چاڭجىن ھەر يىلى زور مىقداردا كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈپ، يېتىشتۈرگەن كۆكتات مايسىلىرى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنى ھەقسىز تەمىنلىدى؛ پەرھات كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ئىشلىدى. كۆكتات ئۆستۈرگەن كەنت ئاھالىلىرىگە قارىتا، پېڭ چاڭجىن يەنە ئىككى - ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ تېخنىكا يېتەكچىلىكى قىلىشتا چىڭ تۇردى.

كەنت ئاھالىسى ئەنۋەر ئابلا پېڭ چاڭجىننىڭ يېتەكچىلىكىدە، تۆت مو يېرىگە سىناق تەرىقىسىدە ليەنخۇابەي تېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا، ئەنۋەر ئائىلىسىنىڭ ئالغان پايدىسىنى باشقا كەنت ئاھالىلىرىگە ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسى كۆكتات ئۆستۈرۈش سېپىگە قوشۇلدى. بۈگۈنكى كۈندە، تۆۋەنكى پەنجىم كەنتىنىڭ كۆكتات تېرىقچىلىق كۆلىمى ئون نەچچە مودىن مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن 200 نەچچە موغا تەرەققىي قىلىپ، تېرىغان كۆكتات تۈرلىرى بازارنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن ئەگەشتى.

«پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى بولغاچقا، مەن بېيىيالىدىم. مەن بېيىدىم، يەنە تېخىمۇ كۆپ كىشىنى يېتەكلەپ بىللە بېيىيمىز» دېدى پېڭ چاڭجىن.

2016 - يىلىدىن باشلاپ، پېڭ چاڭجىن ھەقسىز تەمىنلەيدىغان كۆكتات مايسىسى تۆۋەنكى پەنجىم كەنتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. غۇلجا شەھىرىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلە، يېڭىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان تېرىقچىلىق ئائىلىسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى... باشقىلار ئېھتىياجلىق بولسىلا، ئورۇنلار ئېھتىياجلىق بولسىلا ئۇ ھەقسىز تەمىنلىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن كەنت ئاھالىلىرىگە تېرىش ئۇسۇلىنى قولمۇقول ئۆگەتتى، يەنە بىر تەرەپتىن سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم قىلدى.

ئالتە يىلدىن بۇيان، ئۇ جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنى قىممىتى 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كېلىدىغان 1 مىليون تۈپتىن ئارتۇق كۆكتات مايسىسى بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.