تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مېلودىيەسىنى ياڭرىتىش كەنت گۈزەل، خەلق باي بولۇش ناخشىسىنى ياخشى ئېيتىش

​− 2021-يىللىق جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنى خۇشال كۈتۈۋالايلى (3)

□ ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

كۈز مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، مەيىن شامال كىشىگە ئارام بەخش ئېتەتتى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا مول ھوسۇل شادلىقى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چېھرىدە جىلۋىلەندى. بۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە قەدەم قويغان تۇنجى مول ھوسۇل پەسلى. چەكسىز كەتكەن مۇنبەت تۇپراقتا كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان يېزا-كەنتلەرنىڭ مول ھوسۇل يۆگىمە رەسىمى نامايان بولدى.

يېشىللىقتىن ھالقىپ، يەنە بىر يۇقىرى پەللىگە چىقىش. كەڭ يېزىلاردا كۈچ ئۇرغۇدى، كىشىلەردە ئۈمىد تۇغدۇردى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، كۆپ نۇقتىدىن كۈچەپ، «سەھرا»لارغا داۋاملىق جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى. كەنت گۈزەل، خەلق باي، كەسىپلەر گۈللەنگەن بولۇشتەك ئۇلۇغۋار ئارزۇ يېڭى دەۋردىكى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا قەدەممۇقەدەم ئىشقا ئاشماقتا.

سىياسەت ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈش   جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش

مەي باغلاپ پىشقان مېۋىلەرگە تولغان شاخلار بېشىنى كۆتۈرەلمەي قالغانىدى، بۇنى كۆرگەن يەكەن ناھىيەسى ئىشقۇل يېزىسى بەخت كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى خاسىيەت تۇرۇپنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

خاسىيەت ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ، ئادەتتە مېۋىلىك دەرەخلەرنى باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىشقا مەسئۇل. ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى نەتىجىسىدە، بۇ مېۋىلىك باغدىن بۈگۈنكى كۈندە مول ھوسۇل ئېلىندى، ئۇنىڭ قەلبى پەخىرلىنىش ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا تولدى.

خاسىيەت گەرچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ قالپىقىنى ئېلىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغاچقا، ئاجىز ئەمگەك كۈچىگە تەۋە بولۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپى بار ئىدى. يەرلىك ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي كاپالەت بىلەن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىتى ئارقىلىق ئۇنى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، مۇقىم كىرىمى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ھازىر ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

شىنجاڭ كاپالەت دەل جايىدا بولۇش، يۈرۈشلەشكەن، ئەسقاتىدىغان سىياسەت-مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى. شىنجاڭ قالپاق ئېلىۋېتىلسىمۇ مەسئۇلىيەتنى توختاتماسلىق، قالپاق ئېلىۋېتىلسىمۇ سىياسەتنى توختاتماسلىق، قالپاق ئېلىۋېتىلسىمۇ ياردەم بېرىش-يۆلەشنى توختاتماسلىق، قالپاق ئېلىۋېتىلسىمۇ نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى توختاتماسلىقتىن ئىبارەت «تۆتنى توختاتماسلىق» سىياسىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سەككىزنى ئۆزگەرتمەسلىك»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «سەككىزگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىكنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلىدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلار، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىغا تېخىمۇ پۇختا بولغان كاپالەت تورىنى زىچ توقۇش ئۈچۈن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە مائارىپنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، ساغلام بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى قاتارلىق 50تىن ئارتۇق سىياسەت خاراكتېرلىك ھۆججەتنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، خىزمەتتە بوشلۇق قالدۇرماسلىق، سىياسەتتە بوشلۇق قالدۇرماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ «ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى جىپسىلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش ياردەم پۇل مەبلىغىنى باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىق سىياسەت ھۆججەتلەرنى تۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 32 ناھىيەنىڭ مالىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار مەبلەغنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرىكتۈرۈش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشىنى داۋاملىق قوللىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن جەمئىي 32 مىليارد 473 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرغان، يولغا قويۇلغان تۈر 3193 بولۇپ، نۆۋەتتە تاماملانغان تۈر 1838.

كەسىپلەر گۈللىنىش   دېھقانلارغا ياردەم بېرىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ چارىسى بار بولۇش

يېقىندا، لوپ ناھىيەسىنىڭ ناۋا يېزىسى باش قاراقىر كەنتىدىكى 200 مو يەردىكى شوخلىنىڭ بازىرى چىقتى.

«بۇ بىرنەچچە كۈندە كەنت ئاھالىلىرىنى شوخلا ئۈزۈش، ئايرىپ تاللاش، يەشىككە قاچىلاش، ئاپتوموبىلغا قاچىلاشقا تەشكىللەپ، ئاندىن قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا سېتىشقا يولغا سالدۇق» دېدى لوپ ناھىيەسى جىنمېي كۆكتات ئۆستۈرۈش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ليۇ چېڭفېي.

لوپ ناھىيەسى جىنمېي كۆكتات ئۆستۈرۈش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بۇ يىل 3-ئايدا يېزىنىڭ قوللىشى بىلەن، يەرنى ئوبوروت قىلىش ئەندىزىسى بويىچە 200 مودىن ئارتۇق يەرنى ھۆددە ئېلىپ شوخلا تېرىپ، شۇ جايدىكى 50تىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

«ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشقا ئورۇنلاشقان خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، بىز 2022-يىلى يەنە 200 مودىن ئارتۇق يەرنى كېڭەيتىپ، كەسىپلەرنى زورايتىش بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدۇق» دېدى ليۇ چېڭفېي.

يەكەننىڭ سەبدەرگۈلى، كېرىيەنىڭ قىزىلگۈلى، گۇمىنىڭ يېمەكلىك زەمبۇرۇغى، قاغىلىقنىڭ گۆش كەپتىرى، چىرانىڭ نەسىللىك توشقىنى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى كەسىپ تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، زورايتىپ، «بىر ناھىيەدە بىر كەسىپ بولۇش» «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش»تىن ئىبارەت كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر ئائىلىدە بىر تۈر بولۇشتەك كىرىمنى ئاشۇرۇش تۈرىنى ئىشقا ئاشۇردى.

كەسىپلەر گۈللەنسە، يېزا-كەنتلەر گۈللىنىدۇ؛ كەسىپلەر جانلانسا، ھەممە ئىش جانلىنىدۇ. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ بازار يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى خاس بايلىققا قويۇپ، ئىستېمال ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ماسلىشىپ، ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلاردىكى كەسىپلەرنى داۋاملىق ئۇزاققىچە يېتىشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ.

دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش   «مول ھوسۇل» يوللىرىنى كېڭەيتىش

بىرنەچچە مو يەر تېرىش پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنى ھاردۇرۇپ قويۇشتىن بىر ئادەملا ئۆزى 1000 مو يەرنى باشقۇرۇشقىچە، سانجى شەھىرى يۇشۇگۇ بازىرى يۇڭجىن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ما يۇڭخۇ ئېتىز بېشىدا يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولماقتا.

«ئىلگىرى، ئاتا-بوۋىلىرىمىز يەر تېرىغاندا كۈچ-قۇۋۋىتى، زېھنىنى سەرپ قىلاتتى، يىل بويى ئىشلەپمۇ ھېچقانچە پۇل تاپالمايتتى.» ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ئوخشىمايدۇ، ياخشى دەۋرگە ئۇلاشتۇق، تېرىشتىن ھوسۇل ئېلىشقىچە پۈتۈن جەريانغا تېخنىكا يېتەكچىلىكى بار، يەنە كېلىپ ھەممىسى ماشىنىلاشتى، مەھسۇلات مىقدارى، كىرىمىمىز كاپالەتكە ئىگە بولدى.

بۇ بىرقانچە يىلدا، ما يۇڭخۇ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى بىلەن زاكاز شەكلىدە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، ئۇرۇقلۇققا ئىشلىتىلىدىغان كۆممىقوناق ۋە ئۇرۇقلۇققا ئىشلىتىلىدىغان بۇغدايدىن ئۇدا مۇقىم ھوسۇل ئالدى.

بۈگۈنكى كۈندە، يەرنى بىرلەشتۈرۈپ تۈزلەش، تۈجۈپىلەپ تېرىش، سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش، تۇپراقنى رېتسېپلىق ئوغۇتلاش، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا «بىرنى پۈركۈپ، ئۈچتىن مۇداپىئەلىنىش»، كومبايىندا ئورۇش قاتارلىق ئىلغار ماشىنا ۋە تېخنىكىلار قوللىنىلىپ، يەردىن كىرىدىغان كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قېزىلدى.

دەۋر زور دولقۇنى ئۆركەشلەپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى يېڭىلىدى، شۇنداقلا تەپەككۇر ئەندىزىسىنىمۇ ئۆزگەرتتى. «كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر! بۇ، چامغۇر تالقىنى، چامغۇر قېقى قاتارلىق مەھسۇلاتلار، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئالاھىدە يۇقىرى...» كەلپىن ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە، ئاچال بازىرى تۇرا كەنتىدىكى چامغۇر تېرىقچىلىق ئائىلىسى سەمەت سالام قىسقا سىن سۇپىسى ئارقىلىق، ھەۋەسكارلارغا چامغۇر مەھسۇلاتلىرىنى تەۋسىيە قىلدى.

بۇلتۇر 7-ئايدا كەنت ئۇيۇشتۇرغان 1-تۈركۈمدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقاندىن كېيىن، سەمەت ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى ئۆگىنىۋالدى، ئۇ ئۆزى تېرىغان چامغۇرنى پاك-پاكىز سېتىپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بەردى.

دېھقانلار «تور بىلەن ئۇچرىشىپ» سودا-سېتىق قىزىپ كەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئۆستۈرۈش، ئەلالاشتۇرۇش، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەش-يەتكۈزۈش سىستېمىسىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش، يېزا زامانىۋى سودا ئوبوروت سىستېمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق بىرقاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ «مول ھوسۇل يولى»نى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى 7 مىليارد 416 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.36 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.