تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

​يېڭى دەۋردىكى ماركسىزم شۆيۈەنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

​يېڭى دەۋردىكى ماركسىزم شۆيۈەنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9-ئاينىڭ 21-كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «يېڭى دەۋردىكى ماركسىزم شۆيۈەنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەرقايسى رايون، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ماركسىزم بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، دۆلەت قۇرۇشىمىزدىكى تۈپ يېتەكچى ئىدىيە، ماركسىزم شۆيۈەنى ماركسىزمنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىشتىكى ئاساسىي بازا، ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشتىكى ئاساسىي يولى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماركسىزم شۆيۈەنى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا تېز ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى تەلىپى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مائارىپ ئوقۇتۇشى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنە پەرق مەۋجۇت بولۇپ، جەزمەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، ماركسىزم شۆيۈەنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يېڭى دەۋردە ماركسىزم شۆيۈەنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى بولغان ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، توغرا يولنى چىڭ ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ماركسىزم شۆيۈەنى قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسەت تىرىكى مېخانىزمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ماركسىزم شۆيۈەنى قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ماركسىزم شۆيۈەنى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، قاتتىق نازارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ باھالاپ، ماركسىزم شۆيۈەنى قۇرۇلۇشىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ باھالاش، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنى باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ماركسىزم شۆيۈەنىنى ياخشى قۇرۇش، كۈچلۈك قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.