تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شېرىن تەملىك مېۋە - چېۋىلەر جاي - جايلارغا توشۇلدى

9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ۋۇگۇڭتەي بازىرىدىكى تاڭدۇن مېۋىلىك بېغى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدا، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق شۇ جاينىڭ يېڭى ئۈزۈملىرىنى تونۇشتۇردى. □تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، كورلا ئايرودۇرۇمىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى توغاچ شاپتۇلنى قاچىلىماقتا. شۇ كۈنى، بەش توننا توغاچ شاپتۇل لىق قاچىلانغان «توغاچ شاپتۇل ناملىق» نۆۋەتچى ئايروپىلان كورلا ئايرودۇرۇمىدىن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچتى، بۇ، كورلا ئايرودۇرۇمىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مېۋە - چېۋە مەھسۇلاتلىرى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت پەسلىنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. □مېڭ شياۋيۈ فوتوسى

8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، 640 توننا پەيزاۋات شىنمېيسى لىق قاچىلانغان سوغۇق ساقلاش كونتېينېرى 11202 - قېتىملىق يۈك پويىزىغا بېسىلىپ، قەشقەر ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، شەنشىنىڭ ۋېيچېڭ ۋوگزالىغا توشۇلدى، ئاندىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بازارلارغا يۆتكەپ توشۇلىدۇ. □ياڭ لې فوتوسى

8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئىشچىلار قوغۇنلۇقتا قوغۇن قاچىلىماقتا. ھازىر، ئارا تۈرۈك ناھىيەسىنىڭ نوم بازىرىدىكى 33 مىڭ 500 مو يەرگە تېرىلغان كېيىن پىشىدىغان قوغۇن ئارقا - ئارقىدىن پىشتى، نىڭبو، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن سودىگەرلەر بەس - بەستە كېلىپ تاللاپ سېتىۋالدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى گۇاڭجوۋ شەھىرىنىڭ بەييۈن رايونى يۈەنجىڭ يولىدىكى مەھەللە مېۋە - چېۋە دۇكىنىدا شىنجاڭدىن كەلگەن ھەر خىل مېۋە - چېۋىلەرنى سېتىۋالماقتا. نۆۋەتتە، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەھەللە مېۋە - چېۋە دۇكىنىدىن 1200نى قۇردى. □تاڭ يىڭ فوتوسى

8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، كوپىراتىپ ئەزالىرى مالىنا توشۇماقتا. كۈنەس ناھىيەسىنىڭ كەڭسۇ بازىرى قازاق مەھەللە كەنتىدە، كۈنەس ناھىيەسى كاڭچۈەن مالىنا پىششىقلاش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى مالىنا ئۆستۈرۈش، پىششىقلاش، سېتىش ئارقىلىق، شۇ جايدىكى 50 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ مۇقىم كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى. □جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى

9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، خىزمەتچىلەر ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئۈجمە ئايرىماقتا. كۇچا چۇنرەن يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئۈجمە كونسېرۋاسى، ئۈجمە ھارىقى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان كارخانا بولۇپ، يىلدا 100 توننىدىن ئارتۇق ئۈجمىنى پىششىقلايدۇ. □يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى

9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، باغۋەنلەر كۇچا شەھىرىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسى توغچى كەنتىدىكى مېۋىلىك باغدا شىڭلى ئۈزمەكتە. بۇ يېزا بۇ يىل ئۆستۈرگەن 300 مودىن ئارتۇق يەردىكى شىڭلىنىڭ ھەممىسى زاكاز ئارقىلىق شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا سېتىلدى. □ۋۇ لې فوتوسى

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

ئەگەر پەسىلنىڭ تەمى بار دېيىلسە، ئۇنداقتا شىنجاڭنىڭ كۈز پەسلىنى قانداق تەمدە دەيمىز؟ شېرىن تەملىك دەيمىز، بۇ، شىنجاڭ مېۋە - چېۋىلىرىنىڭ كۈز پەسلىدە قالدۇرغان ئىزناسىدۇر.

9 - ئايدىكى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى خۇددى ناھايىتى چوڭ بىر مېۋە پەتنۇسىغا ئوخشايدۇ، ئالمىلار قىزىرىپ، قوغۇنلار توق سېرىق رەڭگە كىرىپ، ئۈزۈملەر سۆسۈن رەڭگە تولدى، شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە مېۋە - چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى تارىلىپ، شېرىن تەمى كىشىنى مەستخۇش قىلدى، دۇنياغا تونۇلغان مېۋە - چېۋە ماكانى كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، ئېگىز تاغلار بىلەن جىلغىلار ئارىسىدا، بوستانلىق بىلەن چۆللۈكلەردە، ھەممە يەردە مېۋە - چېۋىنىڭ خۇش ھىدى تارالماقتا. كۆز يەتكۈسىز قۇم دېڭىزى ياقىسىدىن ئىچكى رايونلارغىچە بولغان جايلاردا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان چوڭ - چوڭ مېۋىلىك باغلار بار بولۇپ، بۇ، كىشىلەر ئۆز قولىغا تايىنىپ بەرپا قىلغان يېشىللىق، ھاياتلىقتىن دېرەك بېرىدىغان يېشىللىق، شۇنداقلا باي - باياشاتلىقتىن دېرەك بېرىدىغان يېشىللىقتۇر.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا باغ - ئورمانچىلىق كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. 2020 - يىلىغا كەلگەندە، شىنجاڭنىڭ باغ - ئورمانچىلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 18 مىليون 500 مىڭ موغا يېتىپ، مېۋە - چېۋە ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 8 مىليون 450 مىڭ توننىغا يەتتى (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).

مېۋە - چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى شىنجاڭغا تارىلىپلا قالماي، پۈتۈن مەملىكەتكە تارالدى. شىنجاڭنىڭ مېۋە - چېۋىلىرى ئىلگىرىكى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىپ، ئۆزى سېتىشنى ئاساس قىلىشتىن ھەريىلى %80تىن ئارتۇق مېۋە - چېۋە مەھسۇلاتىنى سىرتقا سېتىشقا ئۆزگىرىپ، باغ - ئورمانچىلىق كەسپى شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم كەسىپكە ئايلاندى.

ئالتۇن كۈز پەسلىدە، ئىسسىق قۇملۇق شامىلىدا يېتىلگەن شېرىن تەملىك مېۋە - چېۋىلەر ئاخىر مەي بولۇپ پىشىپ مول ھوسۇل بەردى. مېۋە - چېۋىلەرگە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى باغۋەنلەرنىڭ ئارزۇ - ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، مېۋە - چېۋىلەر ئايروپىلان، پويىز، ئاپتوموبىل ئارقىلىق توشۇلۇپ، تاللا بازارلىرىغا، بازارلارغا، مەھەللىلەرگە كىردى... تېخىمۇ كۆپ كىشى شېرىن تەملىك مېۋە - چېۋىلەرگە ئېغىز تەگدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.