تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى

(2021 - يىل 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

77 - نومۇرلۇق

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28 - يىغىنىدا 2021 - يىل 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2021 - يىل 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

2021 - يىل 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى

مۇندەرىجە

1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2 - باب كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش

3 - باب ئىختىساسلىقلارنى تىرەك قىلىش

4 - باب مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش

5 - باب ئېكولوگىيەنى قوغداش

6 - باب تەشكىلىي قۇرۇلۇش

7 - باب شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى

8 - باب يۆلەش تەدبىرى

9 - باب نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش

10 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 - ماددا بۇ قانۇن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈش، دېھقانلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2 - ماددا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلىرىنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەسىنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشتا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان يېزا - كەنت شەھەردىكى رايونلاردىن باشقا، تەبىئىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئالاھىدىلىككە ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيە، مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە فۇنكسىيەگە ئىگە رايون ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنى، جۈملىدىن يېزا - بازار ۋە كەنتنى كۆرسىتىدۇ.

3 - ماددا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، سىياسىي قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش ئالغا سۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزىگە خاس فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

4 - ماددا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۆۋەندىكى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك:

(1) يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، كادىر قويۇشتا ئالدىن ئويلىشىش، مۇھىم ئامىل تەقسىماتىدا ئالدىن قانائەتلەندۈرۈش، مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈش، ئاممىۋى مۇلازىمەتتە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش؛

(2) دېھقانلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، دېھقانلارنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغىتىپ، دېھقانلارنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش؛

(3) ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرۈش؛

(4) ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈپ، يېزا - كەنتلەردىكى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش؛

(5) شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئاۋۋال يىرىك پىلان تۈزۈش، تەدرىجىي ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ماسلىشىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، تەرەققىيات ئەھۋالى، رايون ئورنى شارائىتى، بايلىق ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئاساسىغا قاراپ تۈرگە ئايرىپ ئالغا سۈرۈش.

5 - ماددا دۆلەت ئائىلە بويىچە ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ئاساس قىلىنغان، بىرتۇتاش باشقۇرۇش بىلەن تارقاق باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن قوش قاتلاملىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، زورايتىدۇ.

6 - ماددا دۆلەت شەھەر - يېزا يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە - مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەھەر - يېزا مۇھىم ئامىللىرىنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشى، باراۋەر ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە ئاممىۋى بايلىقنىڭ تەكشى تەقسىملىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى تولۇقلاش، شەھەر ئارقىلىق يېزىلارغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، شەھەر بىلەن يېزا بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، ماس تەرەققىي قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان يېڭىچە سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، شەھەر - يېزا مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

7 - ماددا دۆلەت سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداشنى ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا - كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرىدۇ، تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

ھەر يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە كۈزلۈك كۈن تەڭلىك كۈنى جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى بولىدۇ.

8 - ماددا دۆلەت ئۆزىمىزنىڭكىنى ئاساس قىلغان، مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قويىدىغان، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، مۇۋاپىق ئىمپورت قىلىدىغان، پەن - تېخنىكا تىرەك بولىدىغان ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئاشلىق ساقلاشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ساقلاشنى تېخنىكىغا باغلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تەدبىر قوللىنىپ ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى كەسىپ بەلبېغى قۇرۇپ، ئاشلىق پىششىقلاش، ئوبوروت قىلىش، زاپاس ساقلاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دانلىق زىرائەت بىلەن ئاساسەن ئۆزىنى قامداش، ئوزۇقلۇق ئاشلىق مۇتلەق بىخەتەر بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

دۆلەت ئاشلىق پىششىقلاش، زاپاس ساقلاش، توشۇش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ئاشلىقنى پىششىقلاپ مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇش نىسبىتى ۋە پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئاشۇرىدۇ، ئاشلىقنى تېجەپ زىياننى ئازايتىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

9 - ماددا دۆلەت مەركەز بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، ئۆلكىلەر باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، شەھەر، ناھىيە، يېزىلار ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمەت مېخانىزمى بەرپا قىلىدۇ، تاكامۇللاشتۇرىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى سىناش، باھالاش تۈزۈمى، خىزمەتنى يىللىق دوكلات قىلىش تۈزۈمى ۋە نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

10 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش، ماكرو جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ؛ گوۋۇيۈەننىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش، يېتەكلەش ۋە نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

11 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى كۆپ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزام ۋە سىياسەتلەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا - كەسپىي ئورۇنلار قاتارلىق جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.

2 - باب كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش

12 - ماددا دۆلەت يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كوللېكتىپ مۈلۈكنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ نەپكە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دېھقانلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئەۋزەل خاس بايلىقىنى تايانچ قىلىپ، يېزا 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، رەقەملىك يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرۈپ، يېڭى كەسىپلەر، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە ۋە يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش ئاساسىي گەۋدىسىنى يېتىلدۈرۈپ، كىچىك دېھقان ئائىلىسى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

13 - ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئالغا سۈرۈپ، ئەۋزەل خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەمىناتى ۋە سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، سورت يېتىشتۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ماركا يارىتىش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

دۆلەت مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، سورتلار بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىلمىي - مۇۋاپىق، بىخەتەر - يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

14 - ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك يېرىنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تېرىلغۇ يەرنى قاتتىق قوغدايدۇ، يېزا ئىگىلىك يېرىنى قۇرۇلۇش يېرىگە ئۆزگەرتىۋېتىشنى قاتتىق تىزگىنلەيدۇ، تېرىلغۇ يەرنى ئورمان يېرى، باغ قاتارلىق باشقا تىپتىكى يېزا ئىگىلىك يېرىگە ئۆزگەرتىۋېتىشنى قاتتىق تىزگىنلەيدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي مىقدارىنى كېمەيتىۋەتمەسلىككە، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

دۆلەت ئاساسىي ئېتىزلارنى مەڭگۈلۈك قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيە رايونى، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى قوغداش رايونى قۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارنى بەرپا قىلىدۇ ۋە قوغدايدۇ.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا يەرلىرىنى رەتلەش ۋە يېزا ئىگىلىك يېرىدىن ئىلمىي، بىخەتەر پايدىلىنىشنى ئالغا سۈرۈپ، ئېتىز - ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلىشى كېرەك.

15 - ماددا دۆلەت دېھقانچىلىق ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سورت يېتىشتۈرۈشنىڭ ئۇل خاراكتېرلىك، ئالدىنقى قاتاردىكى ۋە ئەمەلىي تېخنىكا تەتقىقاتىغا مەدەت بېرىپ، زىرائەت ۋە چارۋا - قۇش قاتارلىقلارنىڭ ئەلا سورتىنى يېتىشتۈرۈش، سورت يېتىشتۈرۈش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئۇرۇقچىلىق پەن - تېخنىكىسى نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە ئەلا سورتلارنى كېڭەيتىشكە ئىلھام بېرىپ، ئۇرۇقچىلىقنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە يولغا قويۇپ، ئۇرۇقچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

16 - ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىسىنى يېتىلدۈرۈپ، كارخانا ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقات ماسلاشقان يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇپ، يېڭى سورت، يېڭى تېخنىكا، يېڭى جابدۇق، يېڭى مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ يارىتىشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، بىيولوگىيەلىك ئۇرۇقچىلىق، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، يېشىل يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇمى ساھەسى قاتارلىق ساھەلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سۈرۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ئىجادىي قوزغاتما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى باھالاپ تەكشۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى باھالاپ تەكشۈرۈش، نەتىجە مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئۇل خاراكتېرلىك، ئاممىۋى مەنپەئەت خاراكتېرلىك تەتقىقات سېلىنمىسىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپلىقىنى قوزغايدۇ.

17 - ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ كېڭەيتىشكە پايدىلىق بولغان رىغبەت مېخانىزمى ۋە مەنپەئەتتىن تەڭ پايدىلىنىش مېخانىزمى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، كارخانا، ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى، پەن - تېخنىكا ئىجتىمائىي تەشكىلاتى، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى، كەسىپلەشكەن، ئىجتىمائىيلاشقان يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت تەشكىلاتى، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا خادىمى قاتارلىقلارنىڭ كېڭەيتىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

18 - ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەتقىق قىلىپ يارىتىش ۋە كېڭەيتىپ قوللىنىشقا ئىلھام بېرىپ، ئاساسلىق زىرائەت ئىشلەپچىقىرىش پۈتكۈل جەريانىنىڭ ماشىنىلىشىشىنى ئالغا سۈرۈپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، ئورمانچىلىق - ئوتلاقچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى پىششىقلاش جابدۇقلىرى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، ماشىنىلاشتۇرۇش بىلەن ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىشنى ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى يېزا ئىگىلىكىنى مۇۋاپىق كۆلەمدە باشقۇرۇشقا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئىلھام بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ئۇچۇرى بويىچە كۆزىتىش - سىگنال بېرىش ۋە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سۈرىدۇ.

19 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلارنىڭ بايلىقى ۋە ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، خاس يېزا ئىگىلىك، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى، يېزا - كەنت قول ھۈنەرۋەنچىلىكى، يېشىل بىناكارلىق ماتېرىيالى، قىزىل ساياھەت، يېزا - كەنت ساياھىتى، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش ۋە يېزا - كەنت ئەشيا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىشى؛ يېڭىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش ئاساسىي گەۋدىلىرىنى خاسلاشقان، كەسىپلەشكەن تىجارەت ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنى مۇۋاپىق تەقسىملەشكە يېتەكلەپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەل رايونى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر رايونى، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا باغچە رايونى، يېزىلاردىكى ئىگىلىك تىكلەش رايونى، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا - كەنت ساياھىتى بويىچە نۇقتىلىق كەنت - بازار قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى قوللىشى؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان جاي، يىغىدىغان - تارقىتىدىغان جاي، ساتىدىغان جايدا بازار قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروتى تايانچ تورى ۋە سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى؛ كارخانىلارنىڭ خەلقئارالىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىسپاتى ئېلىشىغا ئىلھام بېرىپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىغا ۋە كەسىپ سىياسىتىگە، مۇھىت ئاسراش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

20 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۆلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، دېھقانلار، يۇرتىغا قايتقانلار، يۇرتقا كەلگەنلەرنىڭ يېزا - كەنتلەردە ئىگىلىك تىكلىشى، يېڭىلىق يارىتىشىغا مەدەت بېرىپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

21 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا پايدىلىق مېخانىزمنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، شۇ كوللېكتىپ ئەزالىرىغا ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇلازىمىتى قىلىپ، ئەزالارنىڭ كوللېكتىپ تىجارەت كىرىمىدىن پايدا بۆلۈشۈش ھوقۇقىغا ئېرىشىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

دۆلەت دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كارخانا، ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى تەشكىلاتى قاتارلىقلارنىڭ كۆپ خىل ئۇسۇلدا دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتى بىلەن زىچ باغلاش مېخانىزمى بەرپا قىلىشىغا مەدەت بېرىپ، دېھقانلارنى پۈتكۈل كەسىپ زەنجىرىنىڭ قوشۇلما قىممەت پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىدۇ.

22 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت ئىلكىدىكى دېھقانچىلىق (ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق) مەيدانلىرىنىڭ يىرىك پىلان قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، دۆلەت ئىلكىدىكى دېھقانچىلىق (ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق) مەيدانلىرىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈشى، دۆلەت ئىلكىدىكى دېھقانچىلىق (ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق) مەيدانلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك.

23 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەمىنات - سودا كوپىراتىپلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەمىنات - سودا كوپىراتىپلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتى بىلەن بولغان باغلىنىشنى كۈچەيتىشىگە ئىلھام بېرىپ، بازار مەشغۇلاتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىگە مۇلازىمەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئۇنىۋېرسال ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

3 - باب ئىختىساسلىقلارنى تىرەك قىلىش

24 - ماددا دۆلەت يېزا - كەنت ئىختىساسلىقلار خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەدبىر قوللىنىپ جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنىڭ تەلىم - تەربىيە، تېخنىكا مەدىتى، ئىگىلىك تىكلەش يېتەكچىلىكى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، شەھەر ئىختىساسلىقلىرىنى يېزىغا بېرىشقا يېتەكلەپ، كەسپىي ئىختىساسلىقلارنىڭ يېزا - كەنتلەرگە مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

25 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا مائارىپ خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، يېزا مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى سىجىل ياخشىلىشى، توردا يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، يېزا ئاساس مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى، يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت خىراجىتىدىكى سىفەن مائارىپىنى يولغا قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى يېزا - كەنتلەردە ئوقۇتقۇچى بولۇشقا جەلپ قىلىشى، يېزا - كەنتلەردە ئۇزاق مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئوقۇتقۇچىلارغا ئۇنۋان باھالاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىپ، يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تارىخى سەۋىيەسى، ئومۇمىي ساپاسى ۋە يېزا - كەنت مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ يېزا - كەنتلەرنىڭ داۋالاش - ساقلىق ساقلاش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ناھىيە، يېزا، كەنت داۋالاش - ساقلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ تەربىيەلىنىشى، بىلىم ئاشۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، ناھىيە - يېزا - كەنت ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن كەسىپ تەرەققىيات مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، يېزا - كەنتلەردە ئىشلەۋاتقان داۋالاش - ساقلىق ساقلاش خادىملىرىغا ئېتىبارلىق تەمىناتنى يولغا قويۇپ، تېببىي ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزا - كەنتكە بېرىپ ئىشلىشىگە ئىلھام بېرىپ، ۋىراچلارنىڭ يېزا - كەنت داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى، يېزا - كەنت شىپاخانىسى ئېچىشى، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرى، قانۇن مۇلازىمىتى ئىختىساسلىقلىرى، جەمئىيەت خىزمىتى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشى، يېزا - كەنت مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، يېزا - كەنت مەدەنىيەت تايانچ كۈچلىرىنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك.

26 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ كەسپىي مائارىپ ۋە داۋاملىق تەربىيەنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش، يۇرتىغا قايتقانلارنى ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، بىلىملىك، تېخنىكىسى بار، تىجارەتكە ماھىر، باشقۇرۇشنى بىلىدىغان يۇقىرى ساپالىق دېھقان ۋە يېزا ئەمەلىي ئىختىساسلىقلىرى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش باشلامچىلىرىنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك.

27 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى تەسىس قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، مەدەت بېرىپ، يېزا كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىشى كېرەك.

28 - ماددا دۆلەت شەھەر ئىختىساسلىقلىرىنىڭ يېزىلارغا يۈزلىنىشىگە ئىلھام بېرىپ، شەھەر بىلەن يېزا ئارا، رايونلار ئارا، مەكتەپ بىلەن جايلار ئارا ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بويىچە ھەمكارلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىدۇ، تاكامۇللاشتۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ھەر خىل ئىختىساسلىقلارنى يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەت خىزمىتى ۋە يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى پىدائىيلىق مۇلازىمىتى سۇپىسى قۇرۇپ، ھەر خىل ئىختىساسلىقلارنىڭ كۆپ خىل ئۇسۇلدا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىغا مەدەت بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى شۇنىڭغا يېتەكلەيدۇ.

يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتى، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى يۇرتىغا قايتقانلار، يۇرتقا كەلگەنلەر ۋە تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارغا زۆرۈر ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك. يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ مۇناسىۋەتلىك پاراۋانلىق تەمىناتى بەرسە بولىدۇ.

4 - باب مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش

29 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، يېزا مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا - كەنت جەمئىيەت مەدەنىيلىكى دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

30 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ دېھقانلارنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ئىلمىي، ساغلام ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، كەنت ئاھالىسى ئەھدىنامىسىنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ناچار ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپچىلىق قاتارلىق كونا قالاق ئادەتلەرنى تۈگىتىپ، ياشانغانلارغا ۋاپادار بولۇش - تۇغقانلارغا كۆيۈنۈش، ئىقتىسادچىل - تېجەشلىك بولۇش، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەر - ئاياللار باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىي كەنت - بازار، مەدەنىي ئائىلە بەرپا قىلىپ، مەدەنىي يۇرت ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ئاددىي - ساددا خەلق ئىستىلى يېتىلدۈرۈپ، مەدەنىي يېزا - كەنت قۇرۇشى كېرەك.

31 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا - كەنت ئاممىۋى مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى تورى ۋە مۇلازىمەت يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەكلى كۆپ خىل بولغان دېھقانلار ئاممىۋى مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، بايرام ئۆرپ - ئادەت پائالىيىتى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، رادىيو - تېلېۋىزىيە، ئۈن - سىن تورى ۋە كىتاب، گېزىت - ژۇرنالدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېزا - كەنت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى يوللىرىنى كېڭەيتىپ، قولاي، ئەپچىل ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار تېمىسىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىگە مەدەت بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرمۇشىنى ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئەمەلىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىشلەشكە ئىلھام بېرىشى كېرەك.

32 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغدىشى، مۇنەۋۋەر يېزا ئىگىلىك مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنىنى قېزىشى، قىزىل مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇشى، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق بازىرى، داڭلىق كەنتى، ئەنئەنىۋى يېزا - قىشلاق ۋە يېزا - كەنت قىياپىتىنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە كەنتلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىشى، قوغداش ئەھۋالىنى كۆزىتىش ۋە باھالاشنى قانات يايدۇرۇشى، تەدبىر قوللىنىپ ئوت ئاپىتى، كەلكۈن، يەر تەۋرەش قاتارلىق ئاپەتلەردىن مۇداپىئەلىنىشى ۋە ئۇنى ئازايتىشى كېرەك.

33 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەش، تىپ ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، خاسلىقى روشەن، ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك بولغان يېزا ئىگىلىك مەدەنىيىتى كۆرگەزمە رايونى، مەدەنىيەت كەسىپلىرى ئۆزگىچە كەنتنى پىلانلىق ھالدا قۇرۇپ، يېزا - كەنت خاس مەدەنىيەت - تەنتەربىيە كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا - كەنت رايونلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنەرۋەنچىلىكىنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاقىل رادىيو - تېلېۋىزىيە يېزا - كەنتى قۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، يېزا مەدەنىيەت بازىرىنى جانلاندۇرۇشى، گۈللەندۈرۈشى كېرەك.

5 - باب ئېكولوگىيەنى قوغداش

34 - ماددا دۆلەت مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش تۈزۈمى ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىما مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېزا - كەنت ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە مۇھىتىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يېزا - كەنت مۇھىتىنى كۆكەرتىپ، گۈزەللەشتۈرۈپ، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇپ چىقىدۇ.

35 - ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ سۇ تېجەش، ئوغۇت تېجەش، دورا تېجەش، ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسى قاتارلىق ئىلغار تېرىقچىلىق، باقمچىلىق تېخنىكىسىنى قوللىنىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك بايلىقىنى ھەر تەرەپلىمە ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك ئايلانما يېزا ئىگىلىكىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇمىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش، ئىشلەپچىقىرىشنى پاكىزلاشتۇرۇش، تاشلاندۇقنى بايلىقلاشتۇرۇش، كەسىپ ئەندىزىسىنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈشنى ئالغا سۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى تېجەش مۇۋاپىق بولغان، يېشىل - تۆۋەن كاربونلۇق بولغان، مەدەنىي - ساغلام بولغان ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە ئىستېمال ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلىشى كېرەك.

36 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت زېمىنىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەپ ۋە ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر قاتارلىقلارنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، چۆللىشىشنى، قۇملىشىشنى، سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئۇنىۋېرسال تىزگىنلەپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلىشى كېرەك.

37 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھۆكۈمەت، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلات، كارخانا، دېھقان قاتارلىق ھەر تەرەپ قاتنىشىدىغان ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق باشقۇرۇش، تەڭ پايدىلىنىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، يېزىلارنىڭ سۇ سىستېمىسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەپ، پاكىز ھاجەتخانا ۋە ئاددىي، قولاي ئۇسۇل بىلەن ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىشنى شارائىتىغا قاراپ كېڭەيتىپ، يېزىلاردىكى ئەخلەت ۋە پاسكىنا سۇنى تىزگىنلەپ، يېزا - كەنت توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پاكىز ئېنېرگىيە، ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئىشلىتىشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، يېزىلاردا ئاھالىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلىشى كېرەك.

38 - ماددا دۆلەت يېزا تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ئۆلچەم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ، تاكامۇللاشتۇرىدۇ، يېزىدىكى تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرنى بىخەتەر تۇرالغۇ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىدۇ. يېزا تۇرالغۇسى سېلىشتا، ئاپەت ئاسان يۈزبېرىدىغان جايدىن چەتلىتىش، ئۇنى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق ئاساسىي بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېزا تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن سېلىنىدىغان يېزا تۇرالغۇلىرىنى پىلانلاش - باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەپ ئۆي سېلىشنى قاتتىق مەنئى قىلىشى؛ يېزا تۇرالغۇ لايىھەسىدە رايون، مىللەت ۋە سەھرا خاسلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ئىلھام بېرىپ، يېزا تۇرالغۇسى قۇرۇلۇشىدا يېڭىچە ياساش تېخنىكىسى ۋە يېشىل بىناكارلىق ماتېرىيالى ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىپ، دېھقانلارنى ئىقتىدارى زامانىۋى، قۇرۇلمىسى بىخەتەر، تەننەرخى تېجەشلىك، يېشىل، مۇھىت بۇلغىمايدىغان، يېزا - كەنت مۇھىتىغا ماسلاشقان ئولتۇراقلىشىشقا باب تۇرالغۇ سېلىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

39 - ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇمىنى قاتتىق باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ، ئۆتكۈر زەھەرلىك، زەھىرى كۈچلۈك، قالدۇقى كۆپ دېھقانچىلىق دورىسى، مال دوختۇرلۇق دورىسىغا ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش، ئىشلىتىشكە چەك قويۇش تەدبىرى قوللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەر دۆلەت ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان دېھقانچىلىق دورىسى، مال دوختۇرلۇق دورىسى ياكى باشقا زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنى ئىشلەتسە بولمايدۇ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىك ئۆلچىمى ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا دېھقانچىلىق دورىسى، مال دوختۇرلۇق دورىسى، ئوغۇت، يەم - خەشەك خۇرۇچى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىنى ئارتۇق مىقداردا، دائىرىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلەتسە بولمايدۇ.

40 - ماددا دۆلەت تېرىلغۇ يەرنى ئاسراش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، شۈدىگەرلەش ۋە ئوتلاق، ئورمان، دەريا - كۆللەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى دەريا، كۆل - دېڭىزدا بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش، مەنئى قىلىش ۋاقتى ۋە رايونىنى قانۇن بويىچە بېكىتىدۇ ھەمدە يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئارتۇق ئېلىنىش ئەھۋالىغا قاراپ، يەر ئاستى سۈيى ئېلىش مەنئى قىلىنغان، چەكلەنگەن رايوننى بېكىتسە بولىدۇ.

مۇھىت بۇلغىغان، ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان كەسىپ، كارخانىلارنى يېزىلارغا قانۇنغا خىلاپ ھالدا يۆتكەش مەنئى قىلىنىدۇ. شەھەر - بازار ئەخلىتى، سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقى، ئۆلچەمگە يەتمەي تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغان شەھەر - بازار پاسكىنا سۈيى قاتارلىقلارنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارغا يۆتكەش مەنئى قىلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك يېرىگە ئېغىر مېتال ياكى باشقا زەھەرلىك، زىيانلىق ماددا، تەركىبى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن پاسكىنا سۇ، بۇلغىما لاينى قويۇپ بېرىش، شۇنىڭدەك تۇپراق بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان لاي - لاتقا، قالدۇق رۇدا، كان داشقىلى قاتارلىقلارنى قويۇپ بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ زەھەرلىك، زىيانلىق كېرەكسىز ماددىلارنى ئوغۇت ئورنىدا ئىشلىتىش ياكى ئېتىز بىنا قىلىش ۋە يەرنى قايتا ئۆزلەشتۈرۈشكە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، كېرەكسىز دېھقانچىلىق يوپۇقى ۋە دېھقانچىلىق دورىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىنىڭ ئورۇ تاشلاندۇقىنى يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئالغا سۈرۈشى، زىرائەت شاخ - شۇمبىلىرى، چارۋا - قۇش قىغلىرىنى بايلىقلاشتۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئالغا سۈرۈشى، دەريا، كۆل، سۇ ئامبىرى، قىرغاققا يېقىن دېڭىز تەۋەسىدە يەمچۈك تاشلاپ، ساندۇقسىمان تور قويۇپ باقمىچىلىق قىلىشنى قاتتىق تىزگىنلىشى كېرەك.

6 - باب تەشكىلىي قۇرۇلۇش

41 - ماددا پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، دېموكراتىك كېڭىشىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالىتى بولغان، پەن - تېخنىكا تىرەك بولىدىغان زامانىۋى يېزا - كەنت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسى ۋە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئىدارە قىلىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا - كەنت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئىناق، تەرتىپلىك بولغان، ياخشى ئىدارە قىلىنغان يېزا - كەنت قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جەمئىيەت باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا - بازارلارنى يېزا - كەنت ئىدارە قىلىش مەركىزى، يېزا مۇلازىمەت مەركىزى، يېزا - كەنت ئىقتىساد مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

42 - ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. كەنت ئاھالە كومىتېتى، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى قاتارلىقلار يېزىلىق، بازارلىق پارتىيە كومىتېتى ۋە كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، كەنت ئاھالىسى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇپ، كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى ھەمدە كەنت ئاھالىسىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

43 - ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتى كادىرلار قوشۇنى تەربىيەلەش، قويۇش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇنەۋۋەر كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتى كادىرلار قوشۇنىنى تولۇقلاپ، تەدبىر قوللىنىپ يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتى كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەمىنات كاپالىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى بىلىدىغان، يېزىنى سۆيىدىغان، دېھقانلارنى سۆيىدىغان يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتى كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىدۇ.

44 - ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاددىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئاساسىي قاتلام باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېزا، بازار ئاپپاراتلىرىنى ئىلمىي تەسىس قىلىپ، يېزا - كەنت كادىرلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا - كەنت ئىدارە قىلىش ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك.

45 - ماددا يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش تەشكىلاتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە مەدەت بېرىپ، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمى ۋە كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆزىگە مۇلازىمەت قىلىش، ئۆزىنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

46 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ كوللېكتىپ مۈلۈكنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، كوللېكتىپ بايلىقنى مۇۋاپىق ئېچىش، كوللېكتىپ ئەزالىرىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە مەدەت بېرىپ، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ مۇستەقىل يۈرۈشۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى، يېزا ئىگىلىك كارخانىسى قاتارلىق كۆپ خىل ئىگىلىك ئاساسىي گەۋدىسىنى قوللاپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى يېزا ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك.

47 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىجتىمائىي تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى تەشكىلاتى، يېزا ئىجتىمائىي تەشكىلاتىنىڭ ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

48 - ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاساسىي قاتلام قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېھتىياجغا قاراپ قانۇن مەسلىھەتچىلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئادۋوكاتلىرىنى بەلگىلىشىگە ئىلھام بېرىپ، شارائىتى بار جايلارنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتىدا ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتخانىسى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسى ۋە خەلق مۇرەسسەسى خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ زىددىيەت - ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش - پەسەيتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇنچىل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرۈشى كېرەك.

49 - ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا جەمئىيەت ئامانلىقى مۇداپىئە - كونترول سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا ساقچى ئىشلىرى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تىنچ - ئامان يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرۈشى؛ يېزا ئاممىۋى بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا ئاممىۋى ساغلاملىق، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش - قۇتقۇزۇش، جىددىي ئاڭلىتىش، يېمەكلىك، دورا، قاتناش، ئوت مۇداپىئە قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىخەتەرلىك باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

7 - باب شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى

50 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ماس ئالغا سۈرۈپ، شەھەر - بازار ۋە يېزا - كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيە، يېزا ئىگىلىكى، شەھەر - بازار قاتارلىق فۇنكسىيەلىك ماكانلارنى ئىلمىي، تەرتىپلىك بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەھەر - يېزا كەسىپلەر تەرەققىياتى، ئۇل ئەسلىھە، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەسى قاتارلىقلارنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلاپ، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلىنىدىغان، تەڭ پايدىلىنىدىغان، شەھەر - يېزا بىر گەۋدىلەشكەن ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تەدرىجىي تاكامۇللاشتۇرۇپ، ناھىيەلەرنىڭ شەھەر - يېزا يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، ئىشلەشكە باب كېلىشىگە، دېھقانلارنىڭ باي - باياشات بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

51 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى يېزا - كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشىلاپ، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش، يېزا - كەنتلەرنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە خاسلىقىنى ساقلاپ قېلىش پىرىنسىپى بويىچە، كەنتلەرنىڭ جايلىشىشىنى شارائىتىغا قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەنتلەرنىڭ يىرىك پىلانىنى قانۇن بويىچە تۈزۈپ، كەنت قۇرۇلۇشىنى تۈر بويىچە تەرتىپلىك ئالغا سۈرۈپ، كەنتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قوشۇۋېتىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشى، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا زىت، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپ ھالدا كەنتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قوشۇۋېتىشنى قاتتىق مەنئى قىلىشى كېرەك.

52 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شەھەر - يېزا يوللىرى، شۇنىڭدەك ئەخلەت، يۇندى بىر تەرەپ قىلىش، سۇ بېرىش، توك بېرىش، گاز بېرىش، ئەشيا ئوبوروتى، يولۇچى تىرانسپورتى، ئۇچۇر ئالاقىسى، رادىيو - تېلېۋىزىيە، ئوت مۇداپىئە، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش قاتارلىق ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە ۋە يېڭىچە ئۇل ئەسلىھەنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قۇرۇپ، باشقۇرۇپ، ئاسراپ، شەھەر - يېزا ئۇل ئەسلىھەسىنىڭ ئۆزئارا تۇتىشىشى، راۋانلىشىشىنى ئالغا سۈرۈپ، شەھەر - يېزا تەرەققىياتىنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك.

53 - ماددا دۆلەت يېزا جەمئىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى تەربىيە، تېببىي داۋالاش - ساقلىق ساقلاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق بايلىقلارنىڭ يېزىلارغا مايىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر - يېزا ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى ئالغا سۈرىدۇ.

دۆلەت يېزا - كەنتلەرنىڭ ئاممىغا قولاي مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا - كەنت ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىيلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كەنت دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئەسلىھەسى ۋە ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قوللاپ، مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە مۇلازىمەت تىپىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى يېتىلدۈرۈپ، مۇلازىمەت يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت قىلىش بىلەن ئۆزىگە مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

54 - ماددا دۆلەت شەھەر - يېزا بىرتۇتاش پىلانلانغان ئىجتىمائي كاپالەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاپالەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت باشقۇرۇش - مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللايدۇ؛ شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى بېكىتىش ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەھەر - يېزا ئاھالىسى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ تەدرىجىي ئۆسۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

دۆلەت دېھقانلارنىڭ شەھەر - يېزا ئاھالىسى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا بەلگىلىمە بويىچە قاتنىشىشىنى قوللايدۇ، شارائىتى ھازىرلانغان جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار ۋە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتىلارغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

دۆلەت شەھەر - يېزا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنى بىرتۇتاش تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سۈرىدۇ، يېزىدىكى ئالاھىدە قىيىنچلىقى بارلارنى بېقىش قاتارلىق ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ، يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار، شۇنىڭدەك مېيىپلەر، قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىدۇ، يېزىلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ۋە ھەمكارلىق خاراكتېرىدىكى كۈتۈنۈشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ.

55 - ماددا دۆلەت باراۋەر رىقابەتلىشىدىغان، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك بولغان، شەھەر - يېزىلاردا بىرلىككە كەلگەن ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شەھەر - يېزا باراۋەر بولغان ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ شەھەر - بازارلاردا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقان ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان دېھقانلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەرتىپلىك ھالدا شەھەردە نوپۇسقا ئالدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى، ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى، كوللېكتىپ كىرىمىدىن پايدا بۆلۈشۈش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى دېھقانلارنىڭ شەھەردە نوپۇسقا ئالدۇرۇشىنىڭ شەرتى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ؛ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ئالغان دېھقانلار ۋە ئۇلار بىلەن بىللە كۆچۈپ كەلگەن ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ شەھەر - بازار ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئالغا سۈرۈشى كېرەك.

دۆلەت ئىجتىمائىي كاپىتالنى يېزا - كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتى دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتى بىلەن باغلىنىدىغان تۈرلەرگە سېلىشقا ئىلھام بېرىدۇ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ يېزا - كەنتلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىشى، ئىستىراھەتلىك دەم ئېلىشى، كۈتۈنۈشى قاتارلىقلارغا ئىلھام بېرىدۇ، لېكىن يېزا - كەنتلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى بۇزۇشقا بولمايدۇ، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشقا بولمايدۇ.

56 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ شەھەر - يېزا كەسىپلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسىدا، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتى بىلەن باغلاش، دېھقانلارنى بېيىشىغا يېتەكلەش رىغبەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا - كەنت ئىقتىسادىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.

57 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ دېھقانلارنىڭ شەھەرگە كىرىپ ئىشلىشىگە ئىلھام بېرىشى، شەھەر - يېزا ئەمگەكچىلىرىنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق ئېلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى ئېلىشىنى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

8 - باب يۆلەش تەدبىرى

58 - ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ، تاكامۇللاشتۇرىدۇ ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى بويىچە مالىيە سېلىنما كاپالىتى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان مالىيە سېلىنمىسىنى ئاۋۋال كاپالەتلەندۈرۈپ، سېلىنما سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشقا، ئومۇمىي مىقدارىنى سىجىل كۆپەيتىشكە، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش نىشان - ۋەزىپىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىپ، ئۇنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىغا ۋە يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتسە بولىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلەغنى بىرتۇتاش بىرىكتۈرۈش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە مەبلىغىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

59 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ ئىچكى تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىگە، تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا ياردەم بېرىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سۈرۈشى؛ ئاسان نامراتلىققا قايتىپ كېتىدىغان، نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئاھالىنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش - سىگنال بېرىش ۋە يۆلەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشى كېرەك.

دۆلەت كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلارنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ.

60 - ماددا دۆلەت ئومۇمىي مىقدارنى كۆپەيتىش، ساقلانمىنى ياخشىلاش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، يۇقىرى سۈپەتلىك يېشىل تەرەققىيات يېتەكچى قىلىنغان يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تولۇقلىما سىياسىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

61 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىكىدىن ئېلىش، ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن كىرىدىغان كىرىمنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەڭشەپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا سېلىنما نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، ئۇنى نۇقتىلىق ھالدا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشىغا، ئېتىز - ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا، زامانىۋى ئۇرۇقچىلىقنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېزىغا سۇ بېرىشنى كاپالەتلەندۈرۈش، يېزىلاردا ئاھالىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش، يېزا يەرلىرىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، تېرىلغۇ يەر ھەم ئاساسىي ئېتىزلارنى مەڭگۈلۈك قوغداش، كەنت ئاممىۋى ئەسلىھەسىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش - ئاسراشقا، يېزا مائارىپى، يېزا مەدەنىيىتى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى چىقىمىغا، شۇنىڭدەك يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىشى كېرەك.

62 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس مەبلەغ، فوندنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى قوللىشىنى بەلگىلىمە بويىچە كۈچەيتىش كېرەك.

دۆلەت بازارلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش فوندى تەسىس قىلىشنى قوللاپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق قوللايدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېزا - كەنتلەرنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى يېزا - كەنتلەرگە سېلىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

63 - ماددا دۆلەت مالىيە، پۇل مۇئامىلە سىياسەت - تەدبىرلىرىدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىكى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ مۈلۈك رەنە كېپىللىك ھوقۇقى ۋە فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە بولغان پۇل مۇئامىلە مەدىتى ۋە مۇلازىمىتىنى ياخشىلايدۇ، كۈچەيتىدۇ.

مالىيە مەبلەغ چىقىرىپ قۇرغان يېزا ئىگىلىك كىرېدىت كېپىللىك ئاپپاراتى ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

64 - ماددا دۆلەت كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كارخانىلارنىڭ پاي ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە كۆپ يول ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، زايوم بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كارخانىلارنىڭ كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاكاز مال تۈرىنى موللاشتۇرۇپ، زاكاز مال بازىرىنىڭ باھانى بىلىش ۋە خەۋپ - خەتەرنى تارقاقلاشتۇرۇش فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

65 - ماددا دۆلەت كۆپ قاتلاملىق، كەڭ قاپلىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان يېزا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى قوللاش سىناش، باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تېخىمۇ كۆپ بايلىقنى يېزا - كەنتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارغا تەقسىملىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى كەسىپ دائىرىسىدە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كىرېدىت مەدىتى ۋە باشقا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

سودا بانكىسى ئۆزىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنى ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارغا ۋە يېزا ئىگىلىك تىجارىتى ئاساسىي گەۋدىلىرىگە بېرىلىدىغان كىرېدىت كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

يېزا سودا بانكىسى، يېزا ھەمكارلىق بانكىسى، يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى قاتارلىق يېزا ئوتتۇرا ھال، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئاساسلىقى شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى، شۇ يىلى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قەرز بەرگىلى بولىدىغان مەبلەغنى ئاساسلىقى شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىغا ئىشلىتىشى كېرەك.

66 - ماددا دۆلەت كۆپ قاتلاملىق يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىياسەت خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودا خاراكتېرلىك سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى كەسپىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ، دېھقانلارنىڭ ۋە يېزا ئىگىلىك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ياردەم - ھەمكارلىق سۇغۇرتىسىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سۇغۇرتا ھەققى تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنىڭ سۇغۇرتا تۈرىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشىنى قوللاپ، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

67 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يەرنى تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك ئىشلىتىشنى ئالغا سۈرۈپ، يەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن بويىچە تەدبىر قوللىنىپ، يېزىدىكى ساقلانما قۇرۇلۇش يەرلىرىنى جانلاندۇرۇپ، يېزا يەر بايلىقىنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ، يېزىدىكى يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان قۇرۇلۇش يېرىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرى، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەسى ۋە دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ يېرىگە بولغان مۇۋاپىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېزا - كەنت كەسىپلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرنى كاپالەتلەندۈرۈپ، قۇرۇلۇش يېرى كۆرسەتكۈچىنى يېزا - كەنتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مايىللاشتۇرۇشى، ناھىيە تەۋەسىدە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تېرىلغۇ يەر كۆرسەتكۈچىنى يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كېرەكلىك قۇرۇلۇش يېرى كۆرسەتكۈچىگە ئاۋۋال سۇندۇرۇپ ئىشلىتىپ، جانلىق، كۆپ خىل بولغان يەر تەمىنلەش يېڭى ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك.

زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىدا سانائەت، سودا قاتارلىق تىجارەت خاراكتېرلىك ئىشلىتىش ئورنى بېكىتىلگەن ھەمدە كوللېكتىپ تىجارەت خاراكتېرى قانۇن بويىچە تىزىملانغان قۇرۇلۇش يېرىنى يەر ئىگىدارى قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجارە بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرسا بولىدۇ، بۇ، كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكتىكى ئىقتىسادنى ۋە يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاۋۋال ئىشلىتىلىدۇ.

9 - باب نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش

68 - ماددا دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە سىناش، باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش نىشانىنى ئورۇنلاش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى سىنايدۇ، سىناش نەتىجىسى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىنى ھەر تەرەپلىمە سىناش، باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىنىدۇ.

69 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئوبيېكتىپ ئەكس ئەتتۈرىدىغان كۆرسەتكۈچ ۋە ئىستاتىستىكا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى باھالىشى كېرەك.

70 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى كېرەك. يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى كېرەك.

71 - ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەر يىلى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى قەرەللىك ھالدا بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى كېرەك.

72 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات - ئىسلاھات، مالىيە، يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئىقتىسادىي تەپتىش تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى بويىچە يېزا ئىگىلىكى، يېزا سېلىنمىسىنى ئاۋۋال كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى ۋە نەتىجە - ئۈنۈمى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىشى كېرەك.

73 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى ياكى توغرا ئادا قىلمىغانلىرى قانۇن - نىزام ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، يەر باشقۇرۇش قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغانلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

10 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

74 - ماددا بۇ قانۇن 2021 - يىل 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن - نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.