تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇش يەر شارىۋى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەمكارلىق چوڭ ۋەزىيىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى»

ئامېرىكا ئاخبارات ئاپپاراتلىرى ئاتالمىش «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش بويىچە تەكشۈرۈش دوكلاتى»نى ئويدۇرۇپ چىقاردى، خەلقئارادىكى بىلىملىك زاتلار بۇ دوكلاتنىڭ ئارقىسىدىكى رەزىل ئويۇننى ئېنىق كۆردى. ئۇلار مۇنداق قارىدى: ئامېرىكا تەرەپنىڭ سىياسىي يول ئارقىلىق مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىشى پەقەت خەلقئارالىق مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش ھەمكارلىقى كەيپىياتىنى زەھەرلەيدۇ، ئۇنىڭ مۇقەررەر چىقىش يولى يوق. جۇڭگو − دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش بىرلەشمە تەتقىقات دوكلاتىدا نوپۇزلۇق، كەسپىي ۋە ئىلمىي يەكۈن چىقىرىلىپ، يەر شارىۋى مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش ھەمكارلىقىغا ياخشى ئاساس سېلىندى، بۇنىڭدىن كېيىن يەر شارىۋى مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى پەقەت مۇشۇ ئاساستىلا قانات يايدۇرۇلۇشى، بەلكى ئۆز ئالدىغا يول تۇتۇلماسلىقى كېرەك.

«ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش تەتقىقاتى ئىلىم - پەنگە ئۇيغۇن كېلىشى، پاكىتنى ئاساس قىلىشى كېرەك»

يېقىندا، ئېفىيوپىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنى خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مېراكۇ ئېفىيوپىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بىرىنچى چوڭ گېزىتى «ئېفىيوپىيە پېشۋالار گېزىتى»دە «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى سىياسىيلاشتۇرۇش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە توسقۇنلۇق قىلىدۇ» ناملىق ئىمزالىق ماقالىنى ئېلان قىلدى. ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرى ئاتالمىش «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش بويىچە تەكشۈرۈش دوكلاتى»نى ئويدۇرۇپ چىقاردى، بۇنىڭ قىلچە ئىلمىي ئاساسى يوق، بۇ، ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇشنىڭ ئىپادىسى. «ئامېرىكا تەرەپ يەنە جۇڭگو تەرەپنى ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىگە ماسلاشمىدى دەپ ئەيىبلىدى، بۇ خىل ئەيىبلەش ئوخشاشلا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى ئەڭ ئاۋۋال دوكلات قىلغان، بۇ دەل جۇڭگونىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەزاسىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، ھەرقايسى دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى تەجرىبە، ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىشى كېرەك».

مىسىر ناسېر ھەربىي شۆيۈەنىنىڭ خەلقئارا قانۇن پىروفېسسورى سالاما مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن ياخشى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتىگە بارلىق قولايلىقلارنى يارىتىپ بەردى. جۇڭگو − دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش بىرلەشمە تەتقىقات دوكلاتىدا بىر قاتار مۇھىم ئىلمىي يەكۈن چىقىرىلدى، بۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. «ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا خىلاپ. قىسمەن ئامېرىكا ئاپپاراتلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ يۇقۇمدىن پايدىلىنىپ ئاتالمىش جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىنى كۆپتۈرۈشى خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى دەپسەندە قىلغانلىق، شۇنداقلا خەلقئارا زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىقنىڭ تولۇق ئاشكارىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ چەت ئەللەردىكى 200دىن ئارتۇق بىيولوگىيە تەجرىبىخانىسىدا غايەت زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپ مەۋجۇت، نۇرغۇن ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسمۇ ئامېرىكا تەجرىبىخانىلىرىدا ئېغىر بىخەتەرلىك مەسىلىسى مەۋجۇت، دەپ گۇمانلىنىپ، بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى زۆرۈر، دەپ قارىدى».

بولىۋىيە سوتسىيالىزمنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى مەزكۇر پارتىيەنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ھۆكۈمەت تەرەپ سۇپىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئامېرىكا ۋاسىتە تاللىماي يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، ۋىرۇستىن پايدىلىنىپ نامنى بۇلغاپ، باشقا دۆلەتلەرنى بېسىپ، بۇ ئارقىلىق ئاممىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىقتىدارسىزلىقىغا بولغان دىققىتىنى بۇراشقا ئۇرۇندى. مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇش يەر شارىۋى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەمكارلىق چوڭ ۋەزىيىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى».

سىرىلانكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: كېيىنكى باسقۇچتىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش تەتقىقاتى بۇ يىل 3 - ئايدا ئېلان قىلىنغان جۇڭگو − دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش بىرلەشمە تەتقىقات دوكلاتىنىڭ ئاچقۇچلۇق يەكۈنىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك. «ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش تەتقىقاتى ئىلىم - پەنگە ئۇيغۇن كېلىشى، پاكىتنى ئاساس قىلىشى، سىياسىيلاشتۇرۇلماسلىقى كېرەك.» باياناتتا يەنە مۇنداق بىلدۈرۈلدى: كۆپ تەرەپچىللىك ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق «يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئەڭ ياخشى شەكىل».

«مۇستەقىل، كەسپىي مەيداندا چىڭ تۇرۇش كېرەك، سىياسىي جەھەتتىن تىزگىن سېلىۋېلىشقا بولمايدۇ»

ئىتالىيە يېڭى يىپەك يولىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى فرانچېسكو مالىنجياۋ مۇنداق كۆرسەتتى: ئامېرىكا بىرىنچى باسقۇچلۇق مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش بىرلەشمە تەتقىقات دوكلاتىنىڭ يەكۈنىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى، ئۆزى تېخى ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش بويىچە تەكشۈرۈشنى، بولۇپمۇ دېترىكبۇرگ بىيولوگىيە تەجرىبىخانىسىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىدى. دېترىكبۇرگ بىيولوگىيە تەجرىبىخانىسى 2019 - يىلى 7 - ئايدا ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى تەرىپىدىن ۋاقىتلىق تاقالغان. بۇ مەزگىلدە، ئالدى بىلەن دېترىكبۇرگ ئەتراپىدا كېسەللىك ئالامىتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ئوخشىشىپ كېتىدىغان «نەپەس يولى سىستېمىسى كېسەللىكى شىددەت بىلەن يۈز بەرگەن»، ئاندىن كېسەللىك پەيدا بولۇش سەۋەبى نامەلۇم بولغان «ئېلېكتىرونلۇق تاماكا ئۆپكە ياللۇغى» بىلەن يۇقۇملانغان ئاغرىق مىساللىرى كۆپەيگەن.

مېكسىكا كارخانىچىلار ۋە دوستانە شەھەر جەمئىيىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھىت رەئىسى ئىسكارلوت فلورېس مۇنداق بىلدۈردى: ھەرقانداق بىر دۆلەت ئۆزىگە توغرا قارىشى، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى كېرەك، «كېيىنكى ئەۋلادلارغا تېخىمۇ ياخشى بولغان ساغلاملىق، سەھىيە شارائىتى ۋە جەمئىيەت تەرەققىيات شارائىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.» يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا، ھەرقانداق دۆلەت ۋە ھەرقانداق ئاپپاراتنىڭ ھەممىسى سىياسىي نەيرەڭۋازلىق بىلەن شۇغۇللىنىشتىن خالىي بولۇپ، ئىدېئولوگىيەدىن ھالقىپ، بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ جىددىي ھەرىكەت قوللىنىپ، دۇنيانى بالدۇرراق قايتىدىن توغرا يولغا سېلىشى كېرەك.

جەنۇبىي ئافرىقا جوھاننىسبۇرگ داشۆسى ئافرىقا − جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى كېفىي كۇئاكۇ مۇنداق بىلدۈردى: ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسى ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىش قورالىغا ئايلىنىپ، خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، بۇ، ئىلىم - پەنگە ھۆرمەت قىلمىغانلىقنىڭ ئىپادىسى. ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇزاق ۋاقىت، كۆپ مىقداردا ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياجلىق. «بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز دىققەتنى قانداق قىلىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە، تەجرىبىلەرنى قانداق قوبۇل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كەڭ تارقىلىشنىڭ يەنە بىر قېتىم يۈزبېرىشىدىن ساقلىنىشتۇر. ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، فىرانسىيە، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا ئىشتاتى قاتارلىق جايلاردا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىق مىسالى خېلى بۇرۇنلا بايقالغان. بىز مۇھىم نۇقتىنى بۇ ئاغرىق مىساللىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىزدەشكە قارىتىشىمىز، مەلۇم بىر دۆلەتنى خالىغانچە ئەيىبلىمەسلىكىمىز كېرەك».

ئىراق باغداد داشۆسى خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئىبتىسىم مۇنداق قارىدى: ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرىنىڭ ئاۋازى دۇنيادىكى ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكىرگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. «ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىدە، ئىلىم - پەن روھىنى ئاساس قىلىپ، مۇستەقىل، كەسپىي مەيداندا چىڭ تۇرۇش كېرەك، سىياسىي جەھەتتىن تىزگىن سېلىۋېلىشقا بولمايدۇ».

«جۇڭگو خەلقئارالىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىدىكى ئىسمى - جىسمىغا لايىق باشلامچى»

مېراكۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇم كۆپ ھاللاردا بىر دۆلەت يالغۇز يۈزلىنەلەيدىغان مەسىلە ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى زۆرۈر بولغان خىرىس. يېقىنقى مەزگىلدە، خەلقئارا جەمئىيەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق مەيدانىنى ئىپادىلەپ، ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇشنى ئەيىبلەپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى تەكىتلىدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىلدۈرگەن پوزىتسىيەسى جۇڭگونى قوللىغانلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئالىملار ئېلىپ بارغان ئادىل، سىياسىي بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قوللىغانلىقتۇر.

بولىۋىيە سوتسىيالىزمنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى ھۆكۈمەت تەرەپ تەۋسىيە قىلغان ماقالىدا مۇنداق قارالدى: باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئوخشاش، جۇڭگومۇ يۇقۇمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى. جۇڭگو ئوخشاشلا ۋىرۇسنى مەنبەدىن سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىدە ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى توسۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە توغرا بولغان مەنبەنى ئىلمىي سۈرۈشتۈرۈش يولىدا مېڭىپ، خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى داۋاملىق قوللايدۇ.

مالىنجياۋ مۇنداق قارىدى: ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش ئىلمىي مەسىلە، شۇنداقلا قىيىن مەسىلە بولۇپ، ۋاقىت ۋە خەلقئارا ھەمكارلىققا ئېھتىياجلىق. ھالبۇكى، ئەسلىدە خەلقئارانىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئىلىم - پەن ساھەسى جۇغراپىيەلىك سىياسىينىڭ بېسىمىغا ئۇچرىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇغراپىيەلىك سىياسىيدىن پەيدا بولغان بۆلگۈنچىلىك ۋە قارشىلىشىش سەھىيە، ساغلاملىق ساھەسىدىكى تەڭسىزلىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ھەم ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش ئىلىم - پەن ساھەسىنىڭ مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشى ھەم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغا ياردەم بېرىشتىكى بىردىنبىر يول.

ئىراق ئاقىللار ئامبىرى «ئەقىل سارىيى» تارىخ تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ھەيدەر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو دۆلەت ئىچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا ئاممىۋى سەھىيە مېخانىزمىدا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو ئالدى بىلەن ئىراقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەرەب دۆلەتلىرىنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى، تېببىي خادىملارنى تەربىيەلىدى، ئىلىم - پەن تەجرىبىلىرىدىن بەھرىلەندۈردى، بولۇپمۇ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىراق جۇڭگو تەمىنلىگەن ئۈچ تۈركۈم ۋاكسىنا ياردىمىنى تاپشۇرۇۋالدى، بۇ، ئىراق - جۇڭگو ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇقنى نامايان قىلدى. «جۇڭگو خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىدىكى ئىسمى - جىسمىغا لايىق باشلامچى».

(خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى چۈ سۇڭ، خۇاڭ پېيجاۋ، جىڭ يۆ، شېن شياۋشياۋ، بى مېڭيىڭ، خەن شو، يەن يۈنمىڭ، ليۇ شۈشيا) (9 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.