تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

يېزا ئىگىلىكىدە مول ھوسۇل ئېلىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

يېشىل دېھقان ئائىلىسى ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى

يېزا ئىگىلىكىدە مول ھوسۇل ئېلىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي

9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتە، سانجى شەھىرى دەنبا بازىرى ئەرچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لى ۋېنجۈن بىلەن خوتۇنى كېۋەزلىكتە ئوت ئوتاپ، كېلىش ئالدىدا تۇرغان پاختا يىغىش پەسلى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

لى ۋېنجۈن مۇخبىرنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇ يىلقى كېۋەزلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «كېۋەزلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى بىلىشتە تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراش كېرەك، بىر قەۋەت، ئىككى قەۋەت، ئۈچ قەۋەت... قاراڭ، ھەربىر قەۋەت كېۋەزنىڭ شېخىدا كېۋەز غوزىلىرى لىق ئېچىلغان ھەم ناھايىتى توق، بۇ، بۇ يىللىق پاختىدىن چوقۇم ياخشى ھوسۇل ئېلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ».

پاختىدىن مول ھوسۇل ئېلىش پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. 2019 - يىلى 11 - ئايدا، شىنجاڭ سانجى يېزا سودا بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى توردا «يېشىل دېھقان ئائىلىسى ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى»نى تورغا چىقىرىپ، پۈتۈن ئوبلاستتا يېشىل دېھقان ئائىلىسى ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ تارقاتتى.

لى ۋېنجۈن بۇ يىل 500 مو يەرگە كېۋەز تېرىغان بولۇپ، يېشىل دېھقان ئائىلىسى ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلىدىن 200 مىڭ يۈەن ئىلتىماس قىلغانىدى. «بىز بۇ قەرز پۇلدىن پايدىلىنىپ، سولياۋ يوپۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىپ، كۆز ئالدىمىزدىكى جىددىي ئىشنى ھەل قىلدۇق.» لى ۋېنجۈن مۇنداق دېدى: «قەرز پۇلنىڭ يىللىق ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئارانلا %5.75 ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، بۇ، ئىلگىرىكىدىن تۆت پىرسەنت پوئېنت تۆۋەن».

ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەن بولۇپلا قالماي، بۇ خىل قەرز پۇل ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋالسا، باھاسىمۇ ئەرزان بولىدۇ. دەنبا بازىرىغا جايلاشقان سانجى شەھىرىدىكى ئەتىياز، ياز، كۈز، قىش پەسىللىك يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى تىجارەت بۆلۈمىدە، مۇخبىر سانجى يېزا ئىگىلىك سودا بانكىسى دەنبا شۆبە بانكىسىنىڭ بۇ دۇكانغا بىر POS ئاپپاراتى بېجىرىپ بېرىپ، مەخسۇس دېھقانلارنىڭ بانكا كارتىسىدىكى يېشىل دېھقان ئائىلىسى ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلىنى چىقىرىشقا ئىشلەتكەنلىكىنى كۆردى.

«دېھقانلار بۇ خىل قەرز پۇلدىن پايدىلىنىپ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋالسا، باھاسى خېلىلا ئەرزان. كۆپ مىقداردىكى ئېرىشچان ئوغۇتنى ئېلىپ ئېيتساق، كارتا سۈركىگەندە ئىلگىرىكى نېسى قىلىپ ئالغانغا قارىغاندا ھەر توننىسى 200 يۈەن ئەرزان بولىدۇ. ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كارتا سۈركىسەملا، پۇل ھېساباتقا كىرىدۇ، نېسى قىلىدىغان پۇل ئازىيىدۇ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىمۇ ئاشىدۇ» دېدى بۇ دۇكاننىڭ خوجايىنى مېڭ جاۋۋېن.

سانجى يېزا ئىگىلىك سودا بانكىسى دەنبا شۆبە بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى جياڭ شىنشياڭ مۇنداق دېدى: تارقىتىلغان ھەربىر يېشىل دېھقان ئائىلىسى ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلىغا دېھقانلار پەقەت يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنىلا سېتىۋالالايدۇ. «ئىلگىرى دېھقانلار قەرز پۇلنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىۋالاتتى، بۇ، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. بۇ خىل ئەندىزە قوللىنىلىپ، ھەم خەۋپ - خەتەر تۆۋەنلىتىلدى، ھەم يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى دۇكانلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ پۇلنى نېسى قالدۇرۇشىدىن كېلىپ چىقىدىغان مەبلەغ ئىگىلىۋېلىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى، يەنە دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش ۋە بانكىدىن قەرز پۇل ئېلىش تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىپ، ئۈچ تەرەپنىڭ ئورتاق پايدا ئېلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى».

يېشىل دېھقان ئائىلىسى ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى سانجى ئوبلاستىنىڭ يېشىل پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرۇپ يولغا قويغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، سانجى ئوبلاستى سىناق نۇقتىسى قىلىنغان جەمئىي 2700 ئائىلىلىك دېھقان ئائىلىسىگە 190 مىليون يۈەن يېشىل دېھقان ئائىلىسى ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى بېرىشنى يولغا قويۇپ، 160 مىليون يۈەننى ئەمەلىي ئىشلەتتى.

يېشىل دېھقان ئائىلىسى ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى بارغانسېرى كۆپ دېھقاننىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. دەنبا بازىرى ئەرچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياۋ جېنشيا بۇ يىل 40مو يەردە ئۇرۇقلۇق تاۋۇز ئۆستۈرۈپ، 150 مىڭ يۈەن يېشىل دېھقان ئائىلىسى ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلدى. «ئىلگىرى قەرز پۇلنىڭ يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %8 ئەتراپىدا ئىدى، بۇ قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئارانلا %5.75 ئىكەن، ئىنتايىن ئېتىبار قىلىنىپتۇ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت» دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.