تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 136 - قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 136 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆينى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىنتايىن ناچار، ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىش، «14 - بەش يىل»دا ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كاپالەتلىك ئىجارە ئۆينى تەرەققىي قىلدۇرۇش شەھەرلەردىكى ئولتۇراق ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى بولۇپ، ئادەم يادرو قىلىنغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرىدىغان ئۆيى بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولغا ئىگە. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۇرالغۇنى ئولتۇرۇشقا ئىشلىتىش، سودا ۋاسىتىسى قىلىۋالماسلىقتىن ئىبارەت ئورۇن بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تۇرالغۇنىڭ خەلق تۇرمۇشى خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، كۆپ سۇبيېكت تەمىنلەيدىغان، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان، ئىجارە ئېلىش - سېتىۋېلىش تەڭ يولغا قويۇلىدىغان تۇرالغۇ تۈزۈمىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزئارا ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي كۆلىمى ۋە ئىجارە ھەققى ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق قېلىپلاشتۇرۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، شەھەردە ئۆيى يوق يېڭى شەھەر ئاھالىلىرى، ياشلارنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، شەھەر مەمۇرىيىتى يانداش ئۇل ئەسلىھەلىرى، خەلققە قولايلىق سودا مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىنتايىن ناچار، ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلۈش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكىنى ئاشۇرۇۋەتتى. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، تارماقلار بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىش، جەمئىيەتتىكىلەر قاتنىشىش، ئىلمىي مۇداپىئەلىنىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، خەۋپ - خەتەرنى باھالاش ۋە كىلىمات مۇمكىنچىلىكىنى دەلىللەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، كۈچنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىنتايىن ناچار، ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر سىگنال بېرىش، بالدۇر تەييارلىق كۆرۈش، بالدۇر ئاۋاز قوشۇش، بالدۇر تۈگىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، جەزمەن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە رەقەملەشكەن تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات بايلىقى ئامبىرى قۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، سانائەت، مۇلازىمەت كەسپىنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.