تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​تۇزكۆل بازىرىنى خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان بەختلىك ماكانغا ئايلاندۇرىمىز

تيەن زېڭفۇ:​

تۇزكۆل بازىرىنى خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان بەختلىك ماكانغا ئايلاندۇرىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

ئالتۇن كۈز پەسلىدە، ئارا تۈرۈك ناھىيەسىنىڭ تۇزكۆل بازىرىدىكى خۇەنسەيخۇ كۆلىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل تۈسكە كىرگەن بولۇپ، قۇشلار سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇراتتى. كۆل بويىدىكى كۆز يەتكۈسىز سۇلۇق يەر ئوتلىقى بىلەن يىراقتىكى قارلىق مۇزلۇقى بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، خۇددى كەڭ زېمىندا يېيىلغان رەڭدار رەسىمگە ئوخشاپ قالغانىدى.

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، تۇزكۆل بازىرى تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، خۇەنسەيخۇ كۆلىنى يادرو قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك يېزا - كەنت ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭىدىن دېھقانلار ئارامگاھىدىن 11نى، ساياھەت ئۆتىڭىدىن ئىككىنى قۇرۇپ، ساياھەت قىلىش، مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىش، يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزۈش، مەززىلىك تائاملارنى تېتىش بىر گەۋدىلەشكەن ھالقىسىمان ساياھەت لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، 180دىن ئارتۇق دېھقان - چارۋىچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولدى، بىر يىلدىن بۇيان كىشى بېشىغا ئاشقان كىرىم 3500 بولدى.

«بۇ بىر يىلدا تۇزكۆل بازىرىنىڭ باشقا كەسىپلىرىدىمۇ بۆسۈش ۋە تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى» دېدى تۇزكۆل بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى تيەن زېڭفۇ يېقىندا مۇخبىرغا.

تۇزكۆل بازىرىنىڭ ئالاتۇڭگى كەنتىدە، قومۇل شەھىرى شىنيۈەنچيەن ئېشەك باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تۇزكۆل بازىرى كىرگۈزۈپ ماكانلاشتۇرغان. بىر يىلدىن بۇيان، كەنت يۆلەش سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 229 ئائىلىلىك دېھقان - چارۋىچىنى سۈت ئېشىكى بېقىشقا سەپەرۋەر قىلدى ۋە ياردەم بەردى. بۇ يىل 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى 229 ئائىلىلىك دېھقان - چارۋىچى ھەمكارلىق كوپىراتىپى تارقاتقان 247 مىڭ 320 يۈەن پايدىنى تاپشۇرۇۋالدى، بۇ، ھەربىر ئائىلىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1000 يۈەندىن كۆپرەك توغرا كەلدى.

تۇزكۆل بازىرىدىكى «ناۋايلىق كوچىسى»دا، ئون نەچچە ناۋايخانىنىڭ سودىسى قىزىپ كەتتى. «بۇ يىل ساياھەتچى كۆپ، سودا ياخشى، بىر كۈندە 300 - 200 نان ساتالايمەن، بىر ئايدا 4000 - 3000 يۈەن تاپالايمەن» دېدى ناۋاي ئۇستام تۇرغۇن ھاپىز.

«نانچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرغاندا، كەنت ئاھالىلىرى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىگىلىك تىكلەپ كىرىمىنى ئاشۇرالايدۇ.» تيەن زېڭفۇ مۇنداق دېدى: كەنت ئاھالىلىرىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش بىر تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت. 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، تۇزكۆل بازارلىق پارتىيە كومىتېتى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تۇزكۆل بازىرىنى خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق يېزا - بازار قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنىڭ يولى ۋە نىشانىغا قارىتا تېخىمۇ روشەن تونۇشقا، تېخىمۇ تەخىرسىز ئارزۇغا، تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىشەنچكە ئىگە بولدى.

«جۇڭتو بىيولوگىيەسى» «يۈلۇڭ سۈتچىلىكى» «بىڭشۆ مېۋىچىلىكى»... بىر يىلدىن بۇيان، تيەن زېڭفۇ بازارلىق پارتىيە كومىتېتى بەنزىسىدىكىلەرنى يېتەكلەپ، يەتتە كارخانىنىڭ تۇزكۆل بازىرىدا ماكانلىشىشى ياكى شۆبە، تارماق تەسىس قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، 80دىن ئارتۇق دېھقان - چارۋىچى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق كىرىمى 3000 يۈەندىن ئاشتى.

2020 - يىلى تۇزكۆل بازارلىق پارتىيە كومىتېتى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، جىغان ئۆستۈرۈش ۋە كۈل رەڭ ئەمەن ئۆستۈرۈش بازىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى، نۆۋەتتە 3000 مولۇق جىغان ئورمىنى، 80 كۈل رەڭ ئەمەن ئۆستۈرۈش پارنىكى قۇرۇلدى. باقمىچىلىق جەھەتتە، تۇزكۆل بازىرى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنى پائال يۆلەپ، پۈتۈن بازاردا 550 تۇياق سىمېنتال كالىسى باقمىچىلىق كۆلىمىنى شەكىللەندۈردى.

بىر يىلدىن بۇيان، تۇزكۆل بازىرى مائارىپ، سەھىيە، سۇچىلىق، تۇرالغۇ قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى تۈرى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي كوچىلارنى يورۇقلاشتۇرۇش، گۈزەللەشتۈرۈش، كۆكەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېمەك - ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش، ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى قۇردى، يەنە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، پىيادىلەر كوچىسى، ئاممىۋى ئىستىراھەت مەيدانىنى يېڭىدىن ياسىدى.

2020 - يىلى تۇزكۆل بازىرىنىڭ يېزا ئىقتىسادى ئومۇمىي كىرىمى 75 مىليون 320 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.01 ئاشتى؛ دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 26 مىڭ 327 يۈەن بولدى.

بۇ يىل تيەن زېڭفۇ «ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى.

«قىلىدىغان ئىشلار يەنە نۇرغۇن. كېيىنكى قەدەمدە، بىز تۈرلۈك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاممىغا كۆپرەك ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، تۇزكۆل بازىرىنى ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان بەختلىك ماكانىغا ئايلاندۇرىمىز» دېدى تيەن زېڭفۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.