تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ كاتتا بايرام ئۆتكۈزۈش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى سۈن فاڭتىڭ، ما بېي، سو رۇڭجى، ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى كاڭچياڭ، شەن ۋېنبىڭ

جۇڭچيۇ كاتتا بايرىمىدا ھەممە ئائىلىلەر جەم بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئائىلىسىگە بولغان ئەڭ چوڭقۇر مۇھەببىتىنى مۇجەسسەملەيدىغان مۇشۇنداق كۈندە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى شەھەرلەر، يېزا - كەنتلەردە سانسىزلىغان جەم بولۇش ھېكايىلىرى ئېيتىلىپ، كىشىلەرگە ئىللىقلىق، بەخت ئاتا قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئاشۇ مىليونلىغان ئائىلىلەرنىڭ جەم بولۇشى ئۈچۈن ئىش ئورنىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇۋاتقان كىشىلەر ئۆز سېغىنىشى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ جەم بولۇش توغرىسىدىكى ئەڭ چوڭقۇر چۈشەنچىسىنى يازدى.

«ئېرىم: خەت ئارقىلىق كۆرۈشۈپ تۇرايلى! گەرچە ھازىر دەۋر ئىلغارلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭ يەنىلا مۇشۇنداق خەت يېزىش شەكلى ئارقىلىق سىزگە بولغان سېغىنىشىمنى ئىپادىلىگۈم كەلدى، مەيلى سىز مەندىن قانچىلىك يىراقتا بولۇڭ، قانچە ئۇزاق ئايرىلىپ تۇرساقمۇ، ھامان ئۆيدە سىزنى ساقلايمىز...»

خوتۇنى ما تىڭدىن كەلگەن خەتنى كۆرۈپ، دېڭىز يۈزىدىن 5200 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قارلىق ئېگىزلىكتە تۇرۇپ مەشىق قىلىۋاتقان شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم لۈسىنىڭ يېتەكچىسى جاڭ جېن قەلبىدىكى سېغىنىشنى زادىلا باسالماي، كۆز ياشلىرى تۆكۈلدى.

جاڭ جېن ئېگىزلىكتە تۇرۇپ مەشىق قىلىش ۋەزىپىسىگە يېڭى قاتناشقان ۋاقىتتا، بالىسى تېخى يېرىم ياشقىمۇ كىرمىگەنىدى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بالىسى ئىككى ياشقا كىرەي دېدى. بالىنىڭ ئېسىدە قالغان دادىسىنىڭ سىياقى پەقەتلا يان تېلېفون ئېكرانىدىكى دادىنىڭ ئاشۇ ھالىتى ئىدى.

«دائىم ئۆزۈمنى ئائىلەمدىكىلەرگە بەك كۆپ قەرزداردەك ھېس قىلىمەن، ئۇلارنى ئىنتايىن سېغىندىم، لېكىن ھەربىي فورمىنى كىيگەن ئىكەنمىز، جەزمەن كىچىك ئائىلىدىن كېچىپ، چوڭ ئائىلىنى ئويلىمىساق بولمايدۇ.» جاڭ جېن مۇنداق دېدى: «خوتۇنۇم بىزنىڭ ئىللىق كىچىك ئائىلىمىزنى قوغداۋاتىدۇ، ئۇ مېنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكىم، مەنمۇ ساداقەتمەنلىكىم بىلەن ۋەتەن زېمىنىنى ياخشى قوغدايمەن».

«دادا، بۇ ئاپام پىشۇرغان يۆبىڭ!» 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتە، ۋەزىپىسىنى تاماملاپ قايتقان خەلق ساقچىسى لى شىنپېڭ خوتۇنى ۋە ئىككى بالىسى بىلەن كۆرۈشتى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت كۆرۈشمىگەن چوڭ ئوغلى لى خەيفېڭ دادىسىغا دەررۇ يۆبىڭدىن بىرنى سۇندى.

شۇ كۈنى جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ تۇنجى كۈنى بولۇپ، ساقچىنىڭ ئائىلە تەۋەسى بولغان جىڭ ياتىڭ يەڭگە ئىككى بالىسىنى ئېلىپ كۆكتوقاي ناھىيەسىدىن كۆكتوقايغا كېلىپ، بايرام مەزگىلىدە مەنزىرە رايونى ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدىكى ئىش ئورنىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇۋاتقان ئېرى لى شىنپېڭنى مەخسۇس يوقلىدى. لى شىنپېڭنىڭ ئۆيىدە جۇڭچيۇ بايرىمى ئۆتكۈزۈپ باقمىغىنىغا ئۇدا 13 يىل بولغانىدى.

بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن لى شىنپېڭ 2007 - يىلى 12 - ئايدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان، بۇنىڭدىن ئىلگىرى خەينەن جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە باش پونكىتىدا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن، 2018 - يىلىنىڭ يىل ئاخىرىدا، قىسىم ئىسلاھ قىلىنىپ تەۋەلىكى ئۆزگەرتىلگەندە، ئۇ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئارقىلىق، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن، ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئالتاي چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى تۇرغۇن چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ قىسىمدىن ئالمىشىپ كەلگەن خەلق ساقچىسى. شۇ يىلى، خوتۇنى جىڭ ياتىڭ ئېرىنىڭ خىزمىتىنى قوللاش ئۈچۈن، خەينەندىكى خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئىككى بالىسىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ شىنجاڭغا كەلگەن.

«بۈگۈن بايىلا پىشۇرغان يۆبىڭ گەرچە بازاردىن ئالغان يۆبىڭدەك چىرايلىق ۋە يېيىشلىك بولمىسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدا يۇرتىمىزنىڭ يەرلىك تەمى بار، كۆپچىلىك ھەممىڭلار تېتىپ بېقىڭلار!» جىڭ ياتىڭ كۆپچىلىككە يۆبىڭ تارقىتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

«بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى كەلسە، مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر ئادەتتىكىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك كۆپ بولىدۇ، بىز گەرچە ئائىلىمىزدىكىلەر بىلەن جەم بولالمىساقمۇ، لېكىن ھەربىر ساياھەتچىنىڭ بۇ يەردىن تىنچ - ئامان، خۇشال - خۇرام قايتقىنىنى كۆرسەك، قانچە جاپا تارتساقمۇ، قانچىلىك ھارساقمۇ ئەرزىيدۇ!» دېدى لى شىنپېڭ.

«گەرچە بىزنىڭ جەم بولىدىغان ۋاقتىمىز ئاز، ئايرىلىپ تۇرىدىغان ۋاقتىمىز كۆپ بولسىمۇ، لېكىن مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ چوڭ ئارقا سەپنى چىڭ ساقلايمەن، مۇشۇنداق قىلسام ئۇ ئالدىنقى سەپتە چېگرانى خاتىرجەم، ياخشى قوغدايدۇ!» جىڭ ياتىڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدىكى يول يەنە ناھايىتى ئۇزۇن، ئېرىمنىڭ ئارقىسىدا داۋاملىق قەتئىي چىڭ تۇرىمەن، چۈنكى ئۇ بار جاينىڭ ئۆزى ئائىلە!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.