تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

​شى جىنپىڭ ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى تېببۇنغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

ئالجىرىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى بۇتېفلىكانىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

​شى جىنپىڭ ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى تېببۇنغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئالجىرىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى بۇتېفلىكانىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى تېببۇنغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ تەزىيە تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇتېفلىكا ئەپەندى ئالجىرىيە، ئەرەب دۆلەتلىرى، ئافرىقىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىيون ۋە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، ئىلگىرى جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئۇ زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو - ئالجىرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ ۋاپاتى جۇڭگو خەلقىنى بىر قەدىناس دوستىدىن ئايرىدى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - ئالجىرىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، ئالجىرىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ئالجىرىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.