تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى

(2021 - يىل 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

(48 - نومۇرلۇق)

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25 - يىغىنىدا 2021 - يىل 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2021 - يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

ئالاھىدە ئېلان چىقىرىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

2021 - يىل 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى

مۇندەرىجە

1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2 - باب پىلانلاپ يېتەكلەش

3 - باب كەسىپ جەھەتتە يۆلەش

4 - باب كەسىپ ھالىتى يېتىلدۈرۈش

5 - باب مۇلازىمەت قىلىش - باشقۇرۇش

6 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى

7 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 - ماددا بۇ نىزام شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ساياھەت تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاش، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساياھەت قانۇنى» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2 - ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر پىلانلاپ يېتەكلەش، كەسىپ جەھەتتە يۆلەش، كەسىپ ھالىتى يېتىلدۈرۈش ۋە مۇلازىمەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە تەتبىقلىنىدۇ.

3 - ماددا ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، قىزىل ساياھەتنى قېزىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ساياھەت يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزى، جەنۇبىي شىنجاڭ يىپەك يولى مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەت ساياھەت مەنزىلى، تىيانشان دۇنيا مىراسلىرى ساياھەت كەسىپلىرى بەلبېغى، ئالتاي تېغى ئېكولوگىيە ساياھىتى كەسىپلىرى بەلبېغى، غەربىي قىسىم چېگرا ساياھەت كەسىپلىرى بەلبېغى قۇرۇپ، شىنجاڭ ياخشى جاي دېگەن ماركىنى يارىتىپ، ساياھەتچىلىكنى ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

4 - ماددا ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولۇش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ساياھەت بايلىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەت قاتنىشىش، بازار يۈرۈشتۈرۈش، ساھە تەلەپچانلىقىنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

5 - ماددا ئاپتونوم رايون، ئوبلاست (شەھەر، ۋىلايەت)، ناھىيە (شەھەر، رايون) پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت (مەمۇرىي مەھكىمە) بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، تارماقلار بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، قەرەللىك بىرلەشمە يىغىن ئېچىپ، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

6 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، ساياھەتچىلىك سېلىنمىسى، يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى ھەمدە ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ھۆكۈمەتنىڭ نىشان بويىچە سىناش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

7 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى يېتەكلەش، ماسلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، مىللەت - دىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى، مالىيە، تەبىئىي بايلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى، قاتناش - تىرانسپورت، سۇچىلىق، يېزا ئىگىلىكى - يېزا، سودا، سەھىيە - ساغلاملىق، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش، تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق، ئىستاتىستىكا ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارمىقى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

8 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەدەنىي ساياھەت تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلەرنى بىخەتەر، مەدەنىي، مۇھىت بۇلغىماي ساياھەت قىلىشقا يېتەكلىشى، ساياھەت تىجارەتچىلىرىنى تۆۋەن كاربونلۇق، يېشىل، مۇھىت بۇلغىماس ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىشقا ۋە ئۇنىڭ تىجارىتىنى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.

ساياھەتچىلەر، ساياھەت تىجارەتچىلىرى ۋە ساياھەت كەسىپكارلىرى مەدەنىي ساياھەت ئەھدىنامىسىگە رىئايە قىلىشى، ساياھەت تەرتىپىنى ئورتاق ساقلىشى، ساياھەت بايلىقى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىشى كېرەك.

ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالارنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا قاتنىشىشى، مەسئۇلىيەت ئېڭى، ئوبراز ئېڭى تۇرغۇزۇشى، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق تۈزەيدىغان، ئورتاق پايدىلىنىدىغان ساياھەت مۇھىتى بەرپا قىلىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە پىدائىيلارنىڭ ساياھەت ئاممىۋى مەنپەئەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ.

9 - ماددا ساياھەت ساھە جەمئىيىتى ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى، ساھە تەلەپچانلىقى ۋە ئاممىۋى مەنپەئەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ساھەنىڭ ئورۇنلۇق تەلىپىنى ئىنكاس قىلىپ، ئەزالىرىغا بازار كېڭەيتىش، مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەمكارلىشىش، ئۇچۇردىن تەڭ پايدىلىنىش، ساھە بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىشى كېرەك.

10 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇنلار، شەخسلەرنى تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشى كېرەك.

2 - باب پىلانلاپ يېتەكلەش

11 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىدىكى تەلەپ بويىچە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشى كېرەك.

ئوبلاستلىق (شەھەرلىك، ۋىلايەتلىك)، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە) خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىدىكى تەلەپ، شۇنىڭدەك بىر دەرىجە يۇقىرى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى بويىچە، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشى ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

12 - ماددا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە يەرلىك ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قەتئىي قوغداش، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇۋاپىق ئېچىش، ياخشىلاپ پايدىلىنىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىرىك پىلانى، قاتناش يىرىك پىلانى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يىرىك پىلانى، ئاپەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - ئازايتىش يىرىك پىلانى، شۇنىڭدەك تۈرلۈك تەبئىيلىكى قوغدىلىدىغان جاي، تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقى قاتارلىق تەبىئىي بايلىق ۋە ئادىمىيەت بايلىقىنى قوغداش، پايدىلىنىش يىرىك پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك.

13 - ماددا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك يىرىك پىلاننى تۈزگەندە ۋە تەڭشىگەندە، تەڭ دەرىجىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەسئۇل تارمىقىدىن پىكىر ئېلىپ، ساياھەت تۈرى، ساياھەت ئەسلىھەسى، مۇلازىمەت مۇھىم ئامىلى ۋە يەردىن پايدىلىنىش، ئۇل ئەسلىھە، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەسى قاتارلىقلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، ساياھەت تەرەققىياتى ئىمكانىيىتىنى مۇۋاپىق قالدۇرۇشى كېرەك.

14 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەسئۇل تارمىقى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ئاساسەن ساياھەت مەخسۇس يىرىك پىلانى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويسا بولىدۇ.

15 - ماددا ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى) ساياھەت مەنزىرە رايونى(نۇقتىسى)نىڭ يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويۇشى كېرەك.

16 - ماددا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى، ساياھەت مەخسۇس يىرىك پىلانى، ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى) يىرىك پىلانى تەستىقلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئالاھىدە سەۋەب بىلەن ھەقىقەتەن تۈزىتىشكە توغرا كەلسە، ئەسلىدىكى تەستىقلىتىش تەرتىپى بويىچە بېجىرىش كېرەك.

17 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ، يىللىق كۆزىتىش - تەھلىل قىلىشنى قانات يايدۇرىدۇ ھەمدە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى باھالايدۇ، باھالاش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

18 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى رايون ساياھىتى ماس تەرەققىياتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ماس تەرەققىياتقا ياكى ھەمتۈرتكىلىك ھەمكارلىققا باب رايونلاردا بىرلىككە كەلگەن ساياھەت يىرىك پىلانىنى ئۇلارغا ئورتاق بولغان بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تۈزۈشكە تەشكىللىسە ياكى مۇناسىۋەتلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىپ تۈزسە ھەمدە رايون ساياھىتى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، رايون ھالقىغان ۋە رايونلار ئارا قوشنا ساياھەت بايلىقلىرىنى ئېچىپ پايدىلىنىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى، يىرىك پىلان ئورۇنلاشتۇرمىسى، بازار سودىسى ۋە باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرسا بولىدۇ.

بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىڭتۇەن - يەرلىك ساياھەت يۇغۇرما تەرەققىياتىنى كۈچەيتىپ، ساياھەت ماس تەرەققىياتى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ساياھەت يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، داڭلىق ماركا يارىتىش، بازار سودىسى ۋە لىنىيە ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمتۈرتكىلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.

19 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ساياھەت بايلىقىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى باھالاپ، ئېچىش، قۇرۇش بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداشنىڭ ماسلىقى، بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

ساياھەت بايلىقىنى ئېچىشنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى، ساياھەت مەخسۇس يىرىك پىلانى ۋە ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى) يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە مۇھىت تەسىرىنى باھالاش، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تەبىئىي مەنزىرە ۋە ئېكولوگىيەلىك ئەسلىي قىياپەتنى قوغداش كېرەك.

تەبىئىي بايلىقتىن پايدىلىنىپ ساياھەت تۈرىنى ئېچىشتا، تەبىئىي بايلىق جانلىقلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى ۋە ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەللىكىنى قوغداش، بايلىقتىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش، قۇرۇلۇش كۆلىمى ۋە قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ئەتراپتىكى مەنزىرىگە ماس كېلىش كېرەك. تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقى، شۇنىڭدەك باشقا ئادىمىيەت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ ساياھەت تۈرىنى ئېچىشتا، شۇ جاينىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، ئەنئەنىۋى قۇرۇلمىسى ۋە تارىخىي قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك.

20 - ماددا شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك بايلىق ئۈستۈنلۈكى، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات ئۈستۈنلۈكى، تارىخىي مەدەنىيەت ئۈستۈنلۈكى ۋە ئۆرپ - ئادەت ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىشقا ئىلھام بېرىلىدۇ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەزمۇنى بېيىتىلىدۇ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلىدۇ، كۆپ قاتلاملىق ساياھەت مەھسۇلاتى ماركا سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆرگەزمە ۋە سودا سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ.

3 - باب كەسىپ جەھەتتە يۆلەش

21 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ساياھەت تەرەققىياتى مەخسۇس مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يىللىق مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

ساياھەت تەرەققىياتى مەخسۇس مەبلىغى ئاساسلىقى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە ئاسراش، ساياھەت بايلىقىنى قوغداش ۋە ئېچىش، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىش، ساياھەت جەھەتتە ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىشىش، ساياھەت ئوبرازىنى كېڭەيتىش، ئاقىل ساياھەت قىلىش، ساياھەت ئىختىساسلىقلىرىنى كىرگۈزۈش ۋە تەربىيەلەش، مۇھىم، زور ساياھەت تۈرلىرىنى قۇرۇش، شۇنىڭدەك ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

22 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ساياھەت كەسپى سېلىنما فوندى تەسىس قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ساياھەت كەسپى بويىچە يېتىشتۈرۈش سۇپىسى قۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ساياھەتچىلىك ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشىغا، ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بەرسە بولىدۇ.

23 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ساياھەت يىرىك پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىش، بازار سودىسىنى كېڭەيتىش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئالماشتۇرۇش، تەڭ پايدىلىنىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەر بازىرىنى ئېچىشى كېرەك.

24 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ساياھەت تەرەققىياتىغا كېرەكلىك يەرنى قانۇن بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ساياھەت نۇقتىلىق تۈرلىرى، ساياھەت قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە يېزا - كەنت ساياھىتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىگە كېرەكلىك يەرنى ئاۋۋال كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

قاقاس يەر، قاقاس دۆڭ، قاقاس ساھىل قاتارلىق ئىشلىتىلمىگەن يەر، شۇنىڭدەك تاشلاندۇق كەنت، كان ۋە زاۋۇت ئۆيى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ساياھەت تۈرىنى ئېچىشقا ئىلھام بېرىلىدۇ.

25 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇھىم، زور ساياھەت تۈرى، مۇھىم ساياھەت ئۇل ئەسلىھەسى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەسىنى كەسىپلەرنى ئالغا سۈرىدىغان مۇھىم، زور تۈر، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى قاتارىغا ئاۋۋال كىرگۈزۈشى كېرەك.

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، مالىيە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى، تەبىئىي بايلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، قاتناش - تىرانسپورت، يېزا ئىگىلىكى - يېزا، تەنتەربىيە تارمىقى قاتارلىق تارماقلار كەسىپلەر تەرەققىياتىغا يۆلەك بولغاندا ياكى مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرغاندا، ساياھەتچىلىك يۇغۇرما تەرەققىيات تۈرىنى نۇقتىلىق قوللىشى كېرەك.

26 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى شەھەر يولى غول لىنىيە تاشيولىدىن مەنزىرە رايونى(نۇقتىسى)غىچە بولغان ساياھەت تاشيولىنى تاشيول قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە قۇرۇلۇش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

قاتناش - تىرانسپورت، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، غول لىنىيە تاشيولى، شەھەر يولى قاتارلىق قاتناش لىنىيەلىرىگە ئۆلچەملەشكەن ساياھەت قاتناش بەلگە تاختىسى، مۇھىم مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى) كۆرسەتمە تاختىسى ئورنىتىشى كېرەك.

27 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ساياھەتچىلىك ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئىناۋەتلىك قەرز مەھسۇلاتى ۋە ئەندىزىسىنى يارىتىشقا يېتەكلەپ، ساياھەت كەسپى سىياسىتىگە ماس كېلىدىغان ئوتتۇراھال، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا ۋە يېزا - كەنت ساياھىتى تۈرىگە ئىناۋەتلىك قەرز بېرىپ قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى، سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنىڭ ساياھەت سۇغۇرتا مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

28 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي كاپىتالنى ساياھەتچىلىككە كۆپرەك مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەپ، بازار ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈش، تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىپ قايتا تەشكىللەش، سېتىۋېلىش - قوشۇۋېلىش، تور بىلەن تور سىرتىنى بىرىكتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىپ، ساياھەت سېلىنما ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ساياھەت تايانچ كارخانىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ساياھەت گۇرۇھلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە كىرگۈزۈپ، ساياھەتنىڭ كۆلەملىشىپ، ماركىلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

29 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ، مېھمانخانا، ئاشخانا، مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى) قاتارلىق ساياھەت مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

مېھمانخانا، ئاشخانا، مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى) ئىشلەتكەن سۇ، توك، گاز، پار ئۈچۈن ئادەتتىكى سانائەت كارخانىلىرى بىلەن ئوخشاش باھا ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش كېرەك.

30 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت، ساھە، كارخانا، مەكتەپ ھەمكارلىقىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ساياھەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، كارخانا تىجارىتىنى باشقۇرۇش، كەسپىي تېخنىكا ماھارىتى، يېزا - كەنت ساياھىتى بويىچە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ساياھەت ئاقىللار ئامبىرى ۋە ئىختىساسلىقلىرىنى كىرگۈزۈش يېشىل يولى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەتتە ئالىي، قىس ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ ساياھەت پەنلىرى قۇرۇلۇشى ۋە پەن تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقات ھەمكارلىقىنى يولغا قويۇپ، زامانىۋى ساياھەت كەسپىي مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەت ئىختىساسىلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئىگىلىك تىكلەش بازىسى قۇرۇپ، ساياھەتتە يېڭىلىق يارىتىش - ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

31 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەسئۇل تارمىقى شىنجاڭ ياخشى جاي دېگەننى داڭلىق ماركا قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت ئوبرازىنى تونۇشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلىشى كېرەك.

ئوبلاستلىق (شەھەرلىك، ۋىلايەتلىك)، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە) شىنجاڭ ياخشى جاي دېگەن ماركىنى چۆرىدەپ، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ساياھەت ئوبرازى ۋە تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش باش تېمىسىنى بېكىتىپ، ساياھەت سودىسى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى تاراتقۇ، يېڭى سۇپىدىن پايدىلىنىپ تەشۋىق قىلىپ ۋە كېڭەيتىپ، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر بازىرىنى ئېچىشى كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە ئورۇنلار مۇھىم، زور ئىقتىساد - سودا، مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا، تەنتەربىيە قاتارلىق پائالىيەتلەردە شىنجاڭ ياخشى جاي دېگەن ماركىنى ئىشلىتىشى ۋە كېڭەيتىشى كېرەك.

32 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ساياھەت كارخانىلىرىنى تەشكىللەپ ساياھەت ئومۇمىي ئوبرازىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ساياھەتتە سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، رايون ھەمكارلىقىنى يولغا قويۇپ، ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش، ساياھەت لىنىيەسىنى لايىھەلەش، بازارنى بىرلەشتۈرۈپ كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالماشتۇرۇش، بايلىقتىن تەڭ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ ساياھەت ھۆددە ئايروپىلانى، مەخسۇس پويىز ۋە ساياھەت بىۋاسىتە ئاپتوموبىلى لىنىيەسىنى ئېچىشى، يېمەك - ئىچمەك، ياتاق، سەيلە - ساياھەت، قاتناش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن كۈتۈۋېلىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

33 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق مەدەنىيەت - ساياھەت تاۋارلىرىنى يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، ئۇنى ساياھەت تاۋارلىرى داڭلىق ماركىسىغا ئايلاندۇرۇشى، ساياھەت ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ساياھەت ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، ساياھەت ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلىشى كېرەك.

4 - باب كەسىپ ھالىتى يېتىلدۈرۈش

34 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ساياھەت بىلەن يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى، ئورمانچىلىق، قاتناش - تىرانسپورت، سۇچىلىق، سانائەت، مائارىپ، تەنتەربىيە، ھاۋارايى، داۋالاش، خەۋەرلىشىش كەسىپلىرى ياكى ساھەلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىپ، ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى مەھسۇلاتى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىپ، ئېكولوگىيە، تارىخىي مەدەنىيەت، قىزىل ساياھەت، كۈتۈنۈش، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش، تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش، ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى، چېگرا ۋە تۆۋەن بوشلۇق ساياھىتى قاتارلىق خاس ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

35 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە باشقا ئادىمىيەت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ مەدەنىيەت - ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، قىزىل ساياھەت بايلىقلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى قۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىگە ۋە قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

36 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت - ساياھەت تۈر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت سارىيى، پەن - تېخنىكا سارىيى، مۇزېي، گۈزەل - سەنئەت سارىيى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىخانىسى، كەنت تارىخى كۆرگەزمىخانىسى قاتارلىق مەدەنىيەت - ساياھەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ۋە كۆرگەزمە مۇلازىمىتىگە مەدەت بېرىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىش، ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

37 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىمى ئىشلەش، ئويۇن قويۇش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىشى، تۈرلۈك ئەدەبىيات - سەنئەت مەكتەپلىرى ۋە ئۆمەكلىرى، ئويۇن قويۇش - فىلىم ئىشلەش ئاپپاراتلىرى، ئويۇن قويۇش ۋاسىتىچى ئاپپاراتلىرى، ئويۇن قويۇش سورۇنلىرى قاتارلىقلارنىڭ كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ساياھەت - مەدەنىيەت ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

38 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى رايون مەدەنىيىتى ۋە تارىخىي مەدەنىيەتنى قېزىپ، تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر، داڭلىق بازار، داڭلىق كەنت، داڭلىق كوچىلارغا تايىنىپ، ئىستىراھەت ساياھىتى شەھىرى ۋە شەھەر ئىستىراھەت كوچا رايونى يېتىلدۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپكە، ساياھەتكە باب بولغان ئۆزگىچە ساياھەت مۇھىتى بەرپا قىلىشى كېرەك.

39 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەبىئىي مىراسلار ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى، قەدىمىي كەنت، مۇزېي، پەن - تېخنىكا سارىيى، ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرى، زاۋۇت - كان كارخانىلىرى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، پەن تەتقىقات ساياھىتى ئۈلگە بازىسى قۇرۇشقا مەدەت بېرىشى، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ پەن تەتقىقات ساياھىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

40 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، قىشلىق ساياھەت، قار - مۇز ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قىشلىق ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، قار - مۇز تۈرى، قىش پەسىللىك بايرام تەبرىكلەش پائالىيىتى، شۇنىڭدەك قار - مۇز ساياھىتى جابدۇقلىرىنى ياساش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

41 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەت مەنزىرە يولى قاتارلىق ئۆزگىچە قاتناش ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىپ، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتىدىكى ئېسىل لىنىيەلەرنى ۋە ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرىنى پىلانلاپ قۇرۇپ، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتىگە مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

ئاپتوموبىل ئىجارە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىشقا، ئۆز ئاپتوموبىل، ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى ۋە دالىدا قونۇش بازىسى قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھام بېرىلىدۇ.

42 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى كېچىلىك ساياھەتكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى، ساياھەت كوپىراتىپى قاتارلىقلارنى كېچىلىك ساياھەت لىنىيەلىرى ۋە تۈرلىرىنى تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىشكە يېتەكلىشى كېرەك.

سودا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، تەبىئىي بايلىق، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى تارمىقى قاتارلىق تارماقلار كېچىلىك مەنزىرە، سودا ئەسلىھەسى، ئۆزگىچە يېمەك - ئىچمەك، مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئامىللارغا بىرلەشتۈرۈپ، كېچىلىك ساياھەت كەسىپ ھالىتى ۋە مەھسۇلات تەمىناتىنى بېيىتىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شارائىتى بار مەنزىرە رايون(نۇقتا)لىرىنىڭ كېچىلىك ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەيدان - سارايلىرىنىڭ ئېچىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، تەڭ ھەرىكەتلىنىش، سىناپ بېقىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى)، ساياھەت ئارام رايونى ۋە ئويۇن قويۇش شىركەتلىرىنىڭ يەرلىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ساياھەت ئويۇن مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىپ، كېچىلىك مەدەنىيەت ئويۇن قويۇش بازىرىنى بېيىتىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

43 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، جامائەت خەۋپسىزلىكى، سەھىيە - ساغلاملىق، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى تارمىقى قاتارلىق تارماقلارنى تەشكىللەپ، پۇقراۋى قونالغۇ ساياھىتى تەرەققىياتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، پۇقراۋى قونالغۇلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم، زور ئىشلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ھەل قىلىشى كېرەك.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەسئۇل تارمىقى پۇقراۋى قونالغۇ تەرەققىياتىنى ماسلاشتۇرۇشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى، سەھىيە - ساغلاملىق، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقراۋى قونالغۇ ئۆلچىمىگە ئاساسەن، تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇش، خەلققە قولايلىق - پايدىلىق بولۇش، بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش پىرىنسىپىغا بىنائەن، پۇقراۋى قونالغۇ تىجارەتچىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىجازەتنامىلەرنى قانۇن بويىچە بېجىرىپ بېرىشى كېرەك.

44 - ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرىنىڭ شۇ جاينىڭ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت بايلىقىغا تايىنىپ ئۆزگىچە پۇقراۋى قونالغۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىپ، پۇقراۋى قونالغۇنىڭ ماركىلاشقان تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ساياھەت تىجارەتچىلىرىنىڭ باش تېمىلىق مېھمانساراي، توختالغۇلۇق ساراي، ياشلار ياتىقى قاتارلىقلارنى ئېچىشىغا ئىلھام بېرىپ، ساياھەت قونالغۇچىلىقىنىڭ تەرتىپلىك تەرەققىياتى ئالغا سىلجىتىلىدۇ.

45 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ساياھەت يېمەك - ئىچمەك سورۇنلىرى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە داڭلىق ئۇششاق يېمەكلىك ۋە ئەنئەنىۋى يېمەك - ئىچمەك كەسپىنى يۆلەپ، كونا داڭلىق ماركىغا ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك.

46 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە ئاساسەن، يېزا - كەنت ساياھىتى تەرەققىياتىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، يېزىلاردىكى تەبىئىي بايلىقلارنى ۋە ئۆزگىچە ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتىنى قېزىپ، شەكلى كۆپ خىل، خاسلىقى روشەن بولغان يېزا - كەنت ساياھىتى مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىپ، ئۆزگىچە كىچىك بازار، گۈزەل يېزا - كەنت ۋە سەھرا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى بەرپا قىلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مالىيە مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىپ، يېزا - كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت يوللىرى، توختالغۇ، ھاجەتخانا، ئەخلەت ۋە پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلىشى كېرەك.

يېزا - كەنت ساياھىتىنى ئېچىشتا شۇ جايدىكى ئاھالىدىن پىكىر ئېلىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، تەبىئىي قىياپەت، قەدىمىي ئۆي - ئىمارەت ۋە تارىخىي مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى قوغداش كېرەك.

47 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ساياھەت بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ سەھرا ئارامگاھى، ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسى ئېچىپ، سەيلە - ساياھەت، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياكى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇۋاتقان يەر، ئورمان يېرى، ئوتلاق ۋە شەخسىي ئۆي قاتارلىقلارنى قانۇن بويىچە ساياھەت كوپىراتىپى، باشلامچى كارخانا، مەنزىرە رايونى(نۇقتىسى)غا پاي قىلىپ قوشۇپ، ساياھەت تىجارىتىگە قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ساياھەتنى ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئوخشاش شەرت ئاستىدا شۇ جايدىكى تۆۋەن كىرىملىك دېھقانلارنى ساياھەت كارخانىسى ۋە مەنزىرە رايونى(نۇقتىسى)غا ئاۋۋال قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئەتراپتىكى دېھقانلارنى مەنزىرە رايونى(نۇقتىسى)دا مۇناسىۋەتلىك تىجارەت مۇلازىمىتى قىلىش، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى سىناپ بېقىش ۋە ساياھەت كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى ئېچىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە ساياھەت تاۋارلىرىنى سېتىشقا ئاۋۋال قوبۇل قىلىشى كېرەك.

48 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى تەشكىللەپ كەسپىي يىغىن، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، ئويۇن قويۇش، پەن - تېخنىكا ئالماشتۇرۇش، سودا يەرمەنكىسى، دوستانە بېرىش - كېلىش قاتارلىق پائالىيەتلەردىن پايدىلىنىپ مەخسۇس ساياھەت مەھسۇلاتىنى يارىتىشى، تەسىر كۈچىگە ئىگە ساياھەت بايرىمى ۋە باش تېما پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

5 - باب مۇلازىمەت قىلىش - باشقۇرۇش

49 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى شەھەر - يېزا يۇغۇرما تەرەققىياتى تەلىپى بويىچە، شەھەر - يېزا ئۇل ئەسلىھەسى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ قۇرۇپ، ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ مەھەللە ۋە يېزا - كەنتلەرنى قاپلىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشى، ياشانغانلار ۋە مېيىپلەر ساياھەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياشانغانلار، مېيىپلەر ساياھىتىگە توسالغۇسىز مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

50 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆلچىمى بىرلىككە كەلگەن، فۇنكسىيەسى مۇكەممەل بولغان ئاقىل ساياھەت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، ئاقىل ساياھەت تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈشى ھەمدە ئېھتىياجغا قاراپ ساياھەت يىغىلىش - تارقىلىش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇشقا تەشكىللەپ، ساياھەتچىلەرگە توردا ۋە تور سىرتىدا ئۇچۇر سۈرۈشتۈرۈش، قاتناش ۋاسىتىسىگە ئالمىشىش، جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىشى كېرەك.

ساياھەت تىجارەتچىلىرىنىڭ ئالاقە تورى سۇپىسى قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، تور ساياھەت مۇلازىمىتى قىلىپ، ساياھەتنىڭ ئۇچۇرلاشقان مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

51 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەسئۇل تارمىقى زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ساياھەت ئۇل ئۇچۇرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت ئۇچۇرلىرىدىن تەڭ پايدىلىنىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش - تىرانسپورت، سەھىيە - ساغلاملىق، ھاۋارايى، خەۋەرلىشىش قاتارلىق تارماق ۋە مەنزىرە رايونى(نۇقتىسى)نى باشقۇرۇش ئاپپاراتى بىلەن بىرلىكتە، تور ساياھەت سودا مۇلازىمەت سۇپىسىغا تايىنىپ، جەمئىيەتكە ئاساسلىق مەنزىرە رايونى(نۇقتىسى)، لىنىيە، ياتاق، قاتناش، ھاۋارايى، داۋالاش، جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، ساياھەت راھەتلىكى كۆرسەتكۈچى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سۈرۈشتۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىشى كېرەك.

52 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش - تىرانسپورت، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەسئۇل تارمىقى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، ساياھەت ئۆمىكى ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

53 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ساياھەت مۇلازىمىتى ئۆلچەم سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتىگە دائىر مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى كېڭەيتىپ ۋە يولغا قويۇپ، ماركىلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ساياھەت ساھە جەمئىيىتى، ساياھەت كارخانىسىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەم، دۆلەت ئۆلچىمى ۋە ساھە ئۆلچىمى تۈزۈشىگە ياكى ئۇنى تۈزۈشكە قاتنىشىشىغا، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ئۆلچىمىنى كېڭەيتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

54 - ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرى كەسىپكارلارغا كەسپىي ئەخلاق، كەسپىي ساپا تەربىيەسى بېرىش ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ۋە ساياھەت ساھەسىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە قېلىپلاشقان، ئۆلچەملەشكەن مۇلازىمەتنى يولغا قويۇشى كېرەك.

ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى) مۇلازىمەت تۈرى ۋە ھەق ئۆلچىمى، ساياھەت مەسلىھەتى، قۇتقۇزۇش - ياردەم ۋە ئەرز - شىكايەت تېلېفون نومۇرىنى كۆزگە چېلىقىدىغان جايدا كۆرسىتىشى، خەلقئارا ئۆلچەمدىكى ئاممىۋى ئۇچۇر، شەكىل، بەلگىلەرنى قوللىنىپ، جۇڭگو - چەت ئەل يېزىقىدا سېلىشتۇرما كۆرسەتمە تاختىسى، چۈشەندۈرۈش تاختىسى، ئاگاھ تاختىسى ئورنىتىشى كېرەك.

ساياھەت مەنزىرە رايونى(نۇقتىسى)دىكى تىجارەتچىلەر بەلگىلىمە بويىچە ساياھەت مەنزىرە رايونى(نۇقتىسى)دا توختالغۇ، ئاممىۋى ھاجەتخانا، ئانىلار - بوۋاقلار ئۆيى قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشى ھەمدە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

55 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى تۈزەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ساياھەت بازىرىنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەت ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ساياھەتنى ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش، ئەرز - شىكايەت قوبۇل قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش ئۇچۇرىدىن تەڭ پايدىلىنىش قاتارلىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەر، ساياھەت تىجارەتچىلىرى ۋە ساياھەت كەسىپكارلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئېھتىياجغا قاراپ قانۇن بويىچە مەنزىرە رايونىدا ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى، خەلق مۇرەسسە كومىتېتىنى تەسىس قىلىپ، ساياھەت ماجىرالىرىنى كۆپ مەنبەلىك تۈگىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زىددىيەتلەرنى ۋاقتىدا تۈگەتسە بولىدۇ.

56 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەسئۇل تارمىقى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ساياھەت سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرۈپ، ساياھەت تىجارەتچىلىرى، ساياھەت كەسىپكارلىرىنىڭ سەمىمىيەت خاتىرىسى ۋە ئۇچۇرىدىن تەڭ پايدىلىنىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىك ئىناۋىتىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى، لەۋزىدە تۇرغانلارنى بىرلىشىپ رىغبەتلەندۈرۈش ۋە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىشىپ جازالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

57 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، 3 - تەرەپ ئاپپاراتىنى تەشكىللەپ ياكى ئۇنىڭغا ھاۋالە قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە سوئال چىقىرىپ تەكشۈرۈش، توردا مۇلاھىزە قىلىپ تەكشۈرۈش، ساياھەت ئەرز - شىكايەتلىرىنى تەھلىل قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ رازىلىق دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش يادرو قىلىنغان ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتى دوكلاتى شەكىللەندۈرۈپ، جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك.

58 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە ساياھەتتىكى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇشنى ھۆكۈمەتنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ، ساياھەت خەۋپ - خەتىرى ئاگاھ مېخانىزمى ۋە ساياھەت تاسادىپىي ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش - قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بىخەتەر بولغان ۋە جىددىي كاپالەتلەندۈرىدىغان ئۈسكۈنە - ئەسلىھەلەرنى سەپلەپ، جىددىي پاناھلاندۇرۇش سورۇنىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش - قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش لايىھەسى بويىچە مانېۋىر تەشكىللىشى كېرەك.

59 - ماددا ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى) كۈتۈۋېلىش سىغىمىغا ماس بىخەتەرلىك مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ۋە خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى سەپلەپ، ئەڭ كۆپ ساياھەتچى سىغىمى ۋە ئەڭ كۆپ پەيتلىك سىغىمى قاتارلىق كۆتۈرۈش مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىنى بېكىتىپ، ئاگاھ مېخانىزمى بەرپا قىلىشى كېرەك. سانغا چەك قويىدىغان، ئالدىن كېلىشىدىغان، بېسىقتىن قاچۇرىدىغان ساياھەت مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇشقا ئىلھام بېرىشى كېرەك.

60 - ماددا ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى) دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، بېلەت باھاسىنى چۈشۈرۈش، كەچۈرۈم قىلىش جەھەتتە ئېتىبار بېرىپ، قولاي مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

61 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ساياھەت ئىستاتىستىكا خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، ئىستاتىستىكا تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، شۇنىڭدەك قانۇن بويىچە ساياھەت ئىستاتىستىكا خىزمىتى ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغان كەسپىي ئىستاتىستىكا ئاپپاراتى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، قانۇن بويىچە ئىستاتىستىكا قىلىش ۋە ئىلمىي ئىستاتىستىكا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى نۇسخا ئېلىپ ئىستاتىستىكا قىلىش بىلەن چوڭ سانلىق مەلۇماتنى تەھلىل قىلىپ ئىستاتىستىكا قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىنىڭ توغرا، ئوبيېكتىپ، ئەتراپلىق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتنى ئۇللۇق تەھلىل قىلىشى ۋە ئەمەلىي تەتقىق قىلىشى كېرەك.

6 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى

62 - ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغان، جازا بېرىشكە تېگىشلىك قىلمىشلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساياھەت قانۇنى» ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملاردىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

63 - ماددا ساياھەت نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار مەمۇرىي ئورگان خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا ئىشلەۋاتقان ئورنى، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى ياكى رېۋىزىيە ئورگىنى قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

7 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

64 - ماددا بۇ نىزام 2021 - يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1998 - يىل 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 - يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2004 - يىل 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8 - يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن، 2012 - يىل 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 33 - يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساياھەت نىزامى» بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن - نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.