تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى خىزمىتى نىزامى

(1995 - يىل 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 - يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1996 - يىل 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 23 - يىغىنىنىڭ «<شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى خىزمىتى نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن، 2020 - يىل 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 - يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

(42 - نومۇرلۇق)

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى خىزمىتى نىزامى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 - يىغىنىدا 2020 - يىل 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2021 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

ئالاھىدە ئېلان چىقىرىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

2020 - يىل 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى

مۇندەرىجە

1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2 - باب يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى

3 - باب يىغىن يېپىق مەزگىلدىكى مەسئۇلىيەت

4 - باب ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى

5 - باب ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش كاپالىتى

6 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 - ماددا بۇ نىزام يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تۈزۈملەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشكىلىي قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى − شۇ دەرىجىلىك يەرلىك دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى، ئۇ سايلىغۇچىلار بىۋاسىتە سايلىغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، خەلق ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى − شۇ دەرىجىلىك دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ ئىجرائىي ئورگىنى، ئۇ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا سايلاپ چىقىلىدۇ، قۇرۇلتاي ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، ئۇنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

3 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 5 يىل بولىدۇ، يەنى شۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - يىغىنى ئېچىلغاندىن باشلاپ، كېيىنكى نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - يىغىنى ئېچىلغانغا قەدەر بولىدۇ.

4 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ ھەيئەت رىياسىتى پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرىدۇ، دېموكراتىيە - مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرىدۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرىدۇ، ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسى قىلىدۇ.

5 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:

(1) شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، نىزاملارغا، شۇنىڭدەك يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ بېكىتمە، قارارلىرىغا رىئايە قىلىشقا ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش؛

(2) شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، خەلق ئىشلىرى، مىللەت، دىن، جەمئىيەت ئامانلىقى، پىلانلىق تۇغۇت، مۇھىت ئاسراش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلىرىدىكى مۇھىم، زور ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە بېكىتىش ھەمدە مۇناسىپ بېكىتمە، قارار چىقىرىش؛

(3) دۆلەت پىلانىغا ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە ئاممىۋى ئىشلارغا دائىر قۇرۇلۇش پىلانىنى بېكىتىش؛

(4) شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مالىيە خامچوتى ۋە خامچوتىنىڭ ئىجراسى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش؛

(5) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسىنى سايلاش، يېزا باشلىقى، مۇئاۋىن يېزا باشلىقى، بازار باشلىقى، مۇئاۋىن بازار باشلىقىنى سايلاش؛

(6) شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات ۋە ھەيئەت رىياسەتنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈش، قاراپ چىقىش؛

(7) شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نامۇۋاپىق قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛

(8) سوتسىيالىستىك ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى مال - مۈلۈكنى ۋە كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى مال - مۈلۈكنى قوغداش، پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي ئىگىدارلىقىدىكى قانۇنلۇق مال - مۈلكىنى قوغداش، جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش؛

(9) ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش؛

(10) پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، دېموكراتىيە ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش؛

(11) ئاياللارنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولۇش، ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق ئېلىش ۋە ئۆيلىنىش ئەركىنلىكى قاتارلىق ھوقۇقلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش؛

(12) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرى.

6 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىن سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى، ئىش قائىدىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى، يىغىن تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىق تۈرلۈك دوكلاتلارغا بولغان تەلەپنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىشى ۋە تەكلىپ بېرىشىنى، شۇنىڭدەك قاراپ چىقىش، ئاۋازغا قويۇش قاتارلىق تەرتىپ، قائىدىلەرنى قېلىپلاشتۇرۇشى، ۋەكىللەرنىڭ قارالمىنى چۆرىدەپ قاراپ چىقىپ سۆز قىلىشى، تۈرلۈك ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

7 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىن ئاچقاندا، ھەيئەت رىياسەتنى سايلاپ چىقىدۇ. ھەيئەت رىياسەت 7دىن 11گىچە كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ، ۋەكىل سانى 100دىن ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ ھەيئەت رىياسەت ئەزاسى 15 كىشىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىغا رەئىس قويۇلىدۇ ھەمدە 1دىن 2گىچە مۇئاۋىن رەئىس قويۇلسا بولىدۇ. رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس ھەيئەت رىياسەتنىڭ ئەزاسى بولىدۇ، ئۇ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدىن سايلاپ چىقىلىدۇ. رەئىس بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىل نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشى كېرەك.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئەت رىياسىتىگە مەخسۇس خادىم قويۇلىدۇ. ئۇلار رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىشلەيدۇ.

8 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى شۇ دەرىجىلىك يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ئۇلار ئادەتتە تولۇق بىر نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىشى كېرەك. ئۆزى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ئىستېپا بېرىش دوكلاتى تاپشۇرۇشى كېرەك، ھەيئەت رىياسەت ئۇنى يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستېپانى قوبۇل قىلىش - قىلماسلىقىنى قارار قىلىشىغا سۇنىدۇ. ئىستېپاسى قوبۇل قىلىنماي تۇرۇپ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى دۆلەت مەمۇرىي ئورگىنىدا ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ؛ دۆلەت مەمۇرىي ئورگىنىدا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى كېرەك.

9 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ ھەيئەت رىياسىتىنىڭ يىغىن خىراجىتى، خىزمەت خىراجىتى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ پائالىيەت خىراجىتى قاتارلىقلار شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ، مەخسۇس پۇل جايىغا ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە ھەرىكەت ھالىتىدە كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ. مالىيەسىدە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار يېزا، مىللىي يېزا، بازارلارغا يۇقىرى دەرىجىلىك مالىيەدىن زۆرۈر ياردەم پۇل بېرىش كېرەك.

2 - باب يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى

10 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك 1 - يىغىنىنى شۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سايلىنىپ بولغاندىن كېيىنكى ئىككى ئاي ئىچىدە، ئالدىنقى نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى چاقىرىدۇ.

11 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ھەيئەت رىياسەتنى سايلاپ چىققاندىن كېيىن، ھەيئەت رىياسەت شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىشقا ۋە كېيىنكى قېتىملىق شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنى چاقىرىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ھەيئەت رىياسەت يىغىن چاقىرغان ۋە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:

(1) خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتىنى بېكىتىش؛

(2) خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى بېكىتىش؛

(3) خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، سايلام چارىسى لايىھەسى، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ، تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارە لايىھەسى، ھەيئەت رىياسەت ئەزالىرى، ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى قاتارلىقلارنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىندا سايلاش ياكى ماقۇللاشقا سۇنۇش؛

(4) شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ لايىھەسىنى يىغىندا قاراپ چىقىشقا سۇنۇشنى، ۋەكىللەر بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ سۇنغان تەكلىپ لايىھەسىنى يىغىننىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈش - كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىش؛

(5) قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى، يېزا باشلىقى، مۇئاۋىن يېزا باشلىقى، بازار باشلىقى، مۇئاۋىن بازار باشلىقى نامزاتى ئىسىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛

(6) ۋەكىللەر بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ ئوتتۇرىغا قويغان سۈرۈشتۈرمىنى بىر تەرەپ قىلىش، ھەيئەت رىياسەت ۋە ۋەكىللەر بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ ئوتتۇرىغا قويغان قالدۇرۇۋېتىش تەكلىپىنى يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلىش؛

(7) تۈرلۈك بېكىتمە، قارار لايىھەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىندا قاراپ چىقىش ۋە ئاۋاز بېرىشكە سۇنۇش؛

(8) قانۇن بويىچە ھەيئەت رىياسەت مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىش زۆرۈر بولغان باشقا ئىشلار.

12 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ئادەتتە ھەر يىلى 2 قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا يىل بېشى ۋە يىل ئوتتۇرىسىدا ئېچىلىدۇ. يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىسى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈش، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى ھەم ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى، شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتى، خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى، خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسى، شۇ دەرىجىلىك نەقچوتنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە قاراپ چىقىش، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مۇھىم، زور ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش، قارار قىلىش، مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس دوكلاتلارنى، ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى، شۇنىڭدەك قانۇندا بېكىتىلگەن خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدىكى باشقا ئىشلارنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە قاراپ چىقىش.

ۋەكىللەرنىڭ بەشتىن بىر قىسمىدىن ئارتۇقىنىڭ تەكلىپى بىلەن، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنى دەمال چاقىرىشقا بولىدۇ؛ يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى ئېھتىياجغا قاراپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنى چاقىرىدۇ، يىغىندا ئېنىق قارالما بولۇشى كېرەك.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنى ۋەكىللەرنىڭ 3تىن 2 قىسمىدىن كۆپرەكى قاتناشقاندىلا ئېچىشقا بولىدۇ.

13 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن ۋاقتى 1 كۈندىن كەم بولمايدۇ، سايلام ئىشلىرى بولسا، يىغىن ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ. دەمال ئېچىلغان يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن ۋاقتى 1 كۈنگە توشمىسىمۇ بولىدۇ. يىغىن ئېچىلغاندا، ئومۇمىي يىغىن، بىرلەشمە يىغىن ياكى گۇرۇپپا يىغىنىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قارالمىغا كىرگۈزۈلگەن تەكلىپ ۋە دوكلاتنى قاراپ چىقسا بولىدۇ؛ مۇھىم ياكى مەخسۇس مەسىلىلەرنى ۋەكىللەرنى تەشكىللەپ مەخسۇس تېمىدا قاراپ چىقسىمۇ بولىدۇ.

14 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، ھەيئەت رىياسەت ۋەكىللەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈش، سايلىغۇچىلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش، تەكلىپ، تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلەرنى تەييارلاش، يىغىندىن بۇرۇن قاراپ چىقىش، تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ئېچىلىشتىن 15 كۈن بۇرۇن، ھەيئەت رىياسەت يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋاقتى ۋە يىغىندا قاراپ چىقىلىدىغان ئاساسلىق قارالمىلارنى ۋەكىللەرگە ئۇقتۇرىدۇ ھەمدە ھېچبولمىغاندا 1 كۈن بۇرۇن يىغىن ماتېرىياللىرىنى ۋەكىللەرگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

دەمال چاقىرىلىدىغان يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ.

15 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىن ئاچقاندا، يېزا باشلىقى، مۇئاۋىن يېزا باشلىقى، بازار باشلىقى، مۇئاۋىن بازار باشلىقىدىن ۋەكىل ئەمەسلىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ؛ باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ھەيئەت رىياسەتنىڭ قارارى بىلەن يىغىنغا سىرتتىن قاتناشسىمۇ ياكى تەكلىپ بىلەن سىرتتىن قاتناشسىمۇ بولىدۇ.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلار سانى ۋەكىللەر ئومۇمىي سانىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

16 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى سايلام ئۆتكۈزگەندە ۋە بېكىتمە ماقۇللىغاندا، ئۇنى بارلىق ۋەكىللەرنىڭ تەڭدىن تولىسى ماقۇللايدۇ.

17 - ماددا رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس، يېزا باشلىقى، مۇئاۋىن يېزا باشلىقى، بازار باشلىقى ۋە مۇئاۋىن بازار باشلىقى نامزاتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى ياكى ۋەكىللەرنىڭ 10دىن ئارتۇقى بىرلىشىپ يازما شەكىلدە كۆرسىتىدۇ. ئوخشاش بولمىغان سايلام رايونى سايلاپ چىققان ۋەكىللەر نامزاتىنى غۇلغۇلا قىلسا، بىرلىشىپ كۆرسەتسە بولىدۇ.

ھەيئەت رىياسەت كۆرسەتكەن نامزات سانىمۇ، ھەربىر ۋەكىل باشقا ۋەكىللەر بىلەن بىرلىشىپ كۆرسەتكەن نامزات سانىمۇ سايلىنىشقا تېگىشلىك ساندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

نامزات كۆرسەتكۈچى ئۆزى كۆرسەتكەن نامزاتنىڭ ئەھۋالىنى ئەينەن تونۇشتۇرۇشى كېرەك.

مىللىي يېزىنىڭ باشلىقلىقىنى مىللىي يېزا قۇرۇلغان ئاز سانلىق مىللەتنىڭ پۇقراسى ئۆتەيدۇ.

18 - ماددا رەئىس، يېزا باشلىقى، بازار باشلىقىنىڭ نامزاتلىقىغا ئومۇمەن بىر سان ئارتۇق كۆرسىتىلىپ، ئارتۇق نامزاتلىق سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ كۆرسىتىلگەن نامزات بىرلا بولسا، تەڭ نامزاتلىق سايلام ئۆتكۈزۈلسىمۇ بولىدۇ. مۇئاۋىن رەئىس، مۇئاۋىن يېزا باشلىقى، مۇئاۋىن بازار باشلىقى نامزاتىنىڭ سانى سايلىنىدىغانلار سانىدىن 1دىن 3 كىشىگىچە ئارتۇق كۆرسىتىلىشى كېرەك، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى سايلىنىدىغانلارنىڭ سانىغا قاراپ كونكرېت ئارتۇق نامزات سانىنى سايلام چارىسىدە بەلگىلەپ، ئارتۇق نامزاتلىق سايلام ئۆتكۈزىدۇ. كۆرسىتىلگەن نامزات سانى سايلام چارىسىدە بەلگىلەنگەن ئارتۇق نامزات سانىغا توغرا كەلسە، ھەيئەت رىياسەت نامزاتلارنى ۋەكىللەرنىڭ غۇلغۇلىسى، مۇزاكىرىسىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. كۆرسىتىلگەن نامزات سانى سايلام چارىسىدە بەلگىلەنگەن ئارتۇق نامزات سانىدىن ئېشىپ كەتسە، ھەيئەت رىياسەت نامزاتلارنى ۋەكىللەرنىڭ غۇلغۇلىسى، مۇزاكىرىسىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، تەييارلىق سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. تەييارلىق سايلامدا ئېرىشكەن بېلەتنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە قاراپ، سايلام چارىسىدە بەلگىلەنگەن ئارتۇق نامزات سانى بويىچە رەسمىي نامزاتلار ئىسىملىكى بېكىتىلىپ، سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ.

سايلامدا تەڭدىن تولا بېلەتكە ئېرىشكەن نامزات سانى سايلىنىدىغانلار سانىدىن ئېشىپ كەتسە، كۆپ بېلەتكە ئېرىشكەنلەر سايلىنىدۇ. ئېرىشكەن بېلەت سانى تەڭ بولۇپ سايلانغۇچىنى بېكىتكىلى بولمىسا، تەڭ بېلەتكە ئېرىشكەنلەرگە قايتا بېلەت تاشلىنىپ، كۆپ بېلەتكە ئېرىشكىنى سايلىنىدۇ.

بىرىنچى قېتىملىق سايلامدا رەئىس، يېزا باشلىقى، بازار باشلىقى سايلاپ چىقىلمىغان ياكى مۇئاۋىن رەئىس، مۇئاۋىن يېزا باشلىقى، مۇئاۋىن بازار باشلىقى تولۇق سايلاپ چىقىلمىغان بولسا، سايلاپ چىقىلمىغانلار ۋە كەم قالغان سان ئۈچۈن ئايرىم سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئايرىم سايلام ئۆتكۈزۈلگەندە، نامزاتلارنىڭ تەرتىپى بىرىنچى قېتىم بېلەت تاشلىغاندا ئېرىشكەن بېلەتنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ، نامزات قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە باشقىدىن كۆرسىتىلسىمۇ، بېكىتىلسىمۇ بولىدۇ. سايلاپ چىقىلمىغان ۋە كەم قالغان سان ئۈچۈن ئايرىم ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارار قىلىشى بىلەن، شۇ قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ئۆتكۈزۈلسىمۇ، كېيىنكى قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ئۆتكۈزۈلسىمۇ بولىدۇ.

مۇئاۋىن رەئىس، مۇئاۋىن يېزا باشلىقى، مۇئاۋىن بازار باشلىقىنى ئايرىم سايلىغاندا، مۇشۇ ماددىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئارتۇق نامزات سانى بەلگىلىنىپ، ئارتۇق نامزاتلىق سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ.

رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس، يېزا باشلىقى، مۇئاۋىن يېزا باشلىقى، بازار باشلىقى، مۇئاۋىن بازار باشلىقىنىڭ ئورنى مەلۇم سەۋەبتىن بوش قالسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنى چاقىرىپ تولۇقلاپ سايلاش كېرەك. تولۇقلاپ سايلىغاندا، نامزات سانى سايلىنىدىغانلار سانىدىن كۆپ بولسىمۇ، سايلىنىدىغانلار بىلەن تەڭ بولسىمۇ بولىدۇ.

19 - ماددا سايلامدا ئىمزاسىز بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، ۋەكىللەر بېكىتىلگەن نامزاتقا قوشۇلۇش بېلىتى تاشلىسىمۇ، قوشۇلماسلىق بېلىتى تاشلىسىمۇ بولىدۇ، سايلام چارىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە باشقا ھەرقانداق ۋەكىل ياكى سايلىغۇچىنى سايلىسىمۇ، ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسىمۇ بولىدۇ.

20 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى سايلام خىزمىتىنى قەتئىي تۈردە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئىشلىشى كېرەك. دۆلەت خادىملىرىنى سايلاشتا، سايلىنىدىغان نامزاتلارنى يىغىندا بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىشتىن ئىلگىرى، ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشۈشكە تەشكىللەش كېرەك؛ سايلانغاندىن كېيىن ۋەزىپە ئۆتەش ئىپادىسىنى بىلدۈرسە بولىدۇ.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن بويىچە سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن دۆلەت خادىملىرىنى تەشكىللەپ ئاساسىي قانۇن قەسىمى بەرگۈزۈشى كېرەك.

21 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىن ئاچقاندا، ھەيئەت رىياسەت ۋە خەلق ھۆكۈمىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان تەكلىپنى سۇنسا بولىدۇ، ئۇنى ھەيئەت رىياسەت يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلىدۇ.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5تىن ئارتۇق ۋەكىلى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان تەكلىپنى سۇنسا بولىدۇ، ھەيئەت رىياسەت ئۇنى يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش - كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىدۇ.

يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈلىدىغان تەكلىپنى يىغىندا ئاۋازغا قويۇشتىن ئىلگىرى، تەكلىپ سۇنغۇچى تەكلىپنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، ھەيئەت رىياسەتنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، يىغىن شۇ تەكلىپنى قاراپ چىقىشنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

22 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ھەر جەھەتتىكى خىزمەتلەر ئۈستىدە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا بەرگەن تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلەرنى ھەيئەت رىياسەت شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن، تەشكىلاتلارغا مۇھاكىمە قىلىپ بېجىرىشنى ھەمدە 3 ئاي ئىچىدە ۋەكىللەرگە جاۋاب بېرىشنى تاپشۇرىدۇ؛ ھەقىقەتەن ئۇزارتىش زۆرۈر بولغانلىرىنىڭ بېجىرىش مۆھلىتى 6 ئايدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. ۋەكىللەرنىڭ ئىنكاسى بىرقەدەر مەركەزلەشكەن ياكى خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغانلىرىنى ھەيئەت رىياسەت نۇقتىلىق بېجىرىلىدىغان ۋەكىللەر تەۋسىيەسى، تەنقىدى ۋە پىكرى قىلىپ بېكىتىشى كېرەك.

23 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىن ئاچقاندا، ھەيئەت رىياسەت ياكى ۋەكىللەرنىڭ بەشتىن بىرىدىن كۆپرەكى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسنى، يېزا باشلىقى، مۇئاۋىن يېزا باشلىقىنى، بازار باشلىقى، مۇئاۋىن بازار باشلىقىنى قالدۇرۇۋېتىش توغرىسىدا يازما تەكلىپ قويسا بولىدۇ. ھەيئەت رىياسەت ئۇنى يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدۇ.

قالدۇرۇۋېتىش تەكلىپىگە سەۋەبىنى ئېنىق يېزىش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

قالدۇرۇۋېتىش تەكلىپىنى ھەيئەت رىياسەت يىغىندا قاراپ چىقىشقا قويغاندىن كېيىن، ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا بېرىشكە سۇنىدۇ. ئاۋازغا قويۇشتىن ئىلگىرى، قالدۇرۇۋېتىشكە سۇنۇلغان كىشى ھەيئەت رىياسەت يىغىنىدا ياكى يىغىن ئومۇمىي يىغىنىدا ئاقلىنىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ياكى ئاقلىنىش پىكرىنى يېزىقچە ئوتتۇرىغا قويۇشقا ھوقۇقلۇق. ھەيئەت رىياسەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاقلىنىش پىكرىنى ياكى يېزىقچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاقلىنىش پىكرىنى ھەيئەت رىياسەت يىغىنغا تارقىتىدۇ.

24 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىن ئاچقاندا، 10دىن ئارتۇق ۋەكىل بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە يېزىقچە سۈرۈشتۈرمە قويسا بولىدۇ. سۈرۈشتۈرمىگە سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئوبيېكت، مەسىلە ۋە مەزمۇن ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.

سۈرۈشتۈرمە ھەيئەت رىياسەتنىڭ قارار قىلىشى بىلەن، سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭ ھەيئەت رىياسەت يىغىنىدا، يىغىن ئومۇمىي يىغىنىدا ئاغزاكى ياكى يېزىقچە جاۋاب بېرىشىگە تاپشۇرۇلىدۇ. ھەيئەت رىياسەت يىغىنىدا جاۋاب بېرىلىدىغانلىرىدا سۈرۈشتۈرمە قويغۇچى ۋەكىللەر يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىپ پىكىر بېرىشكە ھوقۇقلۇق؛ ھەيئەت رىياسەت زۆرۈر دەپ قارىسا، سۈرۈشتۈرمىگە جاۋاب بېرىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتنى يىغىنغا تارقاتسا بولىدۇ.

سۈرۈشتۈرمىگە ئاغزاكى جاۋاب بېرىلىدىغانلىرىدا سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭ مەسئۇلى يىغىنغا كېلىپ جاۋاب بېرىشى كېرەك؛ سۈرۈشتۈرمىگە يېزىقچە جاۋاب بېرىلىدىغانلىرىدا سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭ مەسئۇلى جاۋابقا ئىمزا قويۇشى، ھەيئەت رىياسەت ئۇنى يىغىنغا ياكى سۈرۈشتۈرمە قويغۇچى ۋەكىللەرگە تارقىتىپ بېرىشى كېرەك.

سۈرۈشتۈرمە قويغان ۋەكىللەرنىڭ تەڭدىن تولىسى بېرىلگەن جاۋابقا رازى بولمىسا، سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاندىن قايتا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

25 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تەكلىپنى ۋە دوكلاتنى قاراپ چىققاندا، ۋەكىللەر شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە سوئال قويسا بولىدۇ. شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىشى، سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى كېرەك؛ ۋەكىللەر قاراپ چىققاندا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر، تەكلىپلەرگە نەق مەيداندا جاۋاب بېرىشى ياكى چۈشەندۈرۈشى؛ نەق مەيداندا جاۋاب بېرىشكە ھەقىقەتەن ئامالسىز بولسا، يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ بېجىرىشى ھەمدە 1 ئاي ئىچىدە ۋەكىللەرگە قايتما ئىنكاس قىلىشى كېرەك.

26 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى مۇھىم، زور ئىشلار ھەققىدە بېكىتمە، قارار چىقىرىشنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىشتە، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، تەھلىل قىلىپ باھالاپ، دەلىللەپ، شەكىللەندۈرگەن پىكىر، تەۋسىيەنى يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇشى كېرەك.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ماقۇللىغان بېكىتمە، قارارنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا سۇنۇش ھەمدە نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش ۋە ئۈنۈمنى ئىز قوغلاپ سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، بېكىتمە، قارارنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈلۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

3 - باب يىغىن يېپىق مەزگىلدىكى مەسئۇلىيەت

27 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، ھەيئەت رىياسەت كۈندىلىك خىزمەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى يۈرگۈزىدۇ. ھەيئەت رىياسەت يىغىن يېپىق مەزگىلدىكى خىزمىتىدىن شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا دوكلات بېرىدۇ.

28 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، ھەيئەت رىياسەت يىغىنى ھەر پەسىلدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئېچىلىدۇ. ھەيئەت رىياسەت ئەزالىرىدىن 3تىن ئارتۇق كىشىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ھەيئەت رىياسەت يىغىنىنى دەمال ئېچىشقا بولىدۇ.

ھەيئەت رىياسەت يىغىن ئاچقاندا، يىغىن مەزمۇنىغا ئاساسەن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىغا سىرتتىن قاتنىشىشنى ئۇقتۇرسا بولىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ۋە شۇ مەمۇرىي رايوندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

ھەيئەت رىياسەت يىغىنىنى بارلىق ئەزالىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى قاتناشقاندىلا ئېچىشقا بولىدۇ.

ھەيئەت رىياسەت يىغىنىنىڭ قارارىنى بارلىق ئەزالىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى ماقۇللايدۇ.

29 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى يىغىن يېپىق مەزگىلدە، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋە جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردىن بىرقانچىنى تاللاپ، ۋەكىللەرنى تۆۋەندىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ:

(1) شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتىدۇ ۋە مۇزاكىرە قىلىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىسىمۇ بولىدۇ؛

(2) قانۇن، نىزاملارنى، شۇنىڭدەك يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھەم شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بېكىتمە، قارارىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ؛

(3) شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ ۋە مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ، كۆزدىن كەچۈرۈشتە ۋەكىللەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ؛

(4) ۋەكىللەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، شۇ دەرىجىلىك ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى ۋەكىللىك كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ شۇ جايدا كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ؛

(5) شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىنىڭ قانۇنلۇقلۇقى، مۇكەممەللىكى، مۇمكىنلىكىنى، شۇنىڭدەك نۇقتىلىق چىقىم ۋە مۇھىم، زور مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرىدۇ؛

(6) شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن، تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيە، تەنقىد، پىكىرلىرىنى بېجىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ؛

(7) سايلىغۇچىلار ۋە خەلق ئاممىسىنى قەرەللىك قوبۇل قىلىپ، كۆپ خىل شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، ئەسلىي سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلارغا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىدۇ، سايلىغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ، سايلىغۇچىلارنىڭ ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ؛

(8) ۋەكىللەرنى تەربىيەلەش پىلانى، ۋەكىللەر پائالىيىتى پىلانى ۋە ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىش پونكىتى قۇرۇلۇشىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ؛

(9) قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇلىدىغان باشقا پائالىيەتلەر.

30 - ماددا ۋەكىللەر پائالىيىتىدىن شەكىللەنگەن قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى، كۆزدىن كەچۈرۈش دوكلاتى ياكى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىنى، شۇنىڭدەك يىغىن يېپىق مەزگىلدە ۋەكىللەر يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىگە ھەرقايسى جەھەتتىكى خىزمەتلەر ھەققىدە بەرگەن تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلەرنى ھەيئەت رىياسەت ۋاقتىدا شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن، تەشكىلاتلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشى، ئىز قوغلاپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى ھەمدە ۋەكىللەرگە دوكلاتنى مۇھاكىمە قىلىپ بېجىرىش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلىشى كېرەك.

31 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى شۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ھەيئەت رىياسەت ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ھەيئەت رىياسەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ:

(1) ھەيئەت رىياسەتنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، ھەيئەت رىياسەت يىغىنىنى چاقىرىدۇ؛

(2) يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛

(3) مۇشۇ نىزامنىڭ 29 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ھەيئەت رىياسەتكە ۋەكىللەرنىڭ پائالىيەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ھەيئەت رىياسەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ۋەكىللەرنى پائالىيەتكە تەشكىللەيدۇ؛

(4) ۋەكىللەرنى ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، نىزاملار ۋە پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى، شۇنىڭدەك شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ بېكىتمە، قارارلىرىنى تەشۋىق قىلىشقا تەشكىللەيدۇ؛

(5) يېزا، مىللىي يېزا، بازارنىڭ مۇھىم يىغىنلىرىغا قاتنىشىدۇ ياكى سىرتتىن قاتنىشىدۇ، مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشقا قاتنىشىدۇ؛

(6) ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى پائالىيىتى ۋە ۋەكىللەر پائالىيىتى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەيدۇ ۋە ئالماشتۇرىدۇ، ۋەكىللەرنىڭ، سايلىغۇچىلارنىڭ ئەرزىيەت ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، بېجىرىدۇ، ۋەكىللەرنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم يىغىنلىرىنىڭ روھىدىن ۋە نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن خەۋەرلەندۈرىدۇ؛

(7) ۋەكىللەر ۋە ئاممىنىڭ شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىگە بولغان تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى ئىنكاس قىلىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن، تەشكىلاتلارنىڭ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بەرگەن تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلەرنى بېجىرىش ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ، نۇقتىلىق تەۋسىيەلەرنى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئىز قوغلاپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، نەق مەيداننى كۆزدىن كەچۈرۈش، رازى بولۇش دەرىجىسىنى باھالاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىدۇ؛

(8) ۋەكىللەرنى تەربىيەلەش پىلانى تۈزۈپ، ۋەكىللەرنى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش بويىچە تەربىيەلەش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش بويىچە تەربىيەلەش، مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلەش قاتارلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش بويىچە ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەيدۇ؛

(9) ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئەھۋالىنى خاتىرىلەيدۇ؛

(10) ۋەكىللەردىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلەيدۇ؛

(11) ھەيئەت رىياسەت ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بېجىرىشكە ھاۋالە قىلغان ئىشلارنى بېجىرىدۇ.

يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رەئىسنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ ياكى رەئىسنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن مۇناسىۋەتلىك خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.

32 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقىلىشىش پونكىتى تەسىس قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرىنى ئاشكارىلايدۇ، رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ھەر ئايدا ھېچبولمىغاندا بىر قېتىم پونكىتتا ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللەيدۇ، تۈرلۈك ۋەكىللەر پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى كوللېكتىپ پائالىيەتنى ئاساس، ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى پائالىيىتىنى تۈپ شەكىل قىلىدۇ. 3تىن ئارتۇق ۋەكىل بار ئاھالىلەر رايونى ياكى ئىشلەپچىقىرىش ئورنى ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى تەشكىللىسە بولىدۇ. ۋەكىللەر گۇرۇپپىسىدا ۋەكىللەر سايلىغان گۇرۇپپا باشلىقى ۋەكىللەرنى تۆۋەندىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەيدۇ:

(1) ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن، نىزاملارنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش؛

(2) شۇ جاينى كۆزدىن كەچۈرۈش؛

(3) تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش؛

(4) قانۇن، نىزاملارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەش؛

(5) ئىش تەقسىماتى بويىچە، سايلىغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ پىكىر ۋە تەلىپىنى ئاڭلاش ۋە ئىنكاس قىلىش؛

(6) ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش.

33 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى ھەمدە ھەيئەت رىياسەت ئەزالىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ گۇرۇپپىلاپ، كۆپ دەرىجە ھەمتۈرتكە بولۇشقا ياردەملىشىدۇ، ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى پائالىيىتى، ۋەكىللەرنى كۈتۈۋېلىش كۈنى، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش كۈنى، سايلىغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ئاممىدىن ئەھۋال سوراش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاممىدىن پىكىر، تەكلىپ ئېلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى، ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، ئەلرايىنى ئىپادىلەش ۋە ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

34 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى مەلۇم سەۋەب بىلەن ۋەزىپە ئۆتىيەلمىگەندە، مۇئاۋىن رەئىس ۋاكالىتەن ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. مۇئاۋىن رەئىس قويۇلمىغان بولسا، كېيىنكى نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېڭى رەئىس سايلاپ چىققۇچە ھەيئەت رىياسەت شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن مۇۋەققەت ۋەزىپە ئۆتىگۈچىنى بەلگىلەيدۇ.

35 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى ۋەكىللىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇۋېتىلسە ياكى ۋەكىللىك سالاھىيىتى ئاخىرلاشتۇرۇلسا، ئۇنىڭ رەئىسلىك، مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىمۇ مۇناسىپ ھالدا قالدۇرۇلىدۇ ياكى ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ، ئۇنى ھەيئەت رىياسەت ئېلان قىلىدۇ.

4 - باب ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى

36 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى تەسىس قىلىدۇ، بۇ كومىتېت تولۇقلاپ سايلىنىدىغان شۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋە سايلانغان كېلەر نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.

ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى 1 مۇدىر ئەزا، 1 مۇئاۋىن مۇدىر ئەزا، 3تىن 5كىچە ئەزادىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇلارنى يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى ۋەكىللەر ئىچىدىن كۆرسىتىپ، شۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنىدۇ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى شۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەزىپە ئۆتەش نۆۋىتى توشقىچە بولىدۇ.

ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنى ۋەزىپە ئۆتەش مۆھلىتى ئىچىدە تەڭشەشكە توغرا كەلسە، ھەيئەت رىياسەت شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنىدۇ.

37 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەندىن كېيىن، ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلانغان ۋەكىلنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ۋەكىللەرنىڭ ئاساسىي شەرتىگە ئۇيغۇن بولغان - بولمىغانلىقىنى، سايلامنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە ئۇيغۇن بولغان - بولمىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە سايلىنىشنىڭ كۈچكە ئىگە بولماسلىقىدەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنىڭ بار - يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ، ۋەكىلنىڭ سايلانغانلىقىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغان - بولمىغانلىقى ھەققىدىكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىگە دوكلات قىلىدۇ.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى بەرگەن دوكلاتقا ئاساسەن، ۋەكىلنىڭ سالاھىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ ياكى ۋەكىلنىڭ سايلانغانلىقىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغان - بولمىغانلىقىنى بېكىتىدۇ، ھەر نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - يىغىنىدىن بۇرۇن ۋەكىللەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ.

تولۇقلاپ سايلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مۇشۇ ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى تەكشۈرتكەندىن كېيىن، ھەيئەت رىياسەت ۋەكىللەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ.

38 - ماددا ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋەكىلنىڭ ئىستېپاسى قوبۇل قىلىنىش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇۋېتىلىش، شۇ مەمۇرىي رايوندىن كۆچۈپ كېتىش ياكى يۆتكىلىپ كېتىش قاتارلىق ۋەكىللىك سالاھىيىتى ئاخىرلىشىش ئەھۋالىنى، شۇنىڭدەك ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشتەك ئەھۋاللارنى يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىغا دوكلات قىلىدۇ ھەمدە ئۇنى يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ئېلان قىلىدۇ.

5 - باب ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش كاپالىتى

39 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئاساسىي قاتلام دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى تەركىبىدىكىلەر بولۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا بېرىلگەن خىزمەت ھوقۇقى بويىچە دۆلەت ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزىدۇ.

40 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

41 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنلىرىدا قىلغان سۆزى ۋە بەرگەن ئاۋازى قانۇندا سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى قولغا ئېلىش، جىنايى ئىشلار بويىچە سوت قىلىش ياكى ئۇلارغا جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش جەھەتتە قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، ئىجرا قىلغۇچى ئورگان يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىغا دەرھال دوكلات قىلىشى كېرەك.

42 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا ياكى يىغىن يېپىق مەزگىلدىكى ۋەكىللەر پائالىيىتىگە قاتناشقاندا، ۋەكىللەر ئىشلەيدىغان ئورۇن ۋاقىت چىقىرىپ بېرىشى كېرەك.

ۋەكىللەر قانۇن بويىچە ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشتا، ئىشلەيدىغان ئورنى ئۇلارنى نورمال ئىشقا چىققان دەپ قارايدۇ، ئۇلار ئىشلەيدىغان ئورنىنىڭ مائاش ۋە باشقا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

مۇقىم مائاش كىرىمى يوق ۋەكىللەر ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشتا، يېزا، مىللىي يېزا ۋە بازار مالىيەسى مۇۋاپىق ياردەم پۇل بېرىدۇ.

43 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يىغىن مەزگىلىدە ۋە يىغىن يېپىق مەزگىلدە، ھەر جەھەتتىكى خىزمەتلەر ھەققىدە بەرگەن تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلەرنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار، تەشكىلاتلار مۇھاكىمە قىلىپ بېجىرىشى، ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، بېجىرىش ئەھۋالىنى يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىگە دوكلات قىلىشى، خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا بېسىپ تارقىتىشى ھەمدە ئاشكارىلىشى كېرەك.

44 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى جەمئىيەتكە ۋە سايلام رايونىغا شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ۋەكىللەرنى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.

45 - ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى تەربىيەلىشى؛ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتىن ئىلگىرى ۋەكىللەرنى قاراتمىلىق ھالدا تەربىيەلىشى كېرەك.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەشكىللىگەن ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۆگىنىشىگە قاتناشسا بولىدۇ.

46 - ماددا بارلىق تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر ۋەكىللەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىنى قوللىشى كېرەك.

ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىشىگە ياردەملىشىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي تۇرۇۋالغانلارغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇن تەنقىد - تەربىيە بېرىشى، ھەتتا چارە كۆرۈشى كېرەك.

ۋەكىللەرنىڭ قانۇن بويىچە ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلارغا قىلمىشىغا قاراپ، ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ ۋەكىللەرنىڭ قانۇن بويىچە ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىشىگە زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش يولى بىلەن توسقۇنلۇق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئۆتىگەن ۋەكىللەردىن ئۆچ ئالغانلارنى ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ياكى ئۇلارغا چارە كۆرىدۇ؛ دۆلەت خادىملىرى ئۆچ ئېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرسە، جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

6 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

47 - ماددا بۇ نىزام 2021 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن - نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.