تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلام قانۇنى

(1979 - يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى 5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 - يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1982 - يىل 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى 5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلام قانۇنى>نىڭ بىرقانچە بەلگىلىمىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 1 - قېتىم تۈزىتىلگەن، 1986 - يىل 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18 - يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلام قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 2 - قېتىم تۈزىتىلگەن، 1995 - يىل 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12 - يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلام قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 3 - قېتىم تۈزىتىلگەن، 2004 - يىل 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12 - يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلام قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 4 - قېتىم تۈزىتىلگەن، 2010 - يىل 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى 11 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلام قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 5 - قېتىم تۈزىتىلگەن، 2015 - يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 16 - يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشكىلىي قانۇنى>، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلام قانۇنى>، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرى قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 6 - قېتىم تۈزىتىلگەن، 2020 - يىل 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 22 - يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلام قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 7 - قېتىم تۈزىتىلدى)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

61 - نومۇرلۇق

«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلام قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 - يىغىنىدا 2020 - يىل 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2020 - يىل 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

2020 - يىل 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى

مۇندەرىجە

1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2 - باب سايلام ئاپپاراتى

3 - باب يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى

4 - باب مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى

5 - باب ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سايلىنىشى

6 - باب سايلام رايونىنىڭ ئايرىلىشى

7 - باب سايلىغۇچىلارنىڭ تىزىملىنىشى

8 - باب ۋەكىل نامزاتىنىڭ كۆرسىتىلىشى

9 - باب سايلام تەرتىپى

10 - باب ۋەكىللەرنىڭ نازارەت قىلىنىشى ۋە قالدۇرۇۋېتىلىشى، ئىستېپا بېرىشى، تولۇقلاپ سايلىنىشى

11 - باب سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنىڭ جازالىنىشى

12 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 - ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلام قانۇنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2 - ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلىدۇ، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ، قەتئىي تۈردە قانۇن بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ.

3 - ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايونى بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلايدۇ.

رايونى يوق شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، ناھىيەلىك، ئاپتونوم ناھىيەلىك، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىغۇچىلار بىۋاسىتە سايلايدۇ.

4 - ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېشى 18گە توشقان پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى مىللىتى، ئىرقى، جىنسى، كەسپى، ئائىلە كېلىپ چىقىشى، دىنىي ئېتىقادى، بىلىم دەرىجىسى، مال - مۈلۈك ئەھۋالى ۋە ئولتۇراقلىشىش ۋاقتىغا قارىماي، سايلاش ھوقۇقىغا ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە.

قانۇن بويىچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلاردا سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقى بولمايدۇ.

5 - ماددا بىر سايلىغۇچىنىڭ بىر قېتىملىق سايلامدا بىرلا بېلەت تاشلاش ھوقۇقى بولىدۇ.

6 - ماددا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئايرىم سايلام ئۆتكۈزىدۇ، سايلام چارىسى ئايرىم بەلگىلىنىدۇ.

7 - ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇۋاپىق ساندا ئاساسىي قاتلام ۋەكىلى بولۇشى، بولۇپمۇ ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە زىيالىيلار ۋەكىلى بولۇشى؛ مۇۋاپىق ساندا ئايال ۋەكىللەر بولۇشى ھەمدە ئايال ۋەكىللەرنىڭ نىسبىتى پەيدىنپەي ئۆستۈرۈلۈشى كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار كۆپرەك جايلاردىكى يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلارنىڭ مۇۋاپىق ساندا ۋەكىلى بولۇشى كېرەك.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان پۇقرالىرىدىن ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سايلىنىۋاتقان مەزگىلدە دۆلەت ئىچىدە بولغانلىرى ئەسلىي يۇرتىدىكى ياكى چەت ئەلگە چىقىشتىن ئىلگىرىكى تۇرۇشلۇق جايىدا سايلامغا قاتناشسا بولىدۇ.

8 - ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام خىراجىتى مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈلۈپ، دۆلەت خەزىنىسىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.

2 - باب سايلام ئاپپاراتى

9 - ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سايلىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايونى بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سايلىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

رايونى يوق شەھەر، شەھەرگە قاراشلىق رايون، ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، يېزا، مىللىي يېزا، بازارلاردا سايلام كومىتېتى قۇرۇلۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سايلىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، رايونى يوق شەھەر، شەھەرگە قاراشلىق رايون، ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ سايلام كومىتېتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ. يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق سايلام كومىتېتى رايونى يوق شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، ناھىيەلىك، ئاپتونوم ناھيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايونى بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

10 - ماددا رايونى يوق شەھەر، شەھەرگە قاراشلىق رايون، ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ سايلام كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىنلەيدۇ. يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق سايلام كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنى رايونى يوق شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، ناھىيەلىك، ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىنلەيدۇ.

سايلام كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر ۋەكىل نامزاتى بولسا، سايلام كومىتېتىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى كېرەك.

11 - ماددا سايلام كومىتېتى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ:

(1) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلايدىغان سايلام رايونىنى ئايرىش، سايلام رايونلىرىغا سايلىنىدىغان ۋەكىل سانىنى تەقسىم قىلىش؛

(2) سايلىغۇچىلارنى تىزىملاش، سايلىغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش، سايلىغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىش؛ سايلىغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكىگە دائىر باشقىچە پىكىردىكى ئەرزنى قوبۇل قىلىش ھەم شۇ ھەقتە قارار چىقىرىش؛

(3) سايلام كۈنىنى بېكىتىش؛

(4) ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش، ئېنىقلاش ھەمدە تونۇشتۇرۇشقا تەشكىللەش؛ كۆپرەك ساندىكى سايلىغۇچىلارنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، رەسمىي ۋەكىل نامزاتى ئىسىملىكىنى بېكىتىش ۋە ئېلان قىلىش؛

(5) بېلەت تاشلاش سايلىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىش؛

(6) سايلام نەتىجىسىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغان - بولمىغانلىقىنى بېكىتىش، سايلانغان ۋەكىللەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىش؛

(7) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

سايلام كومىتېتى سايلام ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

3 - باب يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى

12 - ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىلىدۇ:

(1) ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە ۋەكىللەرنىڭ ئاساس سانى 350 بولىدۇ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندا ھەر 150 مىڭ ئادەمگە 1 ۋەكىل كۆپەيتىلسە بولىدۇ؛ بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە ھەر 25 مىڭ ئادەمگە 1 ۋەكىل كۆپەيتىلسە بولىدۇ؛ لېكىن ۋەكىللەرنڭ ئومۇمىي سانى 1000دىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ؛

(2) رايونى بار شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاستتا ۋەكىللەرنىڭ ئاساس سانى 240 بولىدۇ، ھەر 25 مىڭ ئادەمگە 1 ۋەكىل كۆپەيتىلسە بولىدۇ؛ ئاھالىسى 10 مىليوندىن ئاشىدىغانلىرىدا ۋەكىللەرنىڭ ئومۇمىي سانى 650تىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ؛

(3) رايونى يوق شەھەر، شەھەرگە قاراشلىق رايون، ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيەلەردە ۋەكىللەرنىڭ ئاساس سانى 140 بولىدۇ، ھەر 5000 ئادەمگە 1 ۋەكىل كۆپەيتىلسە بولىدۇ؛ ئاھالىسى 1 مىليون 550 مىڭدىن ئاشىدىغانلىرىدا ۋەكىللەرنىڭ ئومۇمىي سانى 450تىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ؛ ئاھالىسى 50 مىڭغا يەتمەيدىغانلىرىدا ۋەكىللەرنىڭ ئومۇمىي سانى 140تىن ئاز بولسا بولىدۇ؛

(4) يېزا، مىللىي يېزا، بازاردا ۋەكىللەرنىڭ ئاساس سانى 45 بولىدۇ، ھەر 1500 ئادەمگە 1 ۋەكىل كۆپەيتىلسە بولىدۇ؛ لېكىن ۋەكىللەرنىڭ ئومۇمىي سانى 160تىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ؛ ئاھالىسى 2000غا يەتمەيدىغانلىرىدا ۋەكىللەرنىڭ ئومۇمىي سانى 45تىن ئاز بولسىمۇ بولىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئاساس سانىغا ئاھالە سانى بويىچە كۆپەيتىلگەن ۋەكىل سانى قوشۇلغاندا، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئومۇمىي سانى بولىدۇ.

ئاپتونوم رايوندا، توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپ ئۆلكىدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارى بىلەن، ۋەكىل سانى يەنە %5 كۆپەيتىلسە بولىدۇ. توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپ بولغان ياكى ئاھالىنىڭ ئولتۇراقلىشىشى تارقاق بولغان ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، يېزا، مىللىي يېزىدا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارى بىلەن، ۋەكىل سانى يەنە %5 كۆپەيتىلسە بولىدۇ.

13 - ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ كونكرېت سانىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن بېكىتىدۇ. رايونى بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق ۋە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ كونكرېت سانىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن بېكىتىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ. يېزا دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ كونكرېت سانىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن بېكىتىدۇ، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

14 - ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئومۇمىي سانى بېكىتىلگەندىن كېيىن قايتا ئۆزگەرتىلمەيدۇ. مەمۇرىي رايونلارنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى مۇھىم، زور قۇرۇلۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاھالە سانىدا چوڭراق ئۆزگىرىش بولسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئومۇمىي سانى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتىدىن بېكىتىلىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋەكىللەر سانى قايتىدىن بېكىتىلگەن بولسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر سانىنى قايتىدىن بېكىتىش ئەھۋالىنى 30 كۈن ئىچىدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

15 - ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ياكى شۇ دەرىجىلىك سايلام كومىتېتى شۇ مەمۇرىي رايونغا قاراشلىق بىر دەرىجە تۆۋەن مەمۇرىي رايونلار ياكى سايلام رايونلىرىدىكى ئاھالە سانىغا قاراپ، ھەربىر ۋەكىل ۋەكىللىك قىلىدىغان شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ سانى ئوخشاش بولۇش پىرىنسىپى، شۇنىڭدەك رايونلار، مىللەتلەر، ھەرقايسى تەرەپلەردىن مۇۋاپىق ساندا ۋەكىل بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش تەلىپى بويىچە تەقسىم قىلىدۇ. ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرىدا ئاھالىسى بەك ئاز يېزا، مىللىي يېزا، بازارنىڭ ئاز دېگەندە 1دىن ۋەكىلى بولۇشى كېرەك.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى تەقسىم قىلىش چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى تەقسىم قىلىش چارىسىدىن پايدىلىنىپ، شۇ جاينىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4 - باب مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى

16 - ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ سايلىمىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى 3000دىن ئاشمايدۇ.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا سايلىنىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سانىنى ۋە ۋەكىللەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئايرىم چىقىرىدۇ.

17 - ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئاھالە سانىغا قاراپ، ھەربىر ۋەكىل ۋەكىللىك قىلىدىغان شەھەر - يېزا ئاھالە سانى ئوخشاش بولۇش پىرىنسىپى، شۇنىڭدەك رايونلار، مىللەتلەر، ھەرقايسى تەرەپلەردىن مۇۋاپىق ساندا ۋەكىل بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش تەلىپى بويىچە تەقسىم قىلىدۇ.

ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن سايلىنىدىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ئاھالە سانىغا قاراپ بېكىتىلگەن سان، ئوخشاش رايونلارنىڭ ئاساس سانى ۋە سايلىنىدىغان باشقا ساندىن تەركىب تاپىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى كونكرېت تەقسىم قىلىشنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قارار قىلىدۇ.

18 - ماددا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا سايلىنىدىغان ۋەكىللەرنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاھالە سانى ۋە جايلىشىشى قاتارلىق ئەھۋاللاردىن پايدىلىنىپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سايلاپ چىقىشىغا تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. ئاھالىسى بەك ئاز مىللەتلەرنىڭ ئاز دېگەندە 1دىن ۋەكىلى بولۇشى كېرەك.

5 - باب ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سايلىنىشى

19 - ماددا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەتلەر بار جايلاردا، توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ھەربىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ شۇ جايدىكى خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىلى بولۇشى كېرەك.

چېگرا ئىچىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئوخشاش بىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ئومۇمىي ئاھالە سانى چېگرا ئىچىدىكى ئومۇمىي ئاھالە سانىنىڭ %30ىدىن ئاشسا، ھەربىر ۋەكىل ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سانى شۇ جايدىكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەربىر ۋەكىلى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سانىغا تەڭ بولۇشى كېرەك.

چېگرا ئىچىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئوخشاش بىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ئومۇمىي ئاھالە سانى چېگرا ئىچىدىكى ئومۇمىي ئاھالە سانىنىڭ %15ىگە يەتمىسە، ھەربىر ۋەكىل ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سانى شۇ جايدىكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەربىر ۋەكىلى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سانىدىن مۇۋاپىق تۈردە ئاز بولسا بولىدۇ، لېكىن ئىككىدىن بىر قىسمىدىن ئاز بولسا بولمايدۇ؛ رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ ئاھالىسى بەك ئاز ئاپتونوم ناھىيەلەردە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارى بىلەن، ئىككىدىن بىر قىسمىدىن ئاز بولسا بولىدۇ. توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان باشقا مىللەتلەردىن ئاھالىسى بەك ئاز بولغانلىرىنىڭ ئاز دېگەندە 1دىن ۋەكىلى بولۇشى كېرەك.

چېگرا ئىچىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئوخشاش بىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ئومۇمىي ئاھالە سانى چېگرا ئىچىدىكى ئومۇمىي ئاھالە سانىنىڭ %15ىدىن ئاشسا، %30ىگە يەتمىسە، ھەربىر ۋەكىل ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سانى شۇ جايدىكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەربىر ۋەكىلى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سانىدىن مۇۋاپىق تۈردە ئاز بولسا بولىدۇ، لېكىن شۇ ئاز سانلىق مىللەتكە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن سايلىنىدىغان ۋەكىل سانى ئومۇمىي ۋەكىل سانىنىڭ %30ىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

20 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيەلىك ۋە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەت بار يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىغا چېگرا ئىچىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ۋە خەنزۇ مىللىتىدىن ۋەكىل سايلاشتا مۇشۇ قانۇننىڭ 19 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

21 - ماددا تارقاق ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ شۇ جايدىكى خەلق قۇرۇلتىيىغا سايلىنىدىغان ۋەكىلىنىڭ ھەربىرى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سانى شۇ جايدىكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەربىر ۋەكىلى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سانىدىن ئاز بولسا بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيەلىك ۋە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەت بار يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىغا تارقاق ئولتۇراقلاشقان باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ۋە خەنزۇ مىللىتىدىن ۋەكىل سايلاشتا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

22 - ماددا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەت بار رايونى يوق شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، ناھىيەلىك، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە، شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالىغا قاراپ، ئاز سانلىق مىللەت سايلىغۇچىلىرى ئايرىم سايلام ئۆتكۈزسىمۇ ياكى بىرلەشمە سايلام ئۆتكۈزسىمۇ بولىدۇ.

ئاپتونوم ناھىيەلىك ۋە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەت بار يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ چېگرا ئىچىدە ئولتۇراقلاشقان باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ۋە خەنزۇ مىللىتىدىن ۋەكىل سايلاش چارىسىگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

23 - ماددا ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيە تەييارلىغان ياكى ئېلان قىلغان سايلام ھۆججەتلىرى، سايلىغۇچىلار ئىسىملىكى، سايلىغۇچىلىق گۇۋاھنامىسى، ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى، ۋەكىللىك گۇۋاھنامىسى ۋە سايلام كومىتېتىنىڭ تامغىسى قاتارلىقلاردا شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان مىللىيچە يېزىقنى تەڭ قوللىنىش كېرەك.

24 - ماددا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سايلىنىشىغا دائىر باشقا ئىشلاردا مۇشۇ قانۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىلىدۇ.

6 - باب سايلام رايونىنىڭ ئايرىلىشى

25 - ماددا رايونى يوق شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، ناھىيەلىك، ئاپتونوم ناھىيەلىك، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى سايلام رايونلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ، سايلام رايونى بويىچە سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. سايلام رايونلىرى ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالىغا قاراپ ئايرىلسىمۇ، ئىشلەپچىقىرىش ئورنى، كەسپىي ئورنى، ئىشلەيدىغان ئورنىغا قاراپ ئايرىلسىمۇ بولىدۇ.

سايلام رايونىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ھەربىر سايلام رايونىدا 1دىن 3كىچە ۋەكىل سايلاش بويىچە ئايرىلىدۇ.

26 - ماددا شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ سايلام رايونلىرىدىكى ھەر بىر ۋەكىل ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە سانى ئاساسەن تەڭ بولۇشى كېرەك.

7 - باب سايلىغۇچىلارنىڭ تىزىملىنىشى

27 - ماددا سايلىغۇچىلار سايلام رايونى بويىچە تىزىملىنىدۇ، ئۇلارنىڭ تىزىملاپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن سايلىغۇچىلىق سالاھىيىتى ئۇزاققىچە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ھەر قېتىم سايلام ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن، ئالدىنقى قېتىمقى سايلىغۇچىلارنى تىزىملاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يېشى 18گە توشقان، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش مۇددىتى توشۇپ، سىياسىي ھوقۇقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن سايلىغۇچىلار تىزىملىنىدۇ. سايلىغۇچىلار تىزىملانغاندىن كېيىن ئەسلىي سايلام رايونىدىن كۆچۈپ كەتكەن بولسا، كۆچۈپ كەلگەن سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلار ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ؛ ئۆلۈپ كەتكەنلەر ۋە قانۇن بويىچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلار سايلىغۇچىلار ئىسىملىكىدىن ئۆچۈرۈلىدۇ.

روھىي كېسەللەردىن سايلام ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمەيدىغانلىرى سايلام كومىتېتىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ئارقىلىق سايلىغۇچىلار ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.

28 - ماددا سايلىغۇچىلار ئىسىملىكى سايلام كۈنىدىن 20 كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىنىدۇ، سايلىغۇچىلىق گۇۋاھنامىسى ئارقىلىق بېلەت تاشلاش سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلارغا سايلىغۇچىلىق گۇۋاھنامىسى بېرىش كېرەك.

29 - ماددا ئېلان قىلىنغان سايلىغۇچىلار ئىسىملىكىگە باشقىچە پىكرى بارلار سايلىغۇچىلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 5 كۈن ئىچىدە سايلام كومىتېتىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ. سايلام كومىتېتى ئەرز پىكرى ھەققىدە 3 كۈن ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىشى كېرەك. ئەرز قىلغۇچى بىر تەرەپ قىلىش قارارىغا قايىل بولمىسا، سايلام كۈنىدىن 5 كۈن بۇرۇن خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسى سايلام كۈنىدىن بۇرۇن ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى ئاخىرقى قارار بولىدۇ.

8 - باب ۋەكىل نامزاتىنىڭ كۆرسىتىلىشى

30 - ماددا مەملىكەتلىك ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىل نامزاتلىرى سايلام رايونى ياكى سايلىغۇچى ئورۇننىڭ كۆرسىتىشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەر، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋەكىل نامزاتىنى بىرلىشىپ كۆرسەتسىمۇ ياكى ئۆز ئالدىغا كۆرسەتسىمۇ بولىدۇ. ۋەكىل نامزاتىنى سايلىغۇچىلار ياكى ۋەكىللەردىن 10 دىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ كۆرسەتسىمۇ بولىدۇ. كۆرسەتكۈچىلەر سايلام كومىتېتىغا ياكى يىغىن ھەيئەت رىياسىتىگە نامزاتلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشى كېرەك. كۆرسىتىلگەن ۋەكىل نامزاتى سايلام كومىتېتى ياكى يىغىن ھەيئەت رىياسىتىگە شەخسىي سالاھىيىتى، قىسقىچە تەرجىمىھالى قاتارلىق ئاساسىي ئەھۋالىنى ئەينەن دەپ بېرىشى كېرەك. دەپ بەرگەن ئاساسىي ئەھۋال راست بولمىسا، سايلام كومىتېتى ياكى يىغىن ھەيئەت رىياسىتى سايلىغۇچىلار ياكى ۋەكىللەرگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەر، خەلق تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ كۆرسەتكەن ياكى ئۆز ئالدىغا كۆرسەتكەن ۋەكىل نامزاتىنىڭ سانى، ھەربىر سايلىغۇچى ياكى ۋەكىللەر بىرلىشىپ كۆرسەتكەن ۋەكىل نامزاتىنىڭ سانى شۇ سايلام رايونى ياكى سايلىغۇچى ئورۇن سايلايدىغان ۋەكىل سانىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

31 - ماددا مەملىكەتلىك ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئارتۇق نامزاتلىق سايلامنى يولغا قويىدۇ، ۋەكىل نامزاتىنىڭ سانى سايلىنىدىغان ۋەكىل سانىدىن كۆپ بولۇشى كېرەك.

سايلىغۇچىلار خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنى بىۋاسىتە سايلايدىغان بولسا ۋەكىل نامزاتىنىڭ سانى سايلىنىدىغان ۋەكىل سانىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن 1 ھەسسىسىگىچە كۆپ بولۇشى كېرەك؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيىغا سايلايدىغان ۋەكىل نامزاتىنىڭ سانى سايلىنىدىغان ۋەكىل سانىدىن بەشتىن بىردىن ئىككىدىن بىرگىچە كۆپ بولۇشى كېرەك.

32 - ماددا سايلىغۇچىلار بىۋاسىتە سايلايدىغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نامزاتىنى سايلام رايونلىرىدىكى سايلىغۇچىلار ۋە ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەر، خەلق تەشكىلاتلىرى كۆرسىتىدۇ. سايلام كومىتېتى جەملەپ، ۋەكىل نامزاتىنىڭ ئىسىملىكى ۋە ۋەكىل نامزاتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى سايلام كۈنىدىن 15 كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىدۇ ھەمدە شۇ سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلار گۇرۇپپىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى، كېڭىشىشىگە تاپشۇرۇپ، رەسمىي ۋەكىل نامزاتىنىڭ ئىسىملىكىنى بېكىتىدۇ. كۆرسىتىلگەن نامزات سانى مۇشۇ قانۇننىڭ 31 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى ئارتۇق نامزات نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتسە، سايلام كومىتېتى ئۇنى سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلار گۇرۇپپىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى، كېڭىشىشىگە تاپشۇرۇپ، سايلىغۇچىلارنىڭ كۆپرەكىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، رەسمىي ۋەكىل نامزاتىنىڭ ئىسىملىكىنى بېكىتىدۇ؛ رەسمىي ۋەكىل نامزاتى ھەققىدە پىكىر بىردەك بولمىسا، تەييارلىق سايلام ئۆتكۈزۈپ، رەسمىي ۋەكىل نامزاتى ئىسىملىكىنى تەييارلىق سايلامدا ئېرىشكەن بېلەت سانىنىڭ ئاز - كۆپلۈك رەت تەرتىپىگە قاراپ بېكىتىدۇ. رەسمىي ۋەكىل نامزاتىنىڭ ئىسىملىكى ۋە ۋەكىل نامزاتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى سايلام كۈنىدىن 7 كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىش كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىغاندا، ۋەكىل نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش، غۇلغۇلا قىلىش ۋاقتى 2 كۈندىن كەم بولسا بولمايدۇ. شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەيئەت رىياسەتلىرى قانۇن بويىچە كۆرسىتىلگەن ۋەكىل نامزاتىنىڭ ئىسىملىكى ۋە ۋەكىل نامزاتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى بارلىق ۋەكىللەرنىڭ غۇلغۇلا ۋە مۇزاكىرە قىلىشىغا بېسىپ تارقىتىدۇ. كۆرسىتىلگەن ۋەكىل نامزاتى سانى مۇشۇ قانۇننىڭ 31 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئارتۇق نامزات نىسبىتىگە ئۇيغۇن كەلسە، بىۋاسىتە بېلەت تاشلاپ سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. كۆرسىتىلگەن ۋەكىل نامزاتى سانى مۇشۇ قانۇننىڭ 31 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى ئارتۇق نامزات نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتسە، تەييارلىق سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ، تەييارلىق سايلامدا ئېرىشكەن بېلەت سانىنىڭ ئاز - كۆپلۈك رەت تەرتىپىگە قاراپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سايلام چارىسىدىكى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن بەلگىلەنگەن كونكرېت ئارتۇق نامزات نىسبىتى بويىچە رەسمىي ۋەكىل نامزاتى ئىسىملىكى بېكىتىلىپ، بېلەت تاشلاپ سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ.

33 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىغاندا، ۋەكىل نامزاتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن چەكلەنمەيدۇ.

34 - ماددا سايلام كومىتېتى ياكى خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى سايلىغۇچىلارغا ياكى ۋەكىللەرگە ۋەكىل نامزاتىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشى كېرەك. ۋەكىل نامزاتىنى كۆرسەتكەن سىياسىي پارتىيەلەر، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە سايلىغۇچىلار، ۋەكىللەر سايلىغۇچىلار گۇرۇپپىسى ياكى ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى يىغىنىدا ئۆزى كۆرسەتكەن ۋەكىل نامزاتىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرسا بولىدۇ. سايلام كومىتېتى سايلىغۇچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە، ۋەكىل نامزاتىنى سايلىغۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈشكە تەشكىللىشى، ۋەكىل نامزاتلىرى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشى، سايلىغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشى كېرەك. لېكىن، سايلام كۈنى ۋەكىل نامزاتىنى تونۇشتۇرۇشنى توختىتىش شەرت.

35 - ماددا پۇقرالار ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاشقا قاتناشقاندا، چىگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر بەرگەن سايلامغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق شەكىلدىكى ماددىي ياردەمنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك قوبۇل قىلسا بولمايدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار ۋەكىللەر نامزاتى ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ؛ ۋەكىللەر نامزاتى ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلەر ئىسىملىكتىن ئۆچۈرۈۋېتىلىدۇ؛ ۋەكىللىككە سايلانغانلارنىڭ سايلانغانلىقى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

9 - باب سايلام تەرتىپى

36 - ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنى سايلاشتا قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە قاتتىق ئەمەل قىلىش ھەمدە نازارەتنى قوبۇل قىلىش كېرەك. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخس سايلىغۇچىلار ياكى ۋەكىللەرنىڭ سايلاش ھوقۇقىنى ئەركىن يۈرگۈزۈشىگە ھەرقانداق شەكىلدە ئارىلاشسا بولمايدۇ.

37 - ماددا سايلىغۇچىلار خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى بىۋاسىتە سايلاشتا سايلام كومىتېتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، سايلام بېلىتىنى كىملىكى ياكى سايلىغۇچىلىق گۇۋاھنامىسى ئارقىلىق ئالىدۇ.

38 - ماددا سايلام كومىتېتى سايلام رايونلىرىدىكى سايلىغۇچىلارنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىغا قاراپ، سايلىغۇچىلارنىڭ بېلەت تاشلىشىغا قولايلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە بېلەت تاشلاش پونكىتى تەسىس قىلىپ، سايلام ئۆتكۈزۈشى كېرەك. سايلىغۇچىلار بىرقەدەر مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان بولسا، سايلام يىغىنى ئېچىپ سايلام ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ؛ كېسەل قاتارلىق سەۋەبلەردىن ھەرىكىتى قولايسىز بولغان ياكى تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتنىشى قولايسىز بولغان سايلىغۇچىلار كۆچمە بېلەت ساندۇقىغا بېلەت تاشلىسا بولىدۇ.

39 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىغاندا، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئەت رىياسەتلىرى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

40 - ماددا مەملىكەتلىك ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاشتا بىردەك ئىمزاسىز بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. سايلام ئۆتكۈزگەندە سايلام بېلىتىنى مەخپىي تولدۇرۇش ئورنى تەسىس قىلىش كېرەك.

سايلىغۇچىلاردىن ساۋاتسىز ياكى مېيىپ بولغانلىقتىن سايلام بېلىتىنى تولدۇرالمايدىغانلىرى تولدۇرۇپ بېرىشنى ئۆزى ئىشىنىدىغان كىشىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

41 - ماددا سايلىغۇچىلار ۋەكىل نامزاتىغا قوشۇلۇش بېلىتى تاشلىسىمۇ، قوشۇلماسلىق بېلىتى تاشلىسىمۇ، باشقا ھەرقانداق سايلىغۇچىنى سايلىسىمۇ، ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسىمۇ بولىدۇ.

42 - ماددا سايلىغۇچىلار سايلام ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىلدە سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولسا، سايلام كومىتېتىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، بېلەت تاشلاپ قويۇشنى باشقا سايلىغۇچىغا يازما ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. ھەربىر سايلىغۇچى 3تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلسا بولمايدۇ ھەمدە ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ۋاكالىتەن بېلەت تاشلىشى كېرەك.

43 - ماددا بېلەت تاشلاش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، سايلىغۇچىلار ياكى ۋەكىللەر كۆرسەتكەن بېلەت نازارەتچىلىرى، بېلەت ھېسابلىغۇچىلار ۋە سايلام كومىتېتىنىڭ ياكى خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ خادىملىرى بېلەت تاشلىغۇچىلار سانى بىلەن تاشلانغان بېلەت سانىنى سېلىشتۇرىدۇ، خاتىرىلەيدۇ ھەمدە بېلەت نازارەتچىلىرى ئىمزا قويىدۇ.

ۋەكىل نامزاتىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت ھېسابلىغۇچى بولسا بولمايدۇ.

44 - ماددا ھەر قېتىملىق سايلامدا تاشلانغان بېلەت سانى بېلەت تاشلىغۇچىلار سانىدىن ئېشىپ كەتسە، سايلام كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، بېلەت تاشلىغان ئادەم سانىغا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن ئاز بولسا، سايلام كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

ھەربىر سايلام بېلىتىدە سايلانغانلار سانى بەلگىلەنگەن سايلىنىدىغان ۋەكىل سانىدىن ئېشىپ كەتسە، بېلەت كۈچتىن قالىدۇ، بەلگىلەنگەن سايلىنىدىغان ۋەكىل سانىغا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن ئاز بولسا، بېلەت كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

45 - ماددا سايلىغۇچىلار خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى بىۋاسىتە سايلىغاندا، سايلام رايونىدىكى بارلىق سايلىغۇچىلارنىڭ تەڭدىن تولىسى بېلەت تاشلاشقا قاتناشسا، سايلام كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ۋەكىل نامزاتى بېلەت تاشلاشقا قاتناشقان سايلىغۇچىلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ بېلىتىگە ئېرىشكەندىلا سايلانغان بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلىغاندا، ۋەكىل نامزاتى بارلىق ۋەكىللەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ بېلىتىگە ئېرىشكەندە سايلانغان بولىدۇ.

تەڭدىن تولىسىنىڭ بېلىتىگە ئېرىشكەن ۋەكىل نامزاتى سانى سايلىنىدىغان ۋەكىل سانىدىن ئېشىپ كەتكەندە، ئېرىشكەن بېلەت سانى كۆپ بولغىنى سايلانغان بولىدۇ. بېلەت سانى تەڭ چىقىپ قېلىپ، سايلانغۇچىنى بېكىتكىلى بولمىغاندا، بېلەت سانى تەڭ چىقىپ قالغان نامزاتلارغا قايتا بېلەت تاشلاش كېرەك، كۆپ بېلەتكە ئېرىشكىنى سايلانغان بولىدۇ.

تەڭدىن تولىسىنىڭ بېلىتىگە ئېرىشىپ سايلانغان ۋەكىللەرنىڭ سانى سايلىنىدىغان ۋەكىل سانىدىن ئاز بولۇپ قالغاندا، كەم قالغان سان ئۈچۈن قايتا سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. قايتا سايلام ئۆتكۈزگەندە، نامزاتلار ئىسىملىكى 1 - قېتىم بېلەت تاشلاشتا ئېرىشكەن بېلەت سانىنىڭ ئاز - كۆپلۈك رەت تەرتىپىگە ئاساسەن، مۇشۇ قانۇننىڭ 31 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئارتۇق نامزاتلىق نىسبەت بويىچە بېكىتىلىدۇ. بىرلا ئادەم سايلىنىدىغان بولسا، نامزات 2 بولۇشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن ناھىيە دەرىجىلىك ۋە يېزا دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى قايتا سايلىغاندا، كۆپ بېلەتكە ئېرىشكەن ۋەكىل نامزاتى سايلانغان بولىدۇ، لېكىن ئېرىشكەن بېلەت سانى سايلام بېلىتىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئاز بولسا بولمايدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى قايتا سايلىغاندا، ۋەكىل نامزاتلىرى بارلىق ۋەكىللەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ بېلىتىگە ئېرىشكەندە سايلانغان بولىدۇ.

46 - ماددا سايلام نەتىجىسىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغان - بولمىغانلىقىنى سايلام كومىتېتى ياكى خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن بېكىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

سايلانغان ۋەكىللەر ئىسىملىكىنى سايلام كومىتېتى ياكى خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى ئېلان قىلىدۇ.

47 - ماددا ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلانغان ۋەكىللەرنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ۋەكىللىك ئاساسىي شەرتىگە ئۇيغۇن بولغان - بولمىغانلىقىنى، سايلامنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە ئۇيغۇن بولغان - بولمىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە سايلىنىش كۈچكە ئىگە بولماسلىقتەك قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشنىڭ بار - يوقلۇقىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ، ۋەكىلنىڭ سايلانغانلىقىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغان - بولمىغانلىقى ھەققىدىكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ياكى يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىگە دوكلات قىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ياكى يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن، ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ياكى ۋەكىلنىڭ سايلانغانلىقىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى بېكىتىپ، ھەر نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - يىغىنىدىن بۇرۇن ۋەكىللەر ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ.

48 - ماددا پۇقرالار بىرلا ۋاقىتتا تەۋەلىك مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىككىدىن ئارتۇق مەمۇرىي رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولسا بولمايدۇ.

10 - باب ۋەكىللەرنىڭ نازارەت قىلىنىشى ۋە قالدۇرۇۋېتىلىشى، ئىستېپا بېرىشى، تولۇقلاپ سايلىنىشى

49 - ماددا مەملىكەتلىك ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سايلىغۇچىلارنىڭ ۋە ئەسلىي سايلىغان ئورۇننىڭ نازارىتىدە بولىدۇ. سايلىغۇچىلار ياكى سايلىغان ئورۇن ئۆزى سايلىغان ۋەكىللەرنى قالدۇرۇۋېتىشكە ھوقۇقلۇق.

50 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى قالدۇرۇۋېتىش تەلىپىنى ئەسلىي سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلاردىن 50تىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، يېزا دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى قالدۇرۇۋېتىش تەلىپىنى ئەسلىي سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلاردىن 30دىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا يازما سۇنسا بولىدۇ.

قالدۇرۇۋېتىش تەلىپىگە قالدۇرۇۋېتىش ئاساسىنى ئېنىق يېزىش كېرەك. قالدۇرۇۋېتىلىدىغان ۋەكىل سايلىغۇچىلار يىغىنىدا ئاقلىنىش پىكرى بېرىشكە ھوقۇقلۇق، يازما ئاقلىنىش پىكرى بەرسىمۇ بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قالدۇرۇۋېتىش تەلىپىنى ۋە قالدۇرۇۋېتىلىدىغان ۋەكىلنىڭ يازما ئاقلىنىش پىكرىنى ئەسلىي سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلارغا بېسىپ تارقىتىشى كېرەك.

قالدۇرۇۋېتىش تەلىپىنى ئاۋازغا قويۇشتا، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەۋەتكەن مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

51 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى يىغىن ئۆتكۈزگەندە، ھەيئەت رىياسەت ياكى بىرلىشىپ ئىمزا قويغان ئوندىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق ۋەكىل شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلىغان بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلىنى قالدۇرۇۋېتىش تەكلىپىنى بەرسە بولىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلار يىغىنى ياكى بىرلىشىپ ئىمزا قويغان بەشتىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىم دائىمىي كومىتېتقا شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلىغان بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنى قالدۇرۇۋېتىش تەكلىپىنى بەرسە بولىدۇ. قالدۇرۇۋېتىش تەكلىپىگە قالدۇرۇۋېتىش ئاساسىنى ئېنىق يېزىش كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى يىغىن ئۆتكۈزگەندە، قالدۇرۇۋېتىلىدىغان ۋەكىل ھەيئەت رىياسەت يىغىنىدا ياكى قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىدا ئاقلىنىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ياكى ئاقلىنىش پىكرىنى يازما ئوتتۇرىغا قويۇشقا ھوقۇقلۇق، ئۇنى ھەيئەت رىياسەت يىغىنغا بېسىپ تارقىتىدۇ. يىغىن قالدۇرۇۋېتىش تەكلىپنى يىغىنىدا قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن، ھەيئەت رىياسەت ئۇنى ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى يىغىن ئۆتكۈزگەندە، قالدۇرۇۋېتىلىدىغان ۋەكىل مۇدىرلار يىغىنى ياكى دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا ئاقلىنىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ياكى يازما ئاقلىنىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ھوقۇقلۇق، ئۇنى مۇدىرلار يىغىنى يىغىنغا بېسىپ تارقىتىدۇ. قالدۇرۇۋېتىش تەكلىپى يىغىندا قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن، مۇدىرلار يىغىنى ئۇنى ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنىدۇ.

52 - ماددا ۋەكىلنى قالدۇرۇۋېتىشتە، ئىمزاسىز بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.

53 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىك ۋە يېزا دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى قالدۇرۇۋېتىشتە، ئەسلىي سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلىغان ۋەكىلنى قالدۇرۇۋېتىشتە، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش شەرت؛ قۇرۇلتاي يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش شەرت. قالدۇرۇۋېتىش قارارىنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇش ۋە بۇ ھەقتە ئېلان چىقىرىش شەرت.

54 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەردىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرىدىن ۋەكىللىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇۋېتىلگەنلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى ۋەزىپىسى ياكى مەخسۇس كومىتېت ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىمۇ ئېلىپ تاشلىنىدۇ، بۇ ھەقتە ھەيئەت رىياسەت ياكى دائىمىي كومىتېت ئېلان چىقىرىدۇ.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ۋەكىللىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇۋېتىلگەنلىرىنىڭ رەئىسلىك، مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىمۇ ئېلىپ تاشلىنىدۇ، بۇ ھەقتە ھەيئەت رىياسەت ئېلان چىقىرىدۇ .

55 - ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايونى بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئۆزىنى سايلىغان خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىن يازما ئىستېپا سورىسا بولىدۇ. دائىمىي كومىتېت ئىستېپانى قوبۇل قىلىشتا، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى شەرت. ئىستېپانى قوبۇل قىلىش قارارىنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇش، بۇ ھەقتە ئېلان چىقىرىش شەرت.

ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىن يازما ئىستېپا سورىسا بولىدۇ، يېزا دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىن يازما ئىستېپا سورىسا بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىستېپانى قوبۇل قىلىشتا، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى شەرت. يېزا دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىستېپانى قوبۇل قىلىشتا، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى شەرت. ئىستېپا قوبۇل قىلىنغان بولسا، ئېلان چىقىرىش كېرەك.

56 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەردىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرىدىن ۋەكىللىك ۋەزىپىسىدىن سورىغان ئىستېپاسى قوبۇل قىلىنغانلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى ۋەزىپىسى، مەخسۇس كومىتېت ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىمۇ ئاخىرلىشىدۇ، بۇ ھەقتە دائىمىي كومىتېت ئېلان چىقىرىدۇ.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ۋەكىللىك ۋەزىپىسىدىن سورىغان ئىستېپاسى قوبۇل قىلىنغانلىرىنىڭ رەئىسلىك، مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىمۇ ئاخىرلىشىدۇ. بۇ ھەقتە ھەيئەت رىياسەت ئېلان چىقىرىدۇ.

57 - ماددا ۋەكىللەر ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە مەلۇم سەۋەب بىلەن كېمىيىپ كەتسە، ئەسلىي سايلىغۇچى رايون ياكى سايلىغۇچى ئورۇن تولۇقلاپ سايلايدۇ.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە يۆتكىلىپ كەتكەن ياكى شۇ مەمۇرىي رايوندىن كۆچۈپ كەتكەنلىرىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىمۇ ئۆزلۈكىدىن ئاخىرلىشىدۇ، كېمى قايتا تولۇقلاپ سايلىنىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى يېپىق مەزگىلدە، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنى تولۇقلاپ سايلىسا بولىدۇ.

ۋەكىلنىڭ كېمەيگىنىنى تولۇقلاپ سايلاشتا، ۋەكىل نامزاتىنىڭ سانى سايلىنىدىغان ۋەكىل سانىدىن كۆپ بولسا بولىدۇ، سايلىنىدىغان ۋەكىل سانى بىلەن تەڭ بولسىمۇ بولىدۇ. تولۇقلاپ سايلاش كونكرېت چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى چىقىرىدۇ.

تولۇقلاپ سايلانغان ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى مۇشۇ قانۇننىڭ 47 - ماددىسىكى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈلىدۇ.

11 - باب سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنىڭ جازالىنىشى

58 - ماددا سايلىغۇچىلار ۋە ۋەكىللەرنىڭ سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىنى ئەركىن يۈرگۈزۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) سايلىغۇچىلارغا ياكى ۋەكىللەرگە پۇل ياكى باشقا نەرسىنى پارا بېرىپ، سايلىغۇچىلار ۋە ۋەكىللەرنىڭ سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىنى ئەركىن يۈرگۈزۈشىگە دەخلى يەتكۈزگەنلەر؛

(2) زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش، ئالداش ۋاسىتىسى ياكى باشقا قانۇنسىز ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، سايلىغۇچىلار ۋە ۋەكىللەرنىڭ سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىنى ئەركىن يۈرگۈزۈشىگە دەخلى يەتكۈزگەنلەر؛

(3) سايلام ھۆججىتىنى ئويدۇرۇپ چىقارغان، سايلام بېلىتى سانىنى يالغان مەلۇم قىلغانلار ياكى قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشى بولغانلار؛

(4) سايلامدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ئۈستىدىن ئەرز بەرگەن ۋە ئۇنى پاش قىلغانلارغا ياكى ۋەكىللەرنى قالدۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغانلارغا بىسىم ئىشلەتكەن، ئۇلاردىن ئۆچ ئالغانلار.

دۆلەت خادىملىرىدىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىرىغا رېۋىزىيە ئورگىنى يەنە ھۆكۈمەت ئىشلىرى بويىچە چارە كۆرۈشى ياكى ئىشلەيدىغان ئورگىنى، ئورنى چارە كۆرۈشى كېرەك.

مۇشۇ ماددىنىڭ 1 - تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلىپ سايلىنىۋالغانلارنىڭ سايلىنىۋالغانلىقى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

59 - ماددا سايلامغا رىياسەتچىلىك قىلغۇچى ئاپپارات سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى سەزگەن ياكى سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جەھەتتىكى پاش قىلىش ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ئۇنى ۋاقتىدا قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى؛ قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىشقا تېگىشلىكلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

12 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

60 - ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن سايلام تەپسىلىي قائىدىسىنى چىقارسا بولىدۇ، ئۇنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن - نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.