تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئامېرىكا سېپى ئۆزىدىن دۇنيا تىنچلىقىنى بۇزغۇچى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ سى

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى 8 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش»نى باھانە قىلىپ، ئافغانىستاندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى قوزغىغان، ھۇجۇم قىلغان نىشاننىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن «قىلچە ئالاقىسى يوق ئىكەن.» خەۋەر يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شۇنى دەلىللىدىكى، ھۇجۇمدا ئۆلۈپ كەتكەن ئون ئادەمنىڭ ھەممىسى پۇقرا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكى ئاران ئىككى ياش ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى يۈزەكىلا ئىپادە بىلدۈرۈپ: ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ «كابولغا بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرگىلى بولىدىغان قانداق ئۇسۇل بارلىقىنى بىلەلمىدى» دېدى.

ھاكاۋۇرلۇق بىلەن قىلىنغان بۇ سۆز دەل ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھاياتلىققا ئېتىبارسىز قارايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇرۇشخۇمارلىق، زوراۋانلىق، زومىگەرلىك، ھاياتلىققا ئېتىبارسىز قاراش، كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش دۇنياغا غايەت زور ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتى ئېلىپ كەلدى، ئۇ، سېپى ئۆزىدىن دۇنيا تىنچلىقىنى بۇزغۇچى.

ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس پاۋلو ئاتېۋۇد مۇنداق دېدى: «ئۇرۇش ئامېرىكىلىقلارنىڭ تۇرمۇش شەكلى.» ئامېرىكا ئۇرۇش، قۇل قىلىش ۋە قىرغىنچىلىق قىلىش جەريانىدا دۇنياغا كەلگەن، زورايغان ھەم دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان، دۆلەت قۇرۇلغان 240 يىلدىن ئارتۇق تارىخىدا پەقەت 16 يىللا ئۇرۇش قىلمىغان. 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن بۇيان، ئامېرىكا چەت ئەللەردە كەينى ـ كەينىدىن ئۇرۇش قوزغاپ، پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا داۋالغۇش پەيدا قىلىپ، ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشى ۋە مال ـ مۈلكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئىراق ئۇرۇشى بۇنىڭ مىسالى. 2003 ـ يىلى ئامېرىكا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، يوقىلاڭ، تۇتامغا چىقمايدىغان جىنايەت بىلەن ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىدى. ئامېرىكا ۋوتسون خەلقئارا ۋە ئاممىۋى ئىشلار تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ مەيدان ئۇرۇشتا ئاز دېگەندە 180 مىڭدىن 200 مىڭغىچە ئىراق پۇقراسى ئۆلۈپ كەتكەن. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە يەنە ئىراقتا زور مىقداردا ئۈنۈمسىز ئۇران بومبىسى، ئاق فوسفور بومبىسى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ، شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەن. ئىراق ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1991 ـ يىلىدىكى پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى، ئىراقتا راك كېسىلى پەيدا بولۇش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 100 مىڭ ئادەم ئىچىدە 40 ئادەم بولغان، 2005 ـ يىلىغا كەلگەندە بولسا، بۇ نىسبەت شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 100 مىڭ ئادەم ئىچىدە ئاز دېگەندە 1600 ئادەم بولغان.

ئامېرىكا «سىمىسېن ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى»نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2001 ـ يىلىدىكى «11 ـ سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن بۇيان، ئامېرىكا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامى بىلەن قوزغىغان ئۇرۇش ۋە قانات يايدۇرغان ھەربىي ھەرىكەتلەر «بۇ پىلانېتتىكى تەخمىنەن %40 دۆلەت»نى تولۇق قاپلىغان. ئامېرىكا بروۋن داشۆسى «ئۇرۇش ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەل» تۈرىنىڭ 9 ـ ئايدىكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ئۇرۇشلىرى 800 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھاياتىغا زامىن بولغان، 38 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى يۇرت ـ ماكانىدىن ئايرىغان. خارۋارد داشۆسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىلمى پىروفېسسورى ستىفېن ۋولتېر ماقالە يېزىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئامېرىكا چەت ئەللەردىكى «ئاخىرى چىقمايدىغان ئۇرۇش»لاردا مىلىتارىزم، ئۆچمەنلىك پىسخىكىسى، ساختا ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلمىشى قاتارلىقلارنى قويۇپ بەردى.

ئامېرىكا جىنايىتى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئۇرۇش جىنايەتچىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا خۇمار بولۇپ قالغان «بەڭگە»، باشقا دۆلەتلەردە ئىچكى مالىمانچىلىق قوزغاشقا قۇترىتىدىغان پاسكىنا «قارا قول». ئامېرىكا يازغۇچىسى ۋىليام بلوم «دېموكراتىيە: ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئەجەللىك چىقىرىندىسى» دېگەن كىتابىدا مۇنداق كۆرسەتتى: 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن بۇيان، ئامېرىكا 50تىن ئارتۇق چەت ئەل ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇندى، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن؛ ئاز دېگەندە 30 دۆلەتنىڭ دېموكراتىك سايلىمىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى؛ 50تىن ئارتۇق چەت ئەل رەھبىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇندى. كۇبا «گراما گېزىتى» بۇ يىل مۇنداق ئاشكارىلىدى: ئۆتكەن 20 يىلدا، ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات مەھكىمىسى ۋە دۆلەت دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق ئاپپاراتلار كۇباغا قارىتىلغان بىر قاتار قۇتراتقۇلۇق ۋە ئاغدۇرمىچىلىق پىلانلىرى ئۈچۈن 250 مىليون دوللارغا يېقىن پۇل ئاجراتقان. كۇبا ھاۋانا داشۆسىنىڭ تارىخشۇناسى فىرانسىسكا لوپېز سىۋېرا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دائىم «كىشىلىك ھوقۇق»، «ئەركىنلىك»نى دەستەك قىلىپ باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلەتتى، قۇتراتقۇلۇق قىلىپ توقۇنۇش پەيدا قىلدى، ئۇنىڭ مەقسىتى ئۆزى بىلەن زىددىيىتى بار دۆلەتلەردە ھاكىمىيەت يەڭگۈشلەشنى پەيدا قىلىشقا سەۋەبچى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغداشتىن ئىبارەت.

سانسىزلىغان پاكىتلار كىشىلەرگە شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇكى، ئامېرىكا خەلقئارا قائىدە ۋە دۇنيا تەرتىپىنى ھەقىقىي بۇزغۇچى، بۈگۈنكى دۇنيادا مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىقنىڭ تېز ئۆرلەپ كېتىشىدىكى مەنبە. ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسى يەر شارىۋى تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت سېلىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مەدەنىي ئىلگىرىلىشى ۋە تىنچ تەرەققىي قىلىشىغا تەھدىت سالىدىغان ئەڭ زور خىرىسقا ئايلاندى. ئەگەر ئامېرىكا داۋاملىق ھالدا زومىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا مەپتۇن بولۇپ، «ئاجىزلار كۈچلۈكلەرگە يەم بولۇش قائىدىسى» بويىچە ئىش قىلىدىغان بولسا، جەزمەن تىنچلىقنى سۆيىدىغان بارغانسېرى كۆپ دۆلەت ۋە خەلقنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، چوقۇم دەۋر تەرىپىدىن چۆرۈپ تاشلىنىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.