تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاشلىق ھوسۇلىنى مۇقىم ئاشۇرۇش تاماق قاچىسىنى چىڭ تۇتۇش

− 2021 ـ يىللىق جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنى خۇشال كۈتۈۋالايلى (1)

9 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، دېھقانلار قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ يۈەنخۇسۈن بازىرى شاڭسەنگۇڭ كەنتىدە كۆممىقوناق ئورىماقتا. نۆۋەتتە، بۇ ناھىيە تېرىغان 154 مىڭ مو يەردىكى كۆممىقوناق پىشتى، شۇ جايدىكى تارماقلار 100دىن ئارتۇق كۆممىقوناق كومبايىنىنى كۈزلۈك يىغىم مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىشقا ماسلاشتۇرۇپ تەشكىللەپ، ھەممە كۆممىقوناقنى ماشىنا بىلەن ئورۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.□ما گۇاڭيۈەن فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

6 ـ ئاي كىرگەندىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا ئالتۇن رەڭ بۇغدايلار مەۋج ئۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىشنىڭ ئەڭ گۈزەل مۇقەددىمىسى بولۇپ قالدى.

بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يازلىق ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىندى، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشتا كۆلەم، ئومۇمىي ھوسۇل، بىرلىك ھوسۇلدىن ئىبارەت ئۈچ ئېشىشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، بولۇپمۇ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلاندى، سۈپىتى تېخىمۇ ئەلالاشتى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئىشەنچى ۋە غەيرىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، شۇنداقلا «14 ـ بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا پۇختا ئاساس سالدى.

ئومۇمىي ھوسۇلدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى بىرلىك ھوسۇلدا رېكورت بۇزۇپ تاشلاندى

2021 ـ يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون «شىنجاڭ ئىچىدە تەڭپۇڭ بولۇش، ئازراق ئېشىنچا بولۇش»تىن ئىبارەت ئاشلىق خىزمىتى فاڭجېنىنى چۆرىدەپ، «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش» ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى تۇتۇشقا سىجىل كۈچەپ، بۇغداي، بولۇپمۇ كۈزگى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا چەكلىمە خاراكتېرلىك نىشان قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى كۆپەيتىشنى ئاساس قىلغان تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە پائال يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ئاشلىق كۆلىمىنىڭ ئازايماسلىقى، ھوسۇلنىڭ تۆۋەنلىمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2021 ـ يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يازلىق ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 17 مىليون 89 مىڭ 500 مو بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %6.2 ئاشقان، ھوسۇل مىقدارى 6 مىليون 281 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئېشىشى مۆلچەرلەنگەن، يازلىق ئاشلىق ھوسۇلىدا تارىختىكى يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، پۈتۈن يىللىق يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان.

7 ـ ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى كۆپ قېتىم يېڭىلاندى. شىندۇڭ 52 ـ نومۇرلۇق ئەلا سۈپەتلىك كۈزگى بۇغداي، شىنچۇن 37 ـ نومۇرلۇق ئەلا سۈپەتلىك كۈچلۈك تالالىق يازغى بۇغداي ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۈزگى بۇغداي، يازغى بۇغداينىڭ ئەڭ يۇقىرى بىرلىك ھوسۇل رېكورتىنى يېڭىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بۇغداي كەسپى سىستېمىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەقىقىي تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى ئارقىلىق، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى كۈزگى بۇغداينىڭ ئەڭ يۇقىرى مو بېشى بىرلىك ھوسۇلى 790 كىلوگىرامغا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مو بېشى بىرلىك ھوسۇلى 740 كىلوگىرامغا، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مو بېشى بىرلىك ھوسۇلى 840 كىلوگىرامغا يېتىپ، ئوخشاش بولمىغان ئېكولوگىيەلىك رايونلاردا بۇغداي ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى ئۈزلۈكسىز قېزىلدى.

ئەلا سۈپەتلىك سورتلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇقىم ئاشۇرۇشتا بارغانسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى ئاشلىق يېڭى سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، سۈپەتلىك ئۇرۇقلارنى كۆپەيتىش، يېتىشتۈرۈش ۋە ساپلاشتۇرۇپ كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «تۆت جايدىكى مىليون مو»لۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق كەسپىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۇرۇقچىلىق كەسپىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى جانلاندۇردى.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇغداي، كۆممىقوناقنى ئاساس قىلغان، شال، پۇرچاق، ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر، قارا ئاشلىقنى كۆپ مەنبەلىك تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تاماق قاچىسى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇلدى.

ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ماركا ئەۋزەللىكى تولۇق بولدى

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئېتىزنى يۇقىرى ئۆلچەملەشتۈرۈش، سۇنى تېجەپ سۇغىرىش، پەن ـ تېخنىكىنى كېڭەيتىش قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا نۇقتىلىق مايىللىشىشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى ئاشلىقنى يېشىل، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى ئاشلىق تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 13 ناھىيە، شەھەردە بۇغداي، كۆممىقوناقنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ، تۈجۈپىلەپ تېرىش، سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، ئۇرۇق بىلەن ئوغۇتنى ئايرىش قاتارلىق «سۈپەتلىك ئۇرۇق + ياخشى ئۇسۇل» تېرىقچىلىق، باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى توپلاپ كېڭەيتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، داۋاملىق قۇرۇلغان، يېڭىدىن قۇرۇلغان يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى تۈرلىرىدە تاماملانغان قۇرۇلۇش كۆلىمىنى 1 مىليون 758 مىڭ 300 موغا يەتكۈزۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا 701 مىڭ 900 يۈرۈش ماشىنا ـ سايمان ئىشلەتتى، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئارقىلىق ئادەمسىز تېرىقچىلىق قىلىش، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىدىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىقلاردا مەشغۇلات تاماملاش كۆلىمىنى 36 مىليون 218 مىڭ مو قېتىمغا يەتكۈزدى. بىر قاتار ئىلغار تېخنىكىلار ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، كېڭەيتىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىك ئاساسى يەنىمۇ پۇختىلاندى.

قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بۇغداينىڭ سۈپەت ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇنىنى بازار رىقابىتىدە ئۆزىنىڭ ئېنىق ئورنىغا ئىگە قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق كەسپىگە مەسئۇل تارماقلار شىنجاڭ ئۇنىنىڭ ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئۇن ماركا بايلىقلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، ھۆكۈمەت، كەسپىي جەمئىيەتلەر، كارخانىلار ئورتاق بىرلىشىپ «شىنجاڭ ئۇنى» رايون ماركىسىنى ياراتتى، شىنجاڭ ئاشلىق كەسپىي جەمئىيىتى باشلامچىلىق بىلەن «شىنجاڭ ئۇنى» كەسىپ ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

نۆۋەتتە، «شىنجاڭ ئۇنى» كەسىپ ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ بولدى، شىنجاڭ بولكا ئۇنى، جۇۋاۋا ئۇنى، بۇغداي جەۋھىرى ئۇنى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 20دىن ئارتۇق شەھەرگە سېتىلدى، «شىنجاڭ ئۇنى» تەدرىجىي ھالدا شىنجاڭ سىرتىدىكى بازارلاردا پۇت تىرەپ تۇرماقتا.

ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش چىڭ جىپسىلاشتۇرۇلدى، بازار ئۈنۈمى ياخشى بولدى

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا بۇغداي ھوسۇلى ئېشىپ مول ھوسۇل ئېلىنىش بىلەن بىللە، سېتىۋېلىش باھاسى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆستى، ئەلا سۈپەتلىكلىرىنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇش ئالاھىدىلىكى روشەن بولدى، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بۇغداينىڭ ئوتتۇرىچە سېتىۋېلىش باھاسى ھەر كىلوگىرامنىڭ 2.5 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ھەر كىلوگىرامىنىڭ 0.02 يۈەن ئۆستى، شىمالىي شىنجاڭ شىندۇڭ 22 ـ نومۇر قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك كۈزگى بۇغداينىڭ سېتىۋېلىش باھاسى ھەر كىلوگىرامنىڭ 2.78 يۈەنگە يەتتى، ياخشى بولغان بازار ئۈنۈمى كەسپىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ساغلام تەرەققىياتى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشقا پايدىلىق مۇھىت يارىتىپ بەردى.

بۇغداي سېتىشتا ئەلا سۈپەتلىكلىرىنىڭ باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى يەنە كۆپ مەنبەلىك سۇبيېكتلار بازارغا كىرىپ سېتىۋالغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنىڭ زىچ جىپسىلىشىشىنىڭ پايدىسىدىن بولدى. ئاپتونوم رايونىمىز 2018 ـ يىلى بۇغداي سېتىۋېلىش، زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش ـ سېتىش كارخانىلىرى، ئۇن پىششىقلاش كارخانىلىرى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك بازار سۇبيېكتلىرى بىرلىكتە بازارغا كىرىپ سېتىۋالىدىغان بازارلاشقان ئەندىزە شەكىللەندۈرۈلدى. دېھقانلار سېتىپ بېرىش ئوبيېكتىنى ئۆز ئالدىغا تاللىسا بولىدىغان بولدى، كارخانىلار زاكاز ئارقىلىق بازىرى ئىتتىك ئەلا سۈپەتلىك بۇغدايلارنى سېتىۋېلىپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئۇچۇرىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك بۇغداينىڭ سېتىلىش باھاسىنى ئۆستۈردى.

«2021 ـ يىلى كارخانىمىز 150 مىڭ توننا ئەلا سۈپەتلىك بۇغداينى ئۆز ئالدىغا سېتىۋالدى، بۇ، پۈتۈن يىللىق خام ماتېرىيال ئېھتىياجىنىڭ تەخمىنەن %60ىنى قاندۇرالايدۇ.» شىنجاڭ خۇامەي شىنلياڭ ئۇن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ شىنۋېن مۇنداق دېدى: «بىز ئىشلەپچىقارغان شۆخۇا ئۇنىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولغانلىقتىن شەرقىي شىمال بازارلىرىغا سېتىلدى، مەھسۇلاتىمىز كەڭ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىپ، ئۇدا كۆپ يىل سېتىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق».

ئىككىلەمچى مەھسۇلاتلار بازارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشسە، تەبىئىي ھالدا بىرلەمچى خام ماتېرىياللارنى ئىشلەپچىقىرىشقا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. «بىز ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرى بىلەن زاكاز ئىمزالاپ، شىندۇڭ 22 ـ نومۇرلۇق كۈزگى بۇغداينىڭ ئۇرۇقلۇقىنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدۇق، سېتىۋېلىش باھاسى بۇغداي بازار باھاسى ئاساسىدا ھەر كىلوگىرامىغا يەنە 0.12 يۈەن قوشۇلدى.» گۇچۇڭ ناھىيەسى شىبېيۋەن بازىرى ليۇشۇخېزا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاڭ لەن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بارغانسېرى كۆپ كەنت ئاھالىسى «ئۇرۇقلۇق ئېتىزى»نى تېرىدى، يېتىشتۈرگەن ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي ئۇرۇقلۇقىنىڭ سېتىلىشىدىن ئەنسىرىمەيمىز، ئۈنۈم خېلى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ھوسۇل مىقدارى بار، ئۈنۈمى بار، يوشۇرۇن كۈچى بار ئاشلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىستېمىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارغانسېرى كۆپ ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىپ، كىرىمىنىڭ سىجىل مۇقىم ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، شۇنداقلا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلىدى، غەيرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.