تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش

− ۋاڭ يى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقى ئۈستىدە توختالدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ سىنلىق شەكىلدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 21 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن نەق مەيداندا يىغىنغا قاتناشقان دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى يىغىندىن كېيىن مۇخبىرلارغا شى جۇشىنىڭ بۇ قېتىم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى ۋە مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تونۇشتۇردى.

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: بۇ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىگەندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ قاتناشقان بىر قېتىملىق مۇھىم باشلىقلار يىغىنى، شۇنداقلا بۇ يىل دۆلىتىمىز ياۋروپا - ئاسىيا رايونىغا يۈزلىنىپ قوللانغان ئەڭ مۇھىم كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە ھەرىكىتى. بۇ يىل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. 20 يىلدىن بۇيان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شانلىق تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مول ھەمكارلىق تەجرىبىلىرىنى توپلاپ، رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە كۈچ قوشۇش ئۈچۈن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۈچى»نى قوشتى، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن مۇھىم نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدەندى. ھازىر، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ، خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇرەككەپ، چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. ئەزا دۆلەتلەر خەلقلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچتىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىگە ئېرىشىپ، رايون دۆلەتلىرىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدىشىنى تەشەببۇس قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ. يۇقىرىقىدەك ئارقا كۆرۈنۈشتە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشى تەشكىلاتنىڭ توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشنى ئىگىلەش، تەشكىلاتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈش، تېخىمۇ زىچ بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قالتىس مۇساپىسىگە قايتا نەزەر سېلىپ، رەئىس شى جىنپىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان، خەۋپسىزلىك، مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدايدىغان، گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشنى ئورتاق كۆزلەيدىغان، خەلقئارا ئەخلاق - ھەققانىيلىقنى بىرلىكتە زىممىگە ئالىدىغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەجرىبىسى»نى خۇلاسىلىدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ شانلىق ئىستىقبالىغا نەزەر سېلىپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش يولىدا مېڭىش، ئامانلىق ۋە خەۋپ - خەتەرنى ئورتاق زىممىگە ئېلىش يولىدا مېڭىش، ئېچىۋېتىش، يۇغۇرۇلۇش يولىدا مېڭىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش يولىدا مېڭىش، ئادىللىق، ھەققانىيلىق يولىدا مېڭىشتەك «جۇڭگو لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول بولۇپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ قۇرغۇچى مۇھىم ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئۇنى يېتەكلەيدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چوڭ دۆلەت داھىيسىلىق كەڭ قورساقلىقى ۋە سالاپىتىنى نامايان قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىلەن بۇ تەشكىلاتنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ھەمكارلىق ئىستىقبالى، مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە قول تۇتۇشۇپ تەھدىت، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، رايون مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى پىكىر يولى ۋە يېڭى تەدبىرلەرنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 20 يىللىق تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەشەببۇسقا يۈكسەك باھا بەردى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭى مۇساپىنى باشلاش، يېڭى تەرەققىياتنى كۆزلەشكە بىردەك قوشۇلدى. باشلىقلار يىغىنىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر بۇ تەشكىلاتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا رايون ھەم دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ.

بىرىنچى، «شاڭخەي روھى» بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. «شاڭخەي روھى» بۇ تەشكىلاتنىڭ يادرولۇق ئىدىيەسى، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش بۇ تەشكىلاتنىڭ غەلىبە قىلىشتىكى ئەڭگۈشتەرى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سىياسىي جەھەتتە سۆزلىشىش ۋە ئالاقىلىشىش - ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىر - بىرىنىڭ مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك؛ تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللاش كېرەك؛ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىلىم - پەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ۋاكسىنىنى ئادىل، مۇۋاپىق تەقسىملەشكە تۈرتكە بولۇپ، ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. باشلىقلار يىغىنى خىتابنامىسىدە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى بىردەك مەيدانى تەكىتلەندى، باشلىقلار يىغىنىدا يەنە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتكە كۆرسەتكەن پايدىسىز تەسىرىنى تۈگىتىش بويىچە 2021 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە بولغان ئورتاق تەكلىپ، تەدبىر پىلانى تەستىقلىنىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ يۇقۇم قاتارلىق خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى نامايان قىلىندى.

ئىككىنچى، يېڭى خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇش، ئامانلىق ۋە خەۋپ - خەتەرنى ئورتاق زىممىگە ئېلىشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش. مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان رايون خەۋپسىزلىكى ۋەزىيىتىگە قارىتا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بېرىپ، زەھەر چەكلەش، چېگرا مۇداپىئەسى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى مېخانىزمىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەسەبىزمگە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى قاتارلىق قانۇن ھۆججەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مەسئۇل تارماقلارنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئافغانىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدا رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى − ئافغانىستان ئالاقە گۇرۇپپىسى» قاتارلىق سۇپىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئافغانىستاننى كەڭ دائىرىدە كەڭ قورساق بولىدىغان سىياسىي رامكا بەرپا قىلىپ، ساغلام، مۇقىم، مۆتىدىل بولغان ئىچكى - تاشقى سىياسەتكە ئەمەل قىلىپ، بارلىق شەكىلدىكى تېررورىزمغا قەتئىي زەربە بېرىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىش، زەھەر چەكلەش، خەلقئارا ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار نۇرغۇن ھۆججەتلەر تەستىقلاندى، بۇلار ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ خەۋپسىزلىك ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى ئۈچۈن پولات ئىستىھكام قۇرۇپ چىقىدۇ.

ئۈچىنچى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىش، يۈرۈشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ياخشى چارە. بۇنىڭ ئۈچۈن، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل ئېنېرگىيە، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقىنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ھەم ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى قاتارلىق رايون ھەمكارلىقى بىلەن چوڭقۇر ئۇدۇللىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ كەلگۈسى بەش يىلدا جۇڭگو بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن جەمئىي 2 تىرىليون 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق سودا سوممىسى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بانكا بىرلەشمە گەۋدىسى رامكىسى ئىچىدە 2 - قارارلىق مەخسۇس قەرز پۇل تۈرىنى يولغا قويۇپ، زامانىۋىلاشقان ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق تۈرلىرىنى نۇقتىلىق قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. باشلىقلار يىغىنى يېشىل ئىقتىساد، ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەرگە ئالاقىدار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى تەستىقلىدى، ھەرقانداق باھانە بىلەن كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ رەقەملىك ئىقتىساد ۋە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا قارشى تۇردى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانائەت، ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى مېخانىزمىنى ئورنىتىشنى قارار قىلدى، جۇڭگونىڭ 2 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەر شارىۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتناش يىغىنى ئۆتكۈزۈشىنى قارشى ئالدى. ھەرقايسى تەرەپلەر جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسنى قارشى ئېلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاندا، جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن سەمىمىيلىك بىلەن تەڭ بەھرىلىنىپ، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت ئوبرازىنى نامايان قىلدى، دەپ قارىدى.

تۆتىنچى، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىش، قوشنىلار دوستانە ئۆتۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش. دەل مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ۋە ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنىڭ پايدىسىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىدېئولوگىيە، جەمئىيەت تۈزۈمى، تەرەققىيات يولى جەھەتتىكى پەرقتىن ھالقىپ، يېڭىچە دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرەققىياتىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاش ئۈچۈن، رەئىس شى جىنپىڭ پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە ئالاقىدار ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا جۇڭگو تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى نامراتلارنى يۆلەش تەربىيەسى بويىچە 1000 سان بىلەن تەمىنلەش، ئون لۇ بەن ھۈنەرخانىسى قۇرۇش، سەھىيە - ساغلاملىق قاتارلىق ساھەلەردە 30 ھەمكارلىق تۈرىنى قانات يايدۇرۇش، ياشلار پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرىنى ئۆتكۈزۈش، ئەنئەنىۋى تېببىي دورىگەرلىك كەسىپ ئىتتىپاقى قۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باشلىقلار يىغىنى جۇڭگو تەرەپ تەشەببۇس قىلغان پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى باياناتنى ئېلان قىلدى، مۇھىت قوغداش، مەدەنىيەت، ساياھەت، ياشلار قاتارلىق ساھەلەرگە ئالاقىدار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى تەستىقلىدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ 2022 - يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىنى قارشى ئالدى، بۇ، ئەزا دۆلەتلەر كۈتكەن بۇ تەشكىلاتنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش ئورتاق ئارزۇسىنى نامايان قىلدى.

بەشىنچى، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش. خەلقئارادىكى ئىشلارنى ھەل قىلىشتا، ئاتالمىش «ئەمەلىي كۈچ ئورنى»دىن چىقىش قىلىشقا بولمايدۇ، زومىگەرلىك، مۇشتۇمزورلۇق، زوراۋانلىقنى يۈرگۈزۈشكە بولمايدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى مىزان قىلىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەشەببۇس قىلدى: ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، قائىدىنى دەستەك قىلىپ خەلقئارا تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قارشى تۇرۇش، قارشىلىشىش ۋە بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇش كېرەك؛ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق قارىشىنى قەتئىي ساقلاپ، سودا، مەبلەغ سېلىش، تېخنىكىنى ئايرىۋېتىدىغان ئېگىز توسۇقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار تەرەققىيات كېلەچىكى يارىتىش كېرەك. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مۇنداق قارىدى: بۇ تەشەببۇسلار ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل - ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى ئورتاق ئىدىيەنى شەكىللەندۈرۈشتە مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەرقايسى تەرەپلەر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۆپ تەرەپچىللىكتە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، گۇرۇھلىشىش، ئىدېئولوگىيەلەشتۈرۈش ۋە قارشىلىشىش تەپەككۇرى ئارقىلىق مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا قارشى تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەركەزلىك ماسلاشتۇرۇش رولى ئاستىدا كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيا ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تىنچلىق، تەرەققىياتتىن ئىبارەت دۇنيا ئېقىمىغا ماسلىشىپ، دۇنيانىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداش ئۈچۈن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ساداسى»نى ياڭرىتىشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا ئىراننى ئەزا دۆلەتلىككە قوبۇل قىلىش تەرتىپى قوزغىتىلدى، سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر، قاتار يېڭى سۆزلىشىش ھەمراھى قىلىپ قوبۇل قىلىندى. «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى» ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىق ئىدىيەسىنىڭ قۇدرەتلىك چاقىرىق كۈچى نامايان قىلىندى. بىز شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «شاڭخەي روھى»نى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، باشقا دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن دوستانە ھەمكارلىشىش مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە سىنلىق شەكىل ئارقىلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسى توغرىسىدىكى بىرلەشمە باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئافغانىستان ۋەزىيىتىگە بولغان پىرىنسىپال مەيدانىنى شەرھلىدى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئافغانىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، «ئافغانىستانلىقلار يېتەكچىلىك قىلىش، ئافغانىستانلىقلار ئىگىدارلىق قىلىش» پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا ھەمكارلىشىپ، ئافغانىستان خەلقىنى دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ ھەقتە ئۈچ تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن تېز، سىلىق ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئافغانىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق سىغدۇرۇشچان سىياسىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى بالدۇرراق ھاسىل قىلىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەيدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ تېررورلۇق كۈچلىرىنى تەلتۆكۈس يىلتىزىدىن يوقىتىشىنى قوللاش كېرەك. ئىككىنچى، ئافغانىستان بىلەن بولغان ئۇچرىشىش، سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئاقىلانە، ئەمەلىيەتچىل بولۇش نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، ئافغانىستاندىكى ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئافغانىستاننى مۆتىدىل، سالماق بولغان ئىچكى - تاشقى سىياسەتنى يۈرگۈزۈشكە يېتەكلەش كېرەك. ئۈچىنچى، ئافغانىستان خەلقىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. ئافغانىستاننى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مەدىتى بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلەش كېرەك، جۇڭگو تەرەپ تېزدىن بىر تۈركۈم جىددىي ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئەۋەتىدۇ ھەم قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن سىجىل تەمىنلەيدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ يەنە مۇنداق تەكىتلىدى: ئافغانىستاندىكى قىيىن ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى بەزى دۆلەتلەر ئىلگىرىكى ساۋاقلارنى يەنىمۇ قوبۇل قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

ۋاڭ يى ئەڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئافغانىستان تارىخىدا يېڭى بىر بەت ئېچىلماقتا، پۇرسەت ۋە خىرىس تەڭ مەۋجۇت، قىيىنچىلىق ۋە ئۈمىد تەڭ مەۋجۇت. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئافغانىستاننىڭ يېقىن قوشنىسى، بىرلەشمە باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئىككى تەشكىلاتنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە ئۆز تەسىرىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئافغانىستاننىڭ قالايمىقانچىلىقنى توختىتىپ مۇقىملىققا قايتىش، تىنچ قايتا قۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان ئىجابىي سىگنال تارقىتىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئافغانىستان خەلقىنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ مېڭىشىغا مەدەت بېرىپ، بۇ رايوننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى قوغدايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.