تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ 6 - نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا سىنلىق سۆز قىلدى

9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ 6 - نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى مېكسىكىنىڭ پايتەختى مېكسىكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى مېكسىكىنىڭ تەكلىپى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىدا سىنلىق سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ 6 - نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى مېكسىكىنىڭ پايتەختى مېكسىكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى مېكسىكىنىڭ تەكلىپى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىدا سىنلىق سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئون يىل ئىلگىرى، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشى، بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تىرىشچانلىقىدا، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى، بۇ، رايوننىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ئىش. ئون يىلدا، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو تەرەپ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ رايون دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىنى ماسلاشتۇرۇشىنى قوللايدۇ. 2014 - يىلى 7 - ئايدا، مەن رايون دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى قۇرۇشنى بىرلىكتە ئېلان قىلىپ، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بىر پۈتۈن ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتۇق. يەتتە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ دوستلۇق كۈچىنى مۇجەسسەملەيدىغان ئاساسلىق سەھنىسىگە ئايلىنىپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مۇناسىۋىتى باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ دوستلۇقى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. بۇلتۇردىن بۇيان، تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. جۇڭگو تەرەپ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىگە قۇربىنىڭ يېتىشىچە داۋاملىق ياردەم بېرىپ، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، پۇرسەتنى ئورتاق يارىتىپ، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا قول تۇتۇشۇپ تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.