ئۈچ نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى بۆلۈمچىدىن بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق چىقتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جيۇچۈەن، 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىرلار لى يۈن، جاڭ مىمى) جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ ۋاقتى 2021 - يىلى 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سائەت 13تىن 34 مىنۇت ئۆتكەندە، شېنجوۋ 12 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلۈمچىسى دۇڭفېڭ قونۇش مەيدانىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قونغان، ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى نيې خەيشېڭ، ليۇ بومىڭ، تاڭ خۇڭبو بۆلۈمچىدىن بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق چىققان، سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، بوشلۇق پونكىتى باسقۇچىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. بۇ يەنە دۇڭفېڭ قونۇش مەيدانىنىڭ ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى ئىزدەش، قايتۇرۇپ كېلىش ۋەزىپىسىنى تۇنجى قېتىم ئىجرا قىلىشى ئىكەن.