تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«بىز مۇشۇ يەردىن مېڭىپ كەلگەن»

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەنشى يۈلىندە تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، ۋاڭ لېۋېن

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي

شىمالىي شەنشىنىڭ يولىدا كۆز يەتكۈسىز ئېدىرلىقلار تۇتىشىپ، جىلغىلار بىر - بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەنىدى. ئايروپىلان، پويىز، ئاپتوموبىللار ئالدىراش قاتناۋاتاتتى.

9 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە، شىئەنگە بېرىپ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەنشى يۈلىنگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ شىمالىي شەنشىگە چوڭقۇر مۇھەببىتى بار، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىمالىي شەنشىگە چوڭقۇر رىشتى بار.

تەرەققىياتنىڭ تىپ ئۆزگەرتىشى:

«قارا رەڭلىك ئىنقىلاب»تىن «يېشىل تەرەققىيات»قىچە

يۈلىنگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغان تۇنجى بېكەتتە كۆمۈرنى كۆردى.

«تاغ - دەريالار دەستۇرى . غەربىي تاغ دەستۇرى»دا مۇنداق خاتىرىلەنگەن: «غەربىي جەنۇبقا قاراپ يەنە 300 چاقىرىم ماڭسا، نۈچۇاڭشەن دېگەن تاغ بار، تاغنىڭ جەنۇبىدا قىزىل مىس رۇدىسى مول، شىمالىدا زەمچە كۆپ...»

زەمچە، تاشكۆمۈر، سۈرمە تاشلارنىڭ ھەممىسى كۆمۈرنىڭ ئىسمى. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، يۈلىنگە توپلانغان مول ئېنېرگىيە بايلىقى تولۇق پايدىلىنىشقا ئېرىشەلمىدى.

20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا، «يۈلىن رايونىدا بىر چوڭ كۆمۈرلۈك بايقالدى» دېگەن خەۋەر خەلق گېزىتىنىڭ باش بېتىگە بېسىلغاندا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ پەردىسىنى ئاچقان جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىغا بولغان ئېھتىياجى كۈندىن - كۈنگە ئېشىۋاتقانىدى.

يەرنى قېزىپ قارا ئالتۇن ئېلىش. خۇددى قان سۇيۇقلۇقىغا ئوخشاش، يۈلىننىڭ كۆمۈر بايلىقى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى - شىمالىغا توشۇلدى. يۈلىننىڭ تەرەققىيات قىياپىتىدىمۇ بۇ مەيدان «قارا رەڭلىك ئىنقىلاب» سەۋەبىدىن ئۆزگىرىش بولدى.

9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يۈلىنگە كېلىپلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، ماۋۋۇسۇنىڭ يېنىغا، تۇۋېي دەرياسى بويىغا جايلاشقان دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى يۈلىن خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. يول بويى چۆللۈك ئىچىدىكى يېشىللىقلار، يېشىللىق ئىچىدىكى كەنتلەر، يەنە دالىدا قەد كۆتۈرگەن كومزەكسىمان مۇنارلار كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، باش شۇجى ئاپتوموبىل دېرىزىسىدىن قايتا - قايتا قارىدى:

«مەن ئەينى يىلى يەنچۇەندە يېزىغا چۈشكەندە، يۈلىن پۈتۈن شەنشى بويىچە ئەڭ نامرات جاي ئىدى. بۇ يەردە نوپۇس زىچ، ئەمما يېمەك - ئىچمەك كەمچىل بولۇپ، ھەممەيلەن ناھايىتى غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرەتتى. كېيىن ئېنېرگىيە بايقالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېنېرگىيە كەسپىنى ئېچىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارى بولغاچقا، ئەھۋال پۈتۈنلەي باشقىچە بولدى. بۇنىڭغا يېرىم ئەسىرچىلىكمۇ ۋاقىت كەتمىدى، يۈلىن گۈللەندى».

ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مەسىلە. ئاشۇ يىللاردا، يۈلىن «يېزا ئىگىلىكى»دىن «سانائەت»كە قاراپ چوڭ قەدەم تاشلاپ تىپ ئۆزگەرتىپ، «دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە تەرەققىياتى، كەسىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن، سانائەتلىشىش مۇساپىسى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى».

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلاندى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا كىردى. باش شۇجى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق تاپىلىدى: «بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك، خېلى بىر مەزگىل ئىچىدە، كۆمۈر ئاساسىي گەۋدىلىك ئېنېرگىيە بولۇشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تىرەك بولالماي قالىدۇ».

شۇنىڭ بىلەن بىللە، باش شۇجى دىيالېكتىكىلىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى:

«كېيىنكى قەدەمدىكى تەرەققىياتتا، بىر خىل ئېنېرگىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆمۈرنىڭ مىقدارىنى كونترول قىلىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات يۆنىلىشى بويىچە، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشان - ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ يولدا مېڭىش كېرەك».

دەۋر بىلەن تەڭ مېڭىپ، «پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش» 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانغا كىرگۈزۈلدى. يۈلىندىكى ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە كارخانىلىرىمۇ يېڭى مەھسۇلات يولىنى پائال پىلانلىدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، دۆلەت ئېنېرگىيەسى يۈلىن نېفىت - خىمىيە چەكلىك شىركىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداش باش شۇجىغا كۆمۈرنى دەرىجىگە، سۈپەتكە ئايرىپ پايدىلىنىش ئۇسۇلىنى نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇپ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى بۇلغىمىسىنى ئازايتىشتىكى بېسىم ۋە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى سۆزلەپ بەردى، يەنە باش شۇجىنى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بۇيۇملىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى.

داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان سۆڭەك مىخى، تىكىش يىپى، قاچا - قۇچا، مال سېتىۋېلىش خالتىسى... بۇ ئاجرىتىپ ئېلىنغان مەھسۇلاتلار كارخانىلارنىڭ كۆمۈردىن مېتانولغىچە، يەنە پولىئېتىلىنغىچە ھەم تۈرلۈك خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

باش شۇجى ناھايىتى قىزىقىپ كۆردى:

«مېنىڭ بۈگۈن بۇ يەرگە كېلىشىم ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۆرۈش، يېشىل تەرەققىيات، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنىڭ قانداق يول ۋە تەجرىبە ئىكەنلىكىنى، قانداق نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈش ئۈچۈندۇر. كۆمۈر ئېلېكتىرى چەكلىمىلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىقدارنى ئازايتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن تىپنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقىچە زور ئىستىقبالغا ئىگە. بولۇپمۇ سىلەرنىڭ بۇ ئاجرىتىپ ئېلىنغان مەھسۇلاتىڭلارنىڭ ناھايىتى قىممىتى بار. كۆمۈرچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا، بايلىق، ئېنېرگىيە، مۇھىتنىڭ ئاخىرقى چېكىدىن ھالقىپ كەتمەيدۇ».

يىلىغا 400 مىڭ توننا ئېتىلېن گىلىكول ئىشلەپچىقىرىش تۈرى نەق مەيدانىدا، كۆك رەڭلىك خىزمەت فورمىسى كىيگەن بىر توپ كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن باش شۇجىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇردى. ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە كارخانىلىرىدىكى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا ئوخشىمايدىغىنى، شىركەتتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى ئاران 32 ياش ئىدى.

«گۈللەپ ياشناۋاتقان ياش قوشۇن ئىكەنسىلەر. سىلەر تارىخىي ۋەزىپىنى زىممەڭلەرگە ئالغان بىر تۈركۈم كىشىلەر. كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك، كۆپ مەنبەلىك، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشنى ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە قىلىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. بۇرچ شەرەپلىك، بۇرچ مۇھىم، زور، ئۈمىد سىلەردە، ئۈمىد يەنە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەردە».

ۋاقىتنىڭ ئۆزگىرىشى:

«قورساق تويماسلىق»تىن «ئاق ئۇن، چوشقا گۆشى كەم بولماسلىق»قىچە

«ئەتىگەندە ئاق شورپا، چۈشتە توپان، كەچتە قاچىدا ئاي شولىسى».

گاۋشىگوۋ − سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكى ئېدىرلىق رايونىدىكى بىر كىچىك تاغ جىلغىسى بولۇپ، كەنتتىكى پېشقەدەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قورسىقى تويماسلىق ئەسلىمىسى بار.

بۇ يەر مىجى ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان بولۇپ، تۇپرىقى ئۈنۈمسىز، ئون يىلنىڭ توققۇز يىلىدا قۇرغاقچىلىق بولاتتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، گاۋشىگوۋلىقلار قورسىقىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەگرى يوللارنى باسقانىدى. ئەسلىدە «بىر <دۆڭ>نى ئارتۇق تۈزلىسەك، بىر <قوناق جىڭمومىسى>نى كۆپ يېيەلەيمىز دەپ ئويلىغانىدۇق، ئەمما تۈزلىگەنسېرى نامراتلىشىپ كەتتۇق. قويلار ئوت - چۆپلەرنى غاجاپ تۈگەتتى، ئادەملەر دەرەخلەرنى يەپ تۈگەتتى.

گاۋشىگوۋ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جياڭ لياڭبياۋنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىك كۈنلەرنى ئەسلەپ، كۆرۈۋاتقان بەخت - سائادەتنىڭ قەدرىگە يېتىپ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىكى سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىگە بولغان ئەسلىمىسىمۇ چوڭقۇر ئىدى، ئۇ، سۇ، تۇپراق، ئوغۇت ئېقىپ كېتىدىغان «ئۈچ ئېقىپ كېتىدىغان ئېتىز» توغرىسىدا سۆزلىدى، «ئەينى چاغدىكى <شىمالىي شەنشىدە بوز يەر ئاچسا، خېنەن ئاپەتكە ئۇچرايدىغان> جاپالىق كۈنلەر»توغرىسىدا توختالدى.

ئاغرىغاندا ئۆزگىرىش ھەققىدە ئويلىنىش. 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا، گاۋشىگوۋ «3:3 تۈزۈمى» (ئېتىز، ئورمان يېرى، ئوتلاقنىڭ ھەرقايسىسى ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەش) ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى. جياڭ لياڭبياۋ باش شۇجىغا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇمۇ بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئويلاپ چىققان چارە: ئاشلىقنى كۆپ ئېلىش ئۈچۈن ئوغۇت بولۇشى كېرەك، ئوغۇتتا قوي - كالىلارغا تايىنىش كېرەك، قوي - كالىلار ئوت - چۆپ يېيىشى كېرەك.

گاۋشىگوۋنىڭ ئىزدىنىشى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىكى سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تۈزەشتىكى بىر قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى.

تاغ باغرىدىكى ئېتىزلار مول ھوسۇلدىن دېرەك بېرەتتى. باش شۇجى ئاپتوموبىلنى ۋاقىتلىق توختاتتى.

«زىرائەتلەرنى سۇغارغىلى بولامدۇ» «ئېتىزغا پۇرچاق كىرىشتۈرۈپ تېرىغانمۇ» «ئائىلەڭلەردە نەچچە جان سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدۇ»... باش شۇجى يۇرتداشلار بىلەن پاراڭلاشتى.

يۇرتداشلارنىڭ «كۈنلىرىمىز ياخشىلاندى، ھازىر ئاق ئۇن، گۈرۈچ، گۆشنىڭ ھەممىسىنى يېيەلەيمىز» دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا: «ھازىر ئاق ئۇن ۋە چوشقا گۆشى كەم ئەمەس ئىكەن، ئەكسىچە بەزىدە بەش خىل دانلىق زىرائەت ياقتۇرۇپ يېيىلىدىكەن» دېدى. ئۇ شىمالىي شەنشىنىڭ يۇرت ئەھۋالىنى ناھايىتى پىششىق بىلەتتى: «قاتتىق تېرىقتا سېرىق گۈرۈچ مومىسى، يۇمشاق تېرىقتا يوۋخۇلەن، يوۋگاۋ ئېتىلىدۇ».

رەڭدار ئېتىزلارنىڭ مەنزىرىسى بۇرۇنقىدەكلا كۆرۈنىدۇ، لېكىن يەنە ھەممە نەرسە ئۆزگەرمەكتە: يارغۇنچاقتا تارتىش، تۈگمەندە تارتىشنىڭ ھەممىسى ماشىنىلاشتى؛ يەنە دان ئايرىش توغرىسىدا توختىلىپ، «ئەمدى زەنجىر تاقاق ئىشلەتمەيدىغانسىلەر؟» دەپ سورىدى، «شۇنداق، بۈگۈنكى كۈندە ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت ئىشلىتىدىغان بولدۇق».

لوڭتوۋشەن تېغىنىڭ چوققىسىنى كۈز شامىلى سىيپاپ ئۆتمەكتە ئىدى. باش شۇجى شەرق تەرەپنى كۆرۈپ بولۇپ، يەنە غەرب تەرەپكە ماڭدى، پۈتۈن زېھنى بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ، چوڭقۇر ئويغا چۆمدى.

قارىغاي، ئارچا، تۇخۇمەك، قارىياغاچ، تېرەك، قاراغان، يەنە ئالما دەرىخى، چىلان دەرىخى، ئۆرۈك دەرىخى، ياڭاق دەرىخى... نېمىدېگەن رەڭدار، ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرە! بۇ، نەچچە ئەۋلاد كەنت ئاھالىسىنىڭ يار بويىنى تۈزلىگەن، قىر سالغان، ئېرىق چاپقان، ئېتىز قىرلىغان جاپالىق ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى ئىدى.

«40 تاغ ئېدىرى، 21 جىلغا ئاچىلى، 4553 مو تېرىلغۇ يەر، 2300 مو ئېكولوگىيە ئورمىنى، 1000 مو ئىقتىسادىي ئورمان، 126 لاتقا توسمىسى، بەش يامغۇر سۈيى يىغىش گەمىسى، ئۈچ سۇ ئامبىرى...» جياڭ لياڭبياۋ باش شۇجىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئائىلە بىساتىنى دوكلات قىلدى: «خۇاڭيۈەنشۇەي» «خۇڭيۈەنشۇەي»، تاغ ئالمىسى بىزنىڭ «ئالتۇن تۇخۇمىمىز». بىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەنە ئىزدىنىپ «3:3 تۈزۈمى»نى «3:2:1» ئەندىزىسى (ئۈچ ئۈلۈش ئورمان يېرى، ئىككى ئۈلۈش ئوتلاق، بىر ئۈلۈش ئېتىز)گە ئۆزگەرتتۇق.

باش شۇجى بارمىقىنى چىقىرىپ بىرمۇبىر ساناپ مۇنداق دېدى: «ئورمان، ئوتلاق، ئېتىز، يېزا ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدۇ. مەن يەنچۇەندە يېزىغا چۈشكەندە گاۋشىگوۋنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغانىدىم، ئۇ ئەينى چاغدا شىمالىي شەنشىدىكى داجەي كەنتى ئىدى. پەلەمپەي ئېتىزىڭلارغا قارىسام، ھەممىسىگە كۈچ سەرپ قىپسىلەر. قىممەتلىك يېرى شۇكى، يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەپسىلەر».

«تاغلار تاقىر بولۇش، يىلدا قەھەتچىلىك بولۇش»تىن «قاتمۇقات پەلەمپەي ئېتىزلار تاغ چوققىلىرىنى ئوراش، بۆلەك - بۆلەك ئورمانلىق، ئوت - چۆپلەر ئويمان - دۆڭلەرنى قاپلاش»قىچە، كونا قىياپەت بىلەن يېڭى قىياپەت روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ تۇراتتى. مۇشۇ يىللاردا، شەنشىنىڭ يېشىللىق دائىرىسى شىمالغا 400 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئۇزارغانىدى. كەنتنىڭ نەتىجە قەغىزىمۇ كىشىنى خۇشال قىلاتتى: «60 يىلدىن بۇيان لاي - لاتقا تاغدىن چۈشمىدى، كەلكۈن جىلغىدىن چىقمىدى، خۇاڭخې دەرياسىغا لاي - لاتقا ئېقىپ كىرمىدى. ھەر قېتىملىق ھۆل - يېغىن مىقدارىنىڭ ھەممىسى ئەتراپتىكى كەنتلەرگە قارىغاندا ئىككى - ئۈچ مىللىمېتىر كۆپ بولدى».

«كىچىك ئېقىن رايونلىرىنى تۈزەش يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. گاۋشىگوۋ كەنتى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىك ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنىڭ بىر ئۈلگىسى.» باش شۇجى ماختاپ مۇنداق دېدى: «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى بايلىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، سىلەر ئەمەلىيەت ئارقىلىق بۇ يولنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدىڭلار، بۇ ھەم بىز ھازىر تەشەببۇس قىلىۋاتقان، تۈرتكە بولىدىغان بىر يول».

1969 - يىلى 1 - ئايدا، 16 ياشقا توشمىغان شى جىنپىڭ بېيجىڭدىن يەنئەن شەھىرىنىڭ يەنچۇەن ناھىيەسى لياڭجياخې كەنتىگە كەلدى. ئۇ كېيىن بىر پارچە ماقالىسىدە: «خەلقنىڭ چاكىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ يىلتىزىم شىمالىي شەنشى ئېگىزلىكىدە، چۈنكى ئۇ يەردە مېنىڭ خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت ئۆزگەرمەس ئېتىقادىم يېتىلگەن» دەپ يازغانىدى.

«مەن شىمالىي شەنشىدە ئالتە - يەتتە يىل تۇردۇم، سىلەرنىڭ بۇ يەرنىڭ ئەھۋالى ئەينى چاغدا <ئېمېن>غا يەتمەيتتى. تاماق يېيىشنى ئالساق، سىلەرنىڭ بۇ يەردە دائىم قورساق ئاچ قالاتتى. ئەينى چاغدا سۈيدې، مىجىدىن جەنۇبقا بېرىپ تىلەمچىلىك قىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، يۇرتداشلارنىڭ بۈگۈنكى كۈنلىرى ناھايىتى خاتىرجەم ئۆتۈۋاتىدۇ».

ئىنقىلابنىڭ قايتما ساداسى:

«ئەڭ كىچىك قوماندانلىق ئىشتابى»دىن «ئەڭ چوڭ خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى»غىچە

74 يىل ئىلگىرىكى قاينام - تاشقىنلىق، ئەگرى - بۈگرى تاغ يولىنى بويلاپ، تەدرىجىي يېقىنلاشتى.

9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياڭجياگۇۋدىكى ئىنقىلابىي ئەسلىي جايغا باردى، «بۇ يەرگە كېلىپ كۆرۈپ، بىر ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى».

مۇشۇ بىرنەچچە گەمىدە، شىمالىي شەنشىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى دەل مۇشۇ جايدا «دېكابىر يىغىنى» ئاچقان، يولداش ماۋ زېدۇڭ بۇ يەردە «نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە بىزنىڭ ۋەزىپىمىز»نى يېزىپ چىققان، تارىخنىڭ يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان «تاڭ نۇرى ئالدىمىزدا» دېگەن چاقىرىق ساداسى دەل مۇشۇ يەردىن پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغان.

«دېكابىر يىغىنى» ئېچىلغان ئەسلىي جايغا كىرگەندە، بىر تەرىپىدە جۇڭگو تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ كوللېكتىپ ئوبرازى، يەنە بىر تەرىپىدە يىغىن كۆرۈنۈشى سىزىلغان ماي بوياق رەسىم بار ئىدى. باش شۇجى ئۇزاققىچە چوڭقۇر ئويغا چۆمدى.

چۈشەندۈرگۈچى يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ دوكلاتىدىكى ۋەزىيەتكە بولغان ھۆكۈمىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى:

«بۇ، تارىختىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى. بۇ، جياڭ جيېشىنىڭ 20 يىللىق ئەكسىلئىنقىلابىي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشتىن يوقىلىشقا يۈزلەنگەنلىكىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى. بۇ، 100 نەچچە يىلدىن بۇيانقى جاھانگىرلىكنىڭ جۇڭگودىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشتىن يوقىلىشقا يۈزلەنگەنلىكىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى».

كۈچلۈك جاسارەت ۋە ئىقتىدار بىلەن مۇشۇ گەمىدە ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىنغان. باش شۇجى شى جىنپىڭ يولداش جوۋ ئېنلەينىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك قوماندانلىق ئىشتابىدا ئەڭ چوڭ خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىندى» دېگەن بىر جۈملە باھاسىنى تىلغا ئالدى.

يەنە تاغقا قاراپ ماڭسا، يولداش ماۋ زېدۇڭ، جوۋ ئېنلەينىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى بار. ئۇدۇلغا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىمالىي شەنشىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلىش يول خەرىتىسى» ئېسىلغان، شىمالىي شەنشىدە بىر يىل بەش كۈندە 2000 چاقىرىملىق مۇساپىنى بېسىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلىپ، 12 ناھىيە، 38 كەنتتىن ئۆتكەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىن بېرىپ سىنچىلاپ كۆردى.

«جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ مۇقەررەر غەلىبىسىگە بۇ يەردىن جاۋاب تاپقىلى بولىدۇ. ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرگەن! ماۋ جۇشى بۇ يەردە ھەم غەربىي شىمال ئۇرۇش مەيدانىغا قوماندانلىق قىلغان، ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۇرۇش مەيدانىغا قوماندانلىق قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە يېڭى ھاكىمىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئىشلارنى ئويلاشقان.» ئۇ بىر تارىخىي پاكىتنى تىلغا ئالدى، يولداش ماۋ زېدۇڭ يەنئەندىكى مەزگىلىدىلا «جياشېن يىللىرىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ 300 يىللىقىنى خاتىرىلەش» دېگەن ئىلمىي ئەسەرنى ئىستىل تۈزىتىشتىكى ئۆگىنىش ھۆججىتى سۈپىتىدە، يولداشلارنى بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشقا چاقىرغان.

ئەسلىي تۇرالغۇدا كىتاب ئۈستىلى، خەرىتە، قەلەمدان، ماي چىراغ، قازان، ئوچاق، تاش تۈگمەن، يارغۇنچاق، كاڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تارىخنىڭ بايانى ئىدى. ھويلىدىكى 100 يىللىق چىلان دەرىخىدىكى چىلانلار كۈز شامىلىدا قىزارغانىدى.

يولداش ماۋ زېدۇڭ دائىم سۈر كۆك رەڭلىك كونا ھەربىي فورما كىيەتتى. ياڭجياگوۋدا تۇرغان 120 كۈندە، ئۇ 40 پارچىدىن ئارتۇق ھۆججەت - ماتېرىيال ۋە 80 پارچىدىن ئارتۇق تېلېگرامما ئارگىنالى يازغان. شەنگوۋگوۋ نۇرى جۇڭگونى يورۇتقان.

ئەسلىي تۇرالغۇ تېمىغا ئېسىلغان بىرنەچچە جۈملە سۆز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ 1948 - يىلى ئەتىياز بولۇپ، يولداش ماۋ زېدۇڭ «ئەھۋال توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: «سىياسەت ۋە تەدبىر پارتىيەنىڭ جېنى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي يولداشلار جەزمەن بۇنىڭغا تولۇق دىققەت قىلىشى، ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلماسلىقى كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن مۇنداق كۆرسەتتى: «سىياسەت ۋە تەدبىر پارتىيەنىڭ جېنى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىزنىڭ ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىيەلىشى، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى ۋە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، پارتىيەمىز ماركسىزمنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئىشنىڭ بىخ ھالىتىدىلا ئۇنىڭ ماھىيىتى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى بىلىپ، ھەم رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھەم ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ۋەزىيەتكە توغرا ھۆكۈم قىلىپ ۋە ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان نىشان - ۋەزىپە، سىياسەت - تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقتى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇ خىل خىسلىتى، ئۆتمۈشى، ھازىرى، كەلگۈسىمۇ پۈتۈنلەي ياخشى پىلانلانغان، ئويلىشىلغان».

120 كۈن، نۇرغۇن ھېكايىلەر قالدى.

«دېكابىر يىغىنى» ئېچىلغان ئىككىنچى كۈنى، دەل يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. ئۇنىڭ يېگىنى ئادەتتىكىگە ئوخشاش «چيەنچيەن تامىقى»، چۈچۈمەل بەسەي بولدى ھەم شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كوممۇنىستلارغا «تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزمەسلىك» قائىدىسى بېكىتىلدى: «پۈتۈن مەملىكەت ئازاد بولغاندىمۇ، پارتىيە ئىچىدە تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ».

چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 7 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىدا، ماۋ جۇشى كوممۇنىستلارغا بېكىتىپ بەرگەن ئالتە ماددىلىق بەلگىلىمىنى ئېسىگە ئالدى، بىرىنچى ماددىسى تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزمەسلىك ئىدى.

«ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، <تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزمەسلىك>نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ <قەدەھنى ئاز تۇتۇش>نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بىز ھازىر ھاراقنى ئاز ئىچىدىغان بولدۇق؛ <ئادەم ئىسمىنى يەر نامى قىلماسلىق>، بۇنىمۇ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.» ئۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى بىرمۇ بىر ئەسلىدى: «<جۇڭگولۇق يولداشلارنى ماركىس، ئېنگېلىس، لېنىن، سىتالىن بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويماسلىق>، بۇ ئىشتا ئىلگىرىلەش بولدى. ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش، ماركسىزمنى ئۆگىنىشتە ئۇسۇل توغرا بولۇش كېرەك».

شىمالىي شەنشىدىكى گەمىلەرگە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئامانلىقى، شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ رىشتى باغلانغان. يۇرتداشلارنىڭ ھىمايىسىدە، دۈشمەنلەرنىڭ پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئالالمىغانلىقىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ يۇرتداشلار بىلەن ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغان مېھىر - مۇھەببىتىدىن ناھايىتى تەسىرلەندى.

ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇشۇشەن تېغى ئېتىكىنىڭ جيۇجېنگۈەندىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سۈيدې ۋىلايەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەسلىي جايىغا كەلدى. كۆرگەزمە زالىدا ئىككى قۇر خەت كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى: «ئەڭ كۆپ ساندىكى ئەمگەكچى خەلق تەرەپتە تۇرۇش» «ھەقىقىي تۈردە پۇقرالار تەرەپتە تۇرۇش».

باش شۇجى شى جىنپىڭ پەس ئاۋازدا ئوقۇدى.

«ھەقىقىي تۈردە دېگەن بۇ سۆز گۇەنجۇڭچە سۆز بولۇپ، پۇختا، دۇرۇس دېگەن مەنىدە.» ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى خەلقنىڭ قەلبىنى مايىل قىلغانلىقىدىن، مىليونلىغان خەلق ئاممىسىنىڭ بىز تەرەپتە تۇرۇشنى قەتئىي تاللىغانلىقىدىن بولدى.

ئەسلىي جايدىكى كۆرگەزمە زالىدا، پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ قىشلىق ئۆگىنىش قىلىش توغرىسىدىكى بىر بۆلەك تاپىلىشى بار ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ خەتمۇخەت، جۈملىمۇجۈملە ئوقۇدى:

«جەزمەن ئامما ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئاڭلىق، ئىختىيارىي ئاكتىپلىقىنى قوزغىغاندىلا، قىشلىق ئۆگىنىشنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ... شۇنى بىلىش كېرەككى، ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق ئاممىنى سەپەرۋەر قىلالماسلىق، ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەندىلا، بۇنىڭغا بىزنىڭ توغرا رەھبەرلىكىمىز قوشۇلسا، يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق».

گۈللىنىشنىڭ ئاساسى:

«كەچلىك كۇرستا ساۋات چىقىرىش» تىن «زامانىۋى مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش»قىچە

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى شەنشىگە كەلگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەدىمكىنى تىلغا ئېلىپ بۈگۈنكىسى ئۈستىدە توختىلىپ: «<جۇڭگو> دېگەن ئىككى خەت شەنشىدىن قېزىۋېلىنغان مىس بۇيۇم خېزۈندە ئەڭ بۇرۇن ئۇچرىغان» دېگەنىدى.

9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ سۈيدې ناھىيەلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىخانىسىغا كىردى. تالدىن توقۇلغان بۇيۇملار، لاي ھەيكەل، تام رەسىمى، سۇناي، تاش ئويما، قەغەز قىيما، يەنە سۈيدې ئامانلىق مەكتۇپلىرى، شىمالىي شەنشى خەلق ناخشىلىرىدىن ئىبارەت، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلگەن خەلق سەنئىتى بۇ جايغا خۇددى شىمالىي شەنشىدىكى سېرىق توپىلىق يەرگە چوڭقۇر پاتۇرۇلغان كونا جوتۇدەك ئورناشقانىدى.

شىمالىي شەنشىلىك خەلق سەنئەتكارى لى كاڭ قولىغا سەنشيەن كۆتۈرۈپ، پۇتىغا شۈەيبەن باغلاپ، ئاق لۆڭگىدىكى ئۈچ قاتار كۆك سىزىق دېگەن ناخشىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ياڭراق ئاۋازى بۇ مەيدان ئويۇننى قىزىتىۋەتتى.

ناخشا ئاخىرلاشقان بولسىمۇ ساداسى قۇلاقتىن كەتمىدى. باش شۇجى باشلامچىلىق بىلەن چاۋاك چېلىپ، «مەن سەنشيەن مۇزىكىلىرىنى ئاڭلاشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، ئۇ تولىمۇ مەپتۇن قىلارلىق، مۇشۇ جاينىڭ ئادەملىرىلا ئاندىن بۇ خىل پۇراقنى چىقىرىپ چالالايدۇ» دېدى.

ئەۋلادمۇئەۋلاد، يىلمۇيىل داۋاملىشىپ كەلگەن بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ سەھنىسى ئېتىز - ئېرىق، ھويلا - ئاران، يار بويلىرىدا، كىر يۇيۇش، سۇ توشۇش، ئىشلەش، چارۋا بېقىش يوللىرىدا بولدى.

كۆرگەزمىخانا ھويلىسىدا قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن شىمالىي شەنشى ياڭگىر ئۇسسۇلىغا چۈشكەنلەر ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا ئويناۋاتاتتى.

«ناھايىتى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوينىدىڭلار. سىلەر ھەممىڭلار كەسپىي ئارتىسلارمۇ؟»

كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق جاۋاب بەردى: «ۋارىسلىق قىلغۇچىلارمۇ، كۇرسانتلارمۇ بار.» «ھازىر ھەر ھەپتىدە پائالىيەت، ھەر ئايدا تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش بار، بىز يەنە دائىم مەكتەپكە بېرىپ دەرس ئۆتىمىز»، «ياڭگىر ئوينىغانسېرى تېتىكلىشىمىز، ياڭگىر ئوينىغانسېرى غەيرىتىمىز ئاشىدۇ، ياڭگىر ئوينىغانسېرى ياشىرىپ كېتىمىز».

«ياخشى بوپتۇ! خەلق سەنئىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، ئەجدادلاردىن قالغان بۇ گۆھەرلەرنى ياخشى قوغداش، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك».

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ نەچچە ۋارىسىنىڭ ھەممىسى «مەكتەپكە كىرىش»نى تىلغا ئالدى. كۆرگەزمىخانا بىلەن ئارىلىقى نەچچە كوچىلا كېلىدىغان سۈيدې تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى بۇ سەنئەت گۆھىرىگە دەرۋازىسىنى ئاچقانىدى. تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ مەكتەپكە كىردى.

كىتاب ئوقۇغان ئاۋاز، ناخشا ئاۋازى، چالغۇ ئاۋازى، يەنە مەيداندىكى شادلىق سادالىرى ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. مائارىپ ساھەسىدە «ئىككىنى كېمەيتىش» سىياسىتى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەكتەپلەرمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپا يېتىلدۈرۈش ۋە ئەتراپلىق يېتىلىشىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى. باش شۇجى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خەتتاتلىق دەرسى ۋە تەنتەربىيە دەرسىنى كۆزدىن كەچۈردى.

«شى بوۋا ياخشىمۇسىز!» «بىز سىزنى سۆيىمىز!» مەيداندا ئالقىش سادالىرى كەينى - كەينىدىن كۆتۈرۈلدى. سىنىپتىكى بالىلار زالغا يۈگۈرۈشۈپ چىقىپ قول پۇلاڭلىتىپ سەكرىشىپ كەتتى.

باش شۇجى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىدە نېمىگە تايىنىمىز؟ مىللىتىمىزنىڭ يۈكسەك مەدەنىيلىككە ئىگە مەنىۋى ساپاسىغا تايىنىمىز، بۇنىڭ ئاساسى مائارىپتا. 5000 يىللىق جۇڭخۇا مىللىتى مەدەنىيلىكىنىڭ ئاساسىمۇ مائارىپتا. چوڭ دۆلەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق گۈللىنىشىدە مائارىپ ئىنتايىن مۇھىم».

ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى «كىتاب ئوقۇغاندا ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنى ئۇنتۇماسلىق، ۋەتەننى قۇتقۇزۇشتا كىتاب ئوقۇشنى ئۇنتۇماسلىق» دېگەن خەتلەر كۆزنى چاقنىتاتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سۈيدې سىفەن مەكتىپىنىڭ ئەسلىي ئورنىدىن باشلاپ سۆزلىدى:

«ئىنقىلابقا قاتنىشىشتا ئالدى بىلەن مائارىپنى قوبۇل قىلىش كېرەك. نېمە ئۈچۈن ئىنقىلاب قىلىمىز؟ جاپاكەش ئامما ئىككى مو يەر ئۈچۈن دەيتتى. كەچلىك كۇرستا ساۋات چىقىرىش، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ئارقىلىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئازادلىق ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، دەسلەپكى 500 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى تەربىيەلەشنى تۇتۇشتىن تارتىپ ھازىرقى 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى تەربىيەلەشنى تۇتۇشقىچە، ئالىي مائارىپ ئاممىبابلاشقان مائارىپقا ئايلاندى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقتىن بولدى».

ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن تارتىپ كۈرەش قىلىپ قەد كۆتۈرگەن يېڭى دەۋرگىچە، ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتتى، جاھان ئۆزگەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش، خەلقنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىجادىي ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ئۈستىدە توختالدى.

«كېيىنكى قەدەمدە، دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇلۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇلىدۇ. دۆلەت يىرىك پىلانى تۈزۈلۈپ بولدى، ھەرقايسى تەرەپلەرمۇ ھەرىكەتكە كەلدى، ئەمدى ئۈمىدىمىز سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش. ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلىش 70 نەچچە يىل يەكۈنلەش، 5000 يىل ئىزدىنىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن، شۇڭا ھەربىر خېتى بىباھادۇر».

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش كۆرسەتمىسى:

«چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش»تىن «ياخشى جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش»قىچە

بۇ قېتىمقى سەپەرنىڭ ئاخىرقى بېكىتىدە، يەنە بىر كەنت، يەنى سۈيدې ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى جاڭ جيابيەن بازىرىنىڭ خاۋجياچياۋ كەنتىنى كۆرگىلى باردى. بۇ جايدا پېشقەدەم بىر ئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدەك داستانلار بار. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سۈيدې ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى 1943 - يىلى ئەتىيازدا بىر ئايدىن كۆپرەك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بايقىغان نەمۇنىلىك كەنت.

ئەينى چاغدا، يەنە بىر نەمۇنىچى شەخسمۇ بايقالغان بولۇپ، ئىسمى ليۇ يۈخوۋ ئىدى. كەنت تارىخىي كۆرگەزمىخانىسىدا، باش شۇجى بىر پارچە ماي بوياق رەسىمنىڭ ئالدىدا قەدىمىنى توختاتتى. رەسىمدە، ليۇ يۈخوۋ چوڭ قىزىل گۈلنى تاقاپ، چوڭ سېرىق كالىدىن بىرنى يېتىلىۋالغانىدى. بۇ سۈيدې ناھىيەسىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىغا ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش يىغىنىدا، ئۇنىڭ سۈيدې ناھىيەسى بويىچە ئەمگەك قەھرىمانى بولۇپ باھالىنىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، شاد - خۇراملىققا چۆمگەن ھالدا كەنتكە قاراپ مېڭىۋاتقان كۆرۈنۈشى ئىدى.

باش شۇجى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «<ھەممە كەنت خاۋجياچياۋدىن ئۆگىنەيلى، ھەممەيلەن ليۇ يۈخوۋدىن ئۆگىنەيلى.> خاۋجياچياۋ يېزىلارنىڭ نەمۇنىسى بولۇپ باھالاندى، ليۇ يۈخوۋنىڭمۇ داڭقى چىقتى، چېگرا رايوندا شۇنچە كۆپ ئەمگەك قەھرىمانلىرى بار، ئۇ ئەڭ داڭلىقلىرىنىڭ بىرى».

بۇ يىل خاۋجياچياۋ يەنە بىر «نەمۇنە» دېگەن نامغا ئېرىشتى: «مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەمۇنە».

«پۈتۈن جۇڭگودا پەقەت ئونىلا بار، بۇ بەك قالتىس ئىش، ئەمەلىي نەتىجىگە تۇشلۇق ئابرۇي، ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكا» دېدى خاۋجياچياۋ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ جېنشى بىر چەتتە سەمىمىي كۈلۈپ تۇرۇپ.

«78 يىل بولدى، غىل - پال كۆرۈنۈپلا يوقاپ كەتمەستىن، بەلكى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇلدى. باشلامچىلىق، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا نېمىگە تاياندى، بۇ جەھەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى بەزى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ چىقىشقا بولىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ تەسىرلىك بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: بىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىش ئارقىلىق، بىرىنچى قول ماتېرىيالنى ئىگىلىدى. بۇ، رەئىس ماۋ زېدۇڭ پۈتۈن پارتىيەگە ئېلىپ كەلگەن ياخشى ئىستىل، ياخشى ئەنئەنە. بىرى، تىپ تۇرغۇزدى، تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ياخشى تەجرىبە، ياخشى تىپلارنى بايقاپ، تەجرىبىلەرنى كېڭەيتىش، تىپلاردىن ئۆگىنىشنى ئەۋج ئالدۇردى. يەنە بىرى، پارتىيە ياچېيكىسىنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى باشلامچىلارنى تاللاپ، ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىپ، ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، تونۇشىنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئىشلارنى ئورتاق ياخشى ئىشلىدى.

«سېرىق توپىلىققا يۈزلىنىش»تىن «كەسىپكە يۈزلىنىش»كىچە، كەنت قىياپىتى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. باش شۇجى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش پارنىكىغا كىرىپ، كەنت ئۆزئارا ياردەم قىلىش بەخت ھويلىسىغا كىرىپ، كەنت سەھىيە پونكىتىغا كىرىپ، يول بويى تەپسىلىي كۆردى.

ئەينى يىللاردا يەر تېرىغاندا يىللىق ھاۋارايىنىڭ ياخشى بولۇشىغا تايىنىلاتتى، ھازىر كۈنلەر ياخشى بولۇپ كەتتى. ئۈزۈم ئۆستۈرۈشنىڭ چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۈچۈن بەرگەن ئېتىبار سىياسىتى؛ كەنت ئاھالىلىرى ياشانغاندا كۈتۈنۈشتە دۆلەتنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئىشلىرى، ياشانغانلار كۈتۈنۈش كەسپىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تايىنىدۇ؛ كەنت ئاھالىلىرى كېسەل كۆرسەتكەندە، دۆلەتنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار تىرىكى بار.

باش شۇجى جانلىق بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ تاغ جىلغىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۈمىد بار، ئۇلار بېيىش يولىنى تېپىپ چىقىپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولسا، پۈتۈن جۇڭگونىڭ ئاساسى بار بولىدۇ. قارىسام بۇ يەردە كىشىلەر تىرىشىۋېتىپتۇ، تەبىئەت ياردەم قىلىۋېتىپتۇ. بۇ يەردىكى <تەبىئەت> ئىككى قاتلام مەنىگە ئىگە، بىرى تەبىئىي كىلىمات مەنىسىدىكى تەبىئەت، يەنە بىرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتى مەنىسىدىكى تەبىئەت».

بۇ يىل شىمالىي شەنشىدە يەنە قۇرغاقچىلىق بولدى. يۇرتداشلار بولسا «يەر قۇرغاق بولسىمۇ كۆڭلىمىزدە ئەندىشە يوق، كوممۇنىستىك پارتىيە بولغاچقا بىز خاتىرجەم» دېيىشتى. كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى يۇرتداشلارنى كۆپرەك كۆرۈپ كېلىشنى ئويلايتتى.

خاۋجياچياۋ كەنتىدىكى خوۋ جىرۇڭ 70 ياشقا كىرگەنىدى. ئالدىنقى يىللاردا كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ، كۈنلىرى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەنىدى. بىرنەچچە يىل ئىلگىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئائىلىسىدە جان سانى كۆپىيىپ، كۈنلىرى يىلدىن - يىلغا ياخشىلاندى.

باش شۇجى ئۇنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ، بىر گەمىدە تاماق ئېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشاللىق بىلەن بېرىپ قاراپ باقتى. ئاق قوناقتىن قىلىنغان شىفەن، گۆش قىيمىلىق مانتا بار بولۇپ، يۇيۇلغان كۆكتاتلار قازانغا سېلىنىش ئالدىدا تۇراتتى.

«بۇ كاۋا بەك تەملىك ئىكەن!»

كاڭدا ئولتۇرۇپ، لاۋ خوۋ باش شۇجىنى چىلان يېيىشكە تەكلىپ قىلدى. باش شۇجى كۈلۈپ تۇرۇپ بىر تالنى ئالدى، «بەك تاتلىق ئىكەن!»

لاۋ خوۋ ئائىلىسىنىڭ 2 - ئوغلى دەل جۇڭچيۇ بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن چىڭخەيدە ئىشلەپ قايتىپ كەلگەنىدى، ئۇ باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: «قېرىنداشلار ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز، ئاتا - ئانىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بىزمۇ خاتىرجەم بولدۇق. خاتىرجەم بولغاچقا يىراقراق بېرىپ، كۆپرەك پۇل تېپىۋاتىمىز».

گەمە ئۆينىڭ دېرىزىلىرى ناھايىتى پاكىز، ئېلېكتىر سايمانلىرى تولۇق بولۇپ، دېرىزە ئالدىدىكى زىننەتلەش ئۈچۈن قويۇلغان تەشتەك مەنزىرىسى قويۇق يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى. باش شۇجى تۆت ئەتراپقا نەزەر سېلىپ، ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن شىمالىي شەنشىدە تۇرغان ئاشۇ يىللاردا، بۇنداق ياخشى ئۆينى كۆرۈپ باقمىغانىدىم، ھەتتا يەنئەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورنىمۇ سىلەرنىڭكىدەك ئەمەس ئىدى».

«پۈتۈن جۇڭگودىكى ئەڭ نامرات جايلارنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ باقتىم، ھازىر ھەممىسىنىڭ كونا قىياپىتى يېڭىلاندى. تۇرمۇشنى ياخشى ئۆتكۈزۈش دەل بىز كوممۇنىستلار ئەينى يىلى بۇ يەردە تايانچ بازا قۇرغاندىن تارتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن جۇڭگونى ئازاد قىلغۇچە ئىزچىل باش قاتۇرۇپ كەلگەن ئىش. بۇ ئىشنى ياخشى قىلغاندىلا كوممۇنىستلار ياخشى جاۋاب قەغىزى تاپشۇرالايدۇ، بولمىسا لاياقەتسىز بولۇپ قالىدۇ».

خاۋ جياچياۋدا يۇرتداشلار بىلەن خوشلاشقاندا، باش شۇجى بۇ سەپىرىنى ئەسلەپ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ جايغا كېلىپ مەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم، نۇرغۇن تەسىراتقا ئىگە بولدۇم، تولۇق مۇۋەپپەقىيەت بىلەن قايتتىم دېيىشكە بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قانداق مېڭىپ كەلگەنلىكىنى، يەنى، جىڭگاڭشەندىن شىمالىي شەنشىگە كەلگۈچە، شىمالىي شەنشىدىن شىبەيپوغا بارغۇچە، ئاندىن بېيجىڭغا بارغۇچە، يول بويى ئىمتىھانغا بېرىش ئۈچۈن ماڭغاندەك ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 نەچچە يىل، پارتىيە قۇرۇلغان 100 يىل جەريانىدا، جۇڭخۇا مىللىتىدە يۈزبەرگەن ئالەمشۇمۇل زور ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ يەتتىم. بىز بۇ يولنى داۋاملىق ياخشى مېڭىشىمىز كېرەك. يولدا ياخشى مېڭىش ئۈچۈن، كەلگەن يولنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ. ئىلگىرىكى ئەگرى - توقايلىقلارغا قاراپ باقايلى، بىز مۇشۇ يەردىن مېڭىپ كەلگەن، ئىش باشلىنىشىدا ئاسان بولغىنى بىلەن، ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا ئىنتايىن تەسلىشىپ كېتىدۇ».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، يۈلىن، 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.