تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   تەبىئەت

سۇ ئۈستى ئورمىنىدا قۇشلار ئۇسسۇلغا چۈشتى

9-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھىرى لۇجياڭ ناھىيەسى كېتەن بازىرىدا، قۇشلار داخەنتاڭ سۇ ئامبىرى ئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋاز قىلماقتا. 

    داخەنتاڭ سۇ ئامبىرى لۇجياڭ ناھىيەسى كېتەن بازىرى چېڭچى كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 300 مودىن ئاشىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لۇجياڭ ناھىيەسى بۇ سۇ ئامبىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، سۇ ئامبىرىدىكى تېيىز سۇ رايونىغا شەمشاد كۆچىتى تىكتى. نۆۋەتتە، داخەنتاڭ سۇ ئامبىرى سۇ ساقلاش مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، سۇدىكى شەمشادلار يېشىللىشىپ، قۇياش نۇرىدا سۇغا سايە تاشلاپ، زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇ، توپ-توپ سۇ قۇشلىرى بىلەن ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى. شىنخۇا تورى تارقاتقان (زو شۆچاڭ فوتوسى)

9-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھىرى لۇجياڭ ناھىيەسى كېتەن بازىرىدا، قۇشلار داخەنتاڭ سۇ ئامبىرى ئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋاز قىلماقتا. 
9-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھىرى لۇجياڭ ناھىيەسى كېتەن بازىرىدىكى داخەنتاڭ «سۇ ئۈستى ئورمىنى»نىڭ بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرىتى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.