تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بىزنىڭ بايرىمىمىز. جۇڭچيۇ | خوتەن يەرلىك يۆبىڭى: جەم بولۇشقا گۇۋاھ بولۇش گۈزەللىكنى مۇجەسسەملەش

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر بارشا تېگىس خەۋەر قىلىدۇ) 9-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتە، خوتەن شەھىرى نۇرباغ كوچىسى گۈل قات-قات يۆبىڭ، پىرەنىك دۇكىنىدا، خېرىدارلار ھېسابات دەپتىرىدىكى ئىمىر-چىمىر ئۇچۇرلاردىن ئۆزىنىڭ زاكاز ئۇچۇرىنى تېپىپ، ئۈستىدىكى زاكاز سانى بويىچە پۇل تاپشۇرۇپ مال ئېلىۋاتاتتى. 

    دەل شۇ ۋاقىتتا، خوتەننىڭ شەھەر رايونىغا 20 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان جىيا يېزىسى شاخ مەھەللە كەنتىدە، خوتەن مىنخۇەن يېمەكلىك پىششىقلاش چەكلىك شىركىتىنىڭ يۆبىڭ پىششىقلاش سېخىدا، ئون نەچچە ئىشچى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ يەرلىك يۆبىڭ ياساۋاتاتتى. 

9-ئاينىڭ 16-كۈنى، خوتەن مىنخۇەن يېمەكلىك پىششىقلاش چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىرلىكتە يۆبىڭ ياسىماقتا. (ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگىس فوتوسى)

    «ھەر يىلى جۇڭچيۇغا ئاز قالغاندا، ئالدىراش بولۇپ كېتىمىز» دېدى گۈل قات-قات يۆبىڭ، پىرەنىك دۇكىنىنىڭ لوبىنى گۈلجەمىلە ئابدۇل. 

    گۈل قات-قات يۆبىڭ، پىرەنىك دۇكىنىنى گۈلجەمىلە 2007-يىلى ئاچقان. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ ياسىغان يۆبىڭلار ماتېرىيالى ياخشى، تەمى ئۆزگىچە بولغانلىقتىن، خوتەن شەھىرىدىكى نۇرغۇن مېھمانسارايلارنىڭ خاس يېمەكلىكى بولۇپ قالدى. «يۆبىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەززىلىك يېمەكلىكى، بىزمۇ يېيىشنى بەك ياخشى كۆرىمىز. بىز ئۇنى <ئىتتىپاقلىق يۆبىڭى> دەپ ئاتايمىز، ئۇ ھەر خىل قىيمىلاردىن ياسىلىدىغان بولۇپ، بىزنىڭ ئىتتىپاق جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىمىزغا ئوخشايدۇ» دېدى گۈلجەمىلە. 

    ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، گۈل قات-قات يۆبىڭ، پىرەنىك دۇكىنىنىڭ يۆبىڭ ياساش رېتسېپى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، گۈلجەمىلە خېرىدارلار بەرگەن پىكىرگە ئاساسەن، يۆبىڭنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتتى، ئۇ يۆبىڭنىڭ خېمىرىغا تۇخۇم قوشقانلىقتىن چۈرۈك بولغاچقا، يەنە نۇرغۇن كىشى كېلىپ ئۇنى ئۇستاز تۇتۇپ، ھۈنەر ئۆگەندى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ تەربىيەلىگەنلەردىن 20دىن كۆپرەك كىشى قولدا ياسالغان يۆبىڭ دۇكىنى ئاچتى. 

    «مەن ياسىغان يۆبىڭلار سانسىزلىغان ئائىلىلەرنىڭ جەم بولغاندىكى گۈزەل پەيتىگە گۇۋاھ بولدى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن» دېدى گۈلجەمىلە. 

    خوتەن مىنخۇەن يېمەكلىك پىششىقلاش چەكلىك شىركىتىدە، يۆبىڭ ياساشقا ئۇستا گۈزەلنۇر قاسىم ئىلگىرى خوتەن شەھىرىدە تۆت ئاي يۆبىڭ ۋە تاتلىق-تۈرۈم ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەن. 

خوتەن مىنخۇەن يېمەكلىك پىششىقلاش چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى جۇڭچيۇلۇق يۆبىڭ زاكازلىرىنى تەييارلىماقتا. (ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگىس فوتوسى)

    «خوتەن يەرلىك يۆبىڭى»نىڭ مەززىلىك تەمىنىڭ سىرى شۇكى، بۇ يۆبىڭ دانلىق، پاكىز ياڭاق مېغىزى، قىزىلگۈل گۈلقەنتى، كۈنجۈت، زاراڭزا قاتارلىق خۇرۇجلار بىلەن بولكا ئۇۋىقى ئارىلاشتۇرۇلۇپ تەييارلانغان بولۇپ، گۈزەلنۇر خام ماتېرىيالنى ئايىماي ئىشلىتىپ، ھەربىر يۆبىڭ جىلتىسى ئىچىگە بىر مۇنچە ياڭاق مېغىزى ۋە ئوخشاش مىقداردا بولكا ئۇۋىقى سالىدۇ. 

    شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ شاخ مەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، 2019-يىلى 6-ئايدا، خوتەن مىنخۇەن يېمەكلىك پىششىقلاش چەكلىك شىركىتى شىركەتنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، تاۋار ماركىسى لايىھەلەش ۋە ئوراش-قاچىلاش، زاۋۇت ئۆيى قۇرۇش، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش قاتارلىق ئىشلارنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى، خىزمەت ئەترىتى يەنە سېتىش يوللىرى بىلەن ئالاقىلىشىشكە ياردەم بېرىپ، يېمەكلىك زاۋۇتىنى تېز يۈرۈشتۈردى.

    گۈزەلنۇر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «يۆبىڭنى قولدا ياساش قىيما تەڭشەش، قىيما ئۆلچەش، قىيما ئوراش قاتارلىق كۆپ خىل ئىش تەرتىپىدىن ئۆتىدۇ، ھازىر زاۋۇتتا ئون مۇقىم ئىشچى، ئون ۋاقىتلىق ئىشچى بار، ھەممىسى ئەتراپتىكى دېھقانلار بولۇپ، ئايلىق مائاشى 2000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە ئوخشاش ئەمەس» دېدى. 

    ​«كەنتتىكى بەزى ئاياللار سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئامالسىز، شىركەت ئۇلارنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. يەرلىك يۆبىڭ تەييارلايدىغان يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسىنى كەنت ئاھالىلىرى تەمىنلىگەن بولغاچقا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش مەسىلىسىمۇ ھەل بولدى» دېدى شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ شاخ مەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى شياۋ پەن. 

    ئىشچىلار خۇش كەيپىياتتا خېمىر يۇغۇرۇش، قىيما تەڭشەش، قېلىپنى بېسىش، قاقلاپ پىشۇرۇش، ئوراپ قاچىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. يۆبىڭنىڭ مەززىلىك پۇرىقى پۈتكۈل زاۋۇت رايونىنى بىر ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ سىڭىپ كەتكەنىدى... 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى