تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

شاللار سارغىيىپ كۈزلۈك يىغىم ئالدىراشچىلىقى باشلاندى، يۈننەن ئەننىڭدىكى گۈزەل مول ھوسۇل مەنزىرىسى

يۈننەن ئۆلكىسى ئەننىڭ شەھىرى چىڭلۇڭ مەھەللىسىدىكى ساپسېرىق شال باشىقى (9-ئاينىڭ 6-كۈنى تارتىلغان). (ۋاڭ شاۋكاڭ فوتوسى)

شىنخۇا تورى خەۋىرى: كۈز شامىلى چىقىپ، شال چېچىكىنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى، ئېتىزلاردا دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. يەنە بىر يىللىق كۈزلۈك يىغىم پەسلىدە، يۈننەن ئۆلكىسى ئەننىڭ شەھىرى چىڭلۇڭ كوچىسىدىكى شۇاڭمېي كەنتى، بەيتا كەنتى ئارقا-ئارقىدىن شال ئورۇش مەزگىلىگە كىردى، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلار ھاۋا رايىنىڭ ئوچۇق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈزلۈك يىغىم خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. شال ئورۇش، باغ باغلاش، دان ئايرىش، شال توشۇش... بىر چىغ قالپاق، بىر ئورغاق، بىر چۆگۈن، دېھقانلارنىڭ كۈن-كۈنلەپ پەرۋىش قىلىشىدا «يېشىل مايسا» «سېرىق شال»غا ئايلاندى.

يۈننەن ئۆلكىسى ئەننىڭ شەھىرى چىڭلۇڭ مەھەللىسىدە، دېھقان شال ئورۇماقتا (9-ئاينىڭ 6-كۈنى تارتىلغان). (ۋاڭ شاۋكاڭ فوتوسى)

​يۈننەن ئۆلكىسى ئەننىڭ شەھىرى چىڭلۇڭ مەھەللىسىدىكى سۈرەت كەبى شاللىق (9-ئاينىڭ 6-كۈنى تارتىلغان). (يوۋ پىيۈەن فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى