تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىت

ديەنزىپىڭ كەنتى: قىيالىقتا «ساماۋى يول» ئېچىلىپ، كەنتنىڭ كونا قىياپىتى يېڭىلاندى

   شىنخۇا تورى خەۋىرى  يامغۇردىن كېيىن، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئېنشى تۇجيازۇ-مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جيەنشى ناھىيەسى لۇڭپىڭ يېزىسى ديەنزىپىڭ كەنتىنىڭ تاغ مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، قاشتېشى لېنتىدەك تاشيول تاغنى ئايلىنىپ كەنتكە تۇتىشىپ، گۈزەل يېزا-كەنتنىڭ يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلدى. 

   ديەنزىپىڭ كەنتى جيەنشى ناھىيەسى لۇڭپىڭ يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇب گىرۋىكىگە جايلاشقان، بۇ يەرنى تاغ چوققىلىرى ئوراپ تۇرىدۇ، تاغلىرى تىك، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1200 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئىلگىرى قىيالىقتىكى چاي، تۇز قەدىمىي يولىغا تايىنىپ سىرت بىلەن ئالاقە قىلاتتى. 2005 ـ يىلىدىن بۇيان، «يۈگۇڭ پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسى» ۋاڭ گۇاڭگو كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاپ، ئون نەچچە يىل سەرپ قىلىپ، تاغ ئىچكىرىسىدىكى قىيالىقتىن تاغدىن چىقىدىغان يولنى ئاچتى. 

   بۈگۈنكى كۈندە، يوللار راۋانلىشىپ، خەلق بېيىدى، ئىلگىرى ئېگىز ھەم سوغۇق، چەت ـ ياقا، قاتناش راۋان بولماسلىق سەۋەبىدىن ئېغىر نامرات بولغان بۇ تاغلىق كەنتنىڭ قىياپىتى ئۆزگەردى. (ۋۇ ۋېنخۇا، خوۋ كاڭ)

قاشتېشى لېنتىدەك تاشيول تاغنى ئايلىنىپ كەنتكە تۇتىشىپ، گۈزەل يېزا-كەنتنىڭ يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلدى. 

شىنخۇا تورى خوۋ كاڭ فوتوسى

ديەنزىپىڭ كەنتىدىكىلەرنىڭ تاشيول تۇتاشتۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى سىرت بىلەن ئالاقە قىلىدىغان چاي-تۇز قەدىمىي يولى.
شىنخۇا تورى شياۋ جىنئەن فوتوسى 

ديەنزىپىڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى قىيالىقتىن تاغدىن چىقىدىغان يول ئاچماقتا. (ماتېرىيال سۈرەت) 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى