ئاپتورلار: لى جىڭخەي، خۇ گوكەي
شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى توقسۇن ناھىيەسىنىڭ كۆجەي بازىرى پەنجىر غەلىتە تاش ئورمانلىقىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى ۋۇسەيگوۋ جىلغىسىدا، رەڭگارەڭ گېئولوگىيەلىك يەر شەكلى رەڭگارەڭ تۇپراقنىڭ رەڭگارەڭ قىياپىتىنى نامايان قىلدى. يامغۇر سۈيىنىڭ ئېقىتىشى بىلەن بۇ تاغدا نۇرغۇن جىلغا شەكىللەنگەن، جىلغىنىڭ ئىككى تەرىپى ئۇزاق يىل شامالدا يىمىرىلىپ ۋە يالىنىپ، شەكلى ھەر خىل ئېدىرلارنى شەكىللەندۈرگەن. قىزىل، سېرىق، جىگەررەڭ، ئاق رەڭلىك تاغلار قاتمۇقات جايلاشقان. بوشلۇقتىن نەزەر سالغاندا، بۇ يەر شەكلى ئادەمنى خىيالىي تۇيغۇغا چۆمدۈرىدۇ.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى