تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باچكا بېيىش ئارزۇسىنى قاناتلاندۇردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسىنىڭ باشتۈگمەن كەنتى كۇنخې نەسىللىك كەپتەر باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، كەنت ئاھالىسى روزىمەمەت ئىمىرغازى باچكا چىقىرىش ئۆيىگە كېلىپ، تۇخۇمنى يېرىپ چىققان باچكىلارنى كۆرۈپ، چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. دەل شۇ چاغدا، كەنت ئاھالىسى نۇرنىسا ئىمىن كەپتەرخانا ئىچىگە كىرىپ، كۈل رەڭ، ئاق كەپتەرلەرگە دان بەردى...

«بۇنداق مەنزىرىنى كۇنخې نەسىللىك كەپتەر باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا دائىم ئۇچرىتىسىز» دېدى خوتەن ۋىلايەتلىك باج ئىدارىسىنىڭ باش تۈگمەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى جاۋ يەنلۇڭ تونۇشتۇرۇپ.

تۆت يىلدىن بۇيان، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى»نىڭ يېتەكچىلىكىدە، باشتۈگمەن كەنتى كەپتەر كەسپىنى نىشانلاپ، كۈنخې نەسىللىك كەپتەر باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، «كەنت ئاھالە كومىتېتى+كارخانا+نامرات ئائىلە+ئېلېكتىرونلۇق سودا» ئەندىزىسى ئارقىلىق، «باچكا»نى چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، پۇقرالارنى ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

2018 - يىلى، جاۋ يەنلۇڭ كەنتكە كېلىپ 1 - شۇجى بولغاندا، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك نامرات نوپۇس ئىدى. كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن تېزرەك قۇتۇلدۇرۇپ، بېيىش يولىغا ئاتلاندۇرۇش ئۈچۈن، جاۋ يەنلۇڭ كەنت «ئىككى كومىتېتى» بىلەن كەنت ئاھالىلىرى ياقتۇرىدىغان كەپتەر باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلدى.

«<بىر جۈپ كەپتەر ئۈچ باچكىنى بېقىش> تەك باقمىچىلىق ئەندىزىسىنىڭ بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ خوتەن شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ نەسىللىك كەپتەر بېقىش، كۆپەيتىش بازىسىغا ئايلاندى، جەمئىي كىرىمى 4 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، تارقاتقان ئىش ھەققى 1 مىليون يۈەنگە يەتتى.» جاۋ يەنلۇڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر، بىز تېخىمۇ غەيرەتكە تولدۇق، كەپتەرچىلىك كەسپىنى باشتۈگمەن كەنتىنىڭ خاس كەسپىگە ئايلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلايمىز».

ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تايىنىپ، كەنتتىكى نۇرغۇن ئامما ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى، داشۆدە ئوقۇش ئارزۇسى، ماشىنا سېتىۋېلىش ئارزۇسىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش داغدام يولىغا ماڭدى. روزىمەمەت دەل شۇلارنىڭ بىرى.

ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن كېيىن، كۆپ يىللىق كەپتەر بېقىش تەجرىبىسىگە ئىگە روزىمەمەت بىرىنچى بولۇپ ئەزا بولدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، كەپتەر بېقىش، كۆپەيتىش، تۇخۇمدىن چىقىرىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە روزىمەمەت مەسئۇل بولدى. كەپتەر بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، روزىمەمەت سىرتقا چىقىپ چوڭ تىپتىكى كەپتەر بېقىش بازىلىرىنى كۆرۈپ ئۆگەندى، بوش ۋاقىتلىرىدا تورغا چىقىپ ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئىزدىدى، بۈگۈنكى كۈندە يەم - خەشەكلەرنى ماسلاشتۇرۇش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، تۇخۇمدىن چىقىرىش قاتارلىق بىر يۈرۈش كەپتەر بېقىش تېخنىكىلىرىنى ئىگىلىدى.

كەپتەر بېقىشقا تايىنىپ، روزىمەمەت «نامراتلىق قالپىقى»نى ئېلىۋېتىپلا قالماي، يەنە ماشىنا سېتىۋېلىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى، ھازىرقى تۇرمۇشى روزىمەمەتنى بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۈردى، «بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ، مەن داۋاملىق تىرىشىپ، كەپتەرنى ياخشى بېقىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى بېيىشقا يېتەكلەيمەن».

بۇ يىل 2 - ئايدا، جاۋ يەنلۇڭ شەرەپ بىلەن مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار شەخس دېگەن نامغا ئېرىشتى. «بۇ بىر ئالىي شەرەپ، تېخىمۇ مۇھىمى بىر ئېغىر مەسئۇلىيەت.» جاۋ يەنلۇڭ مۇنداق دېدى: مەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەپتەر بېقىش كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، «سۈپەتلىك ماركىلاشتۇرۇش» يولىدا مېڭىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، كەپتەر كەسپىنى كەنتنىڭ خاس تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.