تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا تۇنجى نۆۋەتلىك بېيدوۋنى كۆلەملىك قوللىنىش خەلقئارا باشلىقلار يىغىنى، جۇڭگو سۈپەت (خاڭجوۋ) يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك بېيدوۋنى كۆلەملىك قوللىنىش خەلقئارا باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، پۈتۈن يەر شارىنىڭ رەقەملىشىش تەرەققىياتى كۈنسېرى تېزلىشىۋاتىدۇ، ۋاقىت - بوشلۇق ئۇچۇرى، ئورۇن بەلگىلەپ يول باشلاش مۇلازىمىتى مۇھىم يېڭىچە ئۇل ئەسلىھەگە ئايلاندى. بۇلتۇر 7 - ئايدا مەن بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇق پۈتۈن يەر شارى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىدا مۇلازىمەت قىلىش باشلانغانلىقىنى جاكارلىغاندىن بۇيان، بېيدوۋ سىستېمىسى پۈتۈن يەر شارىدىكى يېرىمدىن كۆپرەك دۆلەت ۋە رايوندا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قوللىنىلدى، بېيدوۋنى كۆلەملىك قوللىنىش بازارلاشتۇرۇپ، كەسىپلەشتۈرۈپ، خەلقئارالاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىغا كىردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيدوۋ سىستېمىسى جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدۇ. جۇڭگو ئېچىۋېتىش - بىرىكىش، ماسلىشىش - ھەمكارلىشىش، سىغدۇرۇش - ئۆزئارا تولۇقلاش، نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، بېيدوۋنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بېيدوۋ سىستېمىسىنى پۈتۈن يەر شارىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشىنى خالايدۇ.

تۇنجى نۆۋەتلىك بېيدوۋنى كۆلەملىك قوللىنىش خەلقئارا باشلىقلار يىغىنى شۇ كۈنى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدە باشلاندى، باش تېمىسى «بېيدۋو دۇنياغا مۇلازىمەت قىلىدۇ، قوللىنىلىشى كەلگۈسى تەرەققىياتقا كۈچ قوشىدۇ».

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو سۈپەت (خاڭجوۋ) يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سۈپەت ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە، سۈپەت ساھەسىدىكى ھەر قېتىملىق ئۆزگىرىش ياساش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھەممىسى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى. جۇڭگو سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، سۈپەت ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سۈپەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۈپەتتە ئۆزگىرىش ياساش، ئۈنۈمدە ئۆزگىرىش ياساش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچتە ئۆزگىرىش ياساشقا تۈرتكە بولدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، سۈپەت جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سۈپەتتە ئۆزگىرىش ياساش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

جۇڭگو سۈپەت (خاڭجوۋ) يىغىنى شۇ كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجوۋ شەھىرىدە باشلاندى، باش تېمىسى «سۈپەت، رەقەم، يېشىل، يۇغۇرۇلۇش» بولۇپ، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە خاڭجوۋ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.