تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭچيۇ بايرىمىدا سەپەرگە چىقىش مۇلازىمەت قوللانمىسى

    تىيانشان تورى خەۋىرى جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كەلدى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى يول تورىنى كۆزىتىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى 2021-يىللىق جۇڭچيۇ بايرىمىلىق قاتناش سەپىرى مۇلازىمەت قوللانمىسىنى ئېلان قىلدى. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللاردىن يۈرۈش ھەققى ئېلىنىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    9-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇخبىر قاتناش، سەپەرگە چىقىش مۇلازىمەت قوللانمىسىدىن شۇنى كۆردىكى، جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىدىن چىقىدىغان يۆنىلىش ۋە دەم ئېلىشتىن كېيىن ئۈرۈمچىگە كىرىدىغان يۆنىلىشتە قاتناش بېسىمى ئادەتتىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

    مۆلچەرلىنىشىچە، 9-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 10دىن 12گىچە شەھەردىن چىقىدىغان يۆنىلىشتە تۇنجى قېتىملىق قاتناش يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلىدۇ؛ 9-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 9دىن 14كىچە شەھەردىن چىقىدىغان يۆنىلىشتە 2- قېتىملىق قاتناش يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلىدۇ؛ 9-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 14تىن 22گىچە قايتىش يۆنىلىشىدە قاتناش يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    بايرامدىكى قاتناش يۇقىرى پەللىسى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى G30 لىنىيەسى سانجى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن تۇدۇڭخابا ھەق ئېلىش پونكىتىغىچە بولغان يول بۆلىكى، G30 لىنىيەسى ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغىچە بولغان يول بۆلىكى قاتارلىق ئۈرۈمچىگە كىرىش يۆنىلىشى، G30 لىنىيەسى (ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى) K3472 + 100 (شياۋساۋخۇ مۇلازىمەت رايونى) يول بۆلىكىدە ئاسانلا ئاپتوموبىللار ئۆچرەت بولۇپ كېتىش، يول توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

    G30 لىنىيەسى يەندۇن، يىۋەنچۈەن، ئاستانە، پىچان شەرقىي، تۇيۇق ئاساسىي لىنىيەسى، شياۋساۋخۇ ئاساسىي لىنىيەسى، ئەرشىلىدەن باغلىما يولى، ئۇلامباي شىمالىي باغلىما يولى، تۇدۇڭخابا ئاساسىي لىنىيەسى، ۋۇتەي ئاساسىي لىنىيەسى، گوزىگوۋ ئاساسىي لىنىيەسى، G3003 لىنىيەسى ئۇلانباي غەربىي ئاساسىي لىنىيەسى، S116 لىنىيەسى ئۇلانباي جەنۇبىي باغلىما يولى، G7 لىنىيەسى لاۋچىتەي باغلىما يولى، مىدۇڭ شىمالىي ئاساسىي لىنىيەسى، گەنچۈەنباۋ باغلىما يولى، G3012 لىنىيەسىنىڭ كۈمۈش، كورلا، چەرچى، كۇچا، توقسۇ ئاساسىي لىنىيەسى قاتارلىق ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدا كۈندىلىك قاتناش مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئاسانلا يول توسۇلۇپ قېلىش، يۈرۈش ئاستا بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

    دۆلەت يولى 216-لىنىيەسى جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى مىدۇڭ يولىدىن فۇكاڭ كونا يول ئېغىزىغىچە بولغان يولنى قوش يۆنىلىش بويىچە قامال قىلغانلىقتىن، مىدۇڭ رايونىدىن گەنچۈەنباۋ سانائەت رايونى، فۇكاڭغا بارىدىغان ئاپتوموبىللار G3003 شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ۋە G7 داخۇاڭشەن-ئۈرۈمچى لىنىيەسىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان بولغاچقا، مىدۇڭ باغلىما يولى ھەق ئېلىش پونكىتى، مىدۇڭ ئاساسىي لىنىيە ھەق ئېلىش پونكىتى، گەنچۈەنباۋ باغلىما يولى ھەق ئېلىش پونكىتىدا يول توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋالى يۈزبېرىدۇ، بولۇپمۇ گەنچۈەنباۋ باغلىما يولى ھەق ئېلىش پونكىتىدا توسۇلۇش بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى