تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىرتقا چىقىپ ئىشلەش بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا ئىشەنچ قوشتى

نۇرگۈل بارات:

سىرتقا چىقىپ ئىشلەش بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا ئىشەنچ قوشتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ يۆ

«مەن ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىپ پۇل تېپىپلا قالماي، يەنە تېخنىكا ئۆگىنىۋالدىم. كېيىن مەيلى شىركەتتە داۋاملىق ئىشلەي ياكى يۇرتۇمغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەي، ھەممىسىگە ئىشەنچىم بار!» دېدى 9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى شىنجاڭ ئوسمانىي ئالتۇن ـ كۈمۈش، زىبۇ ـ زىننەت بۇيۇملىرىنى پىششىقلاش چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى نۇرگۈل بارات.

تۆت يىل ئىلگىرى، نۇرگۈل يۇرتىدىكى بىرقانچە ئاچا ـ سىڭىللىرى بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئوسمانىي شىركىتىدە شاگىرت بولغانىدى. ئۇلار شىركەتتە ھۆكۈمەت تەمىنلىگەن ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى ھەقسىز تەربىيەلەشتىن بەھرىمەن بولدى، بۇ مەزگىلدە يەنە ھەربىر ئادەم ئېيىغا 800 يۈەن تۇرمۇش پۇلى ئالدى.

«شىركەتكە كىرىپ خىزمەت قىلغىنىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن، پېشقەدەم خىزمەتچىلەرنىڭ ياردەم بېرىشى ـ يېتەكلىشىدە، بىز ناھايىتى تېزلا يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىپ كەتتۇق، ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا بىر ـ بىرىمىزگە ھەمراھ بولۇپ ئوينىغىلى چىقىمىز» دېدى نۇرگۈل.

خىزمەت داۋامىدا، نۇرگۈل قەشقەردىن كەلگەن مۇھەببەت ئابدۇرېشىت بىلەن تونۇشۇپ، ئىككىيلەن مۇھەببەتلەشتى ھەم ئائىلە قۇردى، شىركەت ئۇلارنى ھەقسىز ياتاق بىلەن تەمىنلىدى.

2019 ـ يىلى، نۇرگۈل سىستېمىلىق تەربىيەلىنىش ئارقىلىق شىركەتنىڭ ئايالچە ئالتۇن زەنجىر بۆلۈمىنىڭ رەسمىي خىزمەتچىسىگە ئايلاندى. 2020 ـ يىلى، تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكى، تېخنىكىسى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ بەنجاڭلىققا ئۆستۈرۈلدى.

ئەر ـ خوتۇن ئىككىيلەن سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەچكە، ئىككى ئائىلىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى. «ئۇ ئاتا ـ ئانىسىغا پۇل ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى، يەنە ئىچكىرى رايوندا داشۆدە ئوقۇۋاتقان سىڭلىسىغا ئىقتىسادىي ياردەم بەردى. مېنىڭ ئاتا ـ ئانام مەن ئەۋەتكەن پۇل بىلەن ئۆينى بېزەپ، ئاپتوماتىك كىرئالغۇ قاتارلىقلارنى سېتىۋالدى، يەنە موتوسىكلىت سېتىۋالدى» دېدى نۇرگۈل كۈلۈپ تۇرۇپ.

نۇرگۈلنى ئەڭ ئىپتىخارلاندۇرىدىغىنى، بۇ يىل «8 ـ مارت» ئاياللار بايرىمىدا، ئۇ ۋە ئېرى ئۆز قولى بىلەن نۇسخىسى ئۆزگىچە ئالتۇن ئۈزۈك ياساپ، ئىككى ئانىسىغا ئەۋەتىپ بەردى، ئۇلار ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى.

«ئۈرۈمچىدە مېنىڭ نەزەر دائىرەم كېڭەيدى. شىركەت تۇرۇشلۇق باغچە رايونىدا، ئېگىز بىنالارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقى، كارخانىلارنىڭمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بىزنىڭ شىركىتىمىزمۇ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى، ئالتۇن زىبۇ ـ زىننەت بۇيۇملىرى شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە سېتىلدى» دېدى نۇرگۈل ئىپتىخارلانغان ھالدا.

يېقىندا، نۇرگۈلنىڭ ئىشداشلىرى توي قىلغاندىن كېيىن قەشقەرگە بېرىپ تۇرمۇش كەچۈردى، شىركەت بۇ ئىشداشلارنى قەشقەردىكى تارماق شىركەتتە ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇردى. «باش مۇدىرىمىز خادىملار ماھارەتكە ئىگە بولغاندىن كېيىن شىركەتتە قېپقالسا ياكى يۇرتىدىكى تارماق شىركەتلەرگە بېرىپ ئىشلىسە بولىدۇ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىسىمۇ بولىدۇ، بۇنى شىركەت پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ، دېدى.» بۇنىڭدىن نۇرگۈلدە يېڭى ئوي پەيدا بولدى.

«ھەر قېتىم ئۆيگە قايتقىنىمدا، يۇرتۇمدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرىمەن، كەنتتىكى يوللار ياسالدى، سۇ، توك، يېقىلغۇ گازنىڭ ھەممىسى تولۇق، قىزىم كەنتتىكى يەسلىدە ئوقۇيدۇ، ئوقۇش خىراجىتى، تاماقنىڭ ھەممىسى ھەقسىز...» نۇرگۈلنىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلەندى، «مەن شىركەتتە تېخنىكىنى ياخشى ئۆگىنىمەن. ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى باياشات بولدى، ئالتۇن ـ كۈمۈش، زىبۇ ـ زىننەت بۇيۇملىرىغا بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ كۈچەيدى، كەلگۈسىدە مەن ئېرىم بىلەن يۇرتۇمغا قايتىپ ئالتۇن ـ كۈمۈش بۇيۇملىرىنى لايىھەلەش ـ پىششىقلاش بىلەن شۇغۇللانسام، ئىستىقبالىمىز چوقۇم ناھايىتى ياخشى بولىدۇ!»

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.