تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«شىنجاڭغا قۇلاق سېلىش»، قەشقەرنى ياقتۇرۇپ قېلىش

​ئاپتورلار: ما خۇڭمېي، ما رۇيلىڭ، ياۋ مىڭجۈن

يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى «شىنجاڭغا قۇلاق سېلىش» باش تېمىسىدىكى ساياھەت تەشۋىقات پائالىيىتىنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە توردا ئەسەر توپلاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆزگىچە ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇردى.

كىشىلەر دائىم شىنجاڭنى ياخشى جاي دېيىشىدۇ، شىنجاڭغا بارماي تۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل ۋە بىپايان ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. قەشقەرنىڭ ئەزەلدىن ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى دېگەن گۈزەل نامى بار، تېخى «قەشقەرگە بارمىسا شىنجاڭغا كەلگەن ھېسابلانمايدۇ» دېگەن گۈزەل نامىمۇ بار.

بۈگۈن، سىزنى قەشقەرنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشقا تەكلىپ قىلىمىز.

قەدىمىي شەھەرنىڭ كۈز مەنزىرىسى. (جاۋ دېڭۋېن فوتوسى)
قەشقەر قەدىمىي شەھىرى. (ۋۇ يۇڭ فوتوسى)
قەشقەر مەنزىرىسى. (چى ۋېيمىن فوتوسى)

قەشقەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى ئۇزاق بولۇپ، دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى، شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ مەسچىت−ھېيتگاھ مەسچىتى، دۇنياغا داڭلىق ئىپارخان قەبرىسى، دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولغان قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى تاش قورغان خارابىسى قاتارلىقلار بار.

كىشىنى جەلپ قىلىدىغان قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى. (ۋۇ يۇڭ فوتوسى)
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى تاش قورغان خارابىسى. (جيا جيەنجۇڭ فوتوسى)

قەشقەر قەدىمىي كوچىسى. (ۋۇ يۇڭ فوتوسى)

قەشقەر كوزىچى ياربېشى. (ۋۇ يۇڭ فوتوسى)

قەشقەرنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل، دۇنيادىكى داڭلىق ئىككىنچى ئېگىز چوققا چوگرى چوققىسى ۋە «مۇز تاغ ئاتىسى» دەپ ئاتالغان مۇز تاغ چوققىسى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ؛ پوسكام ئالتۇن توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسى «توغراق، سۇ، بوستانلىق، چۆل»دىن ئىبارەت تۆت بىر گەۋدىلەشكەن ئۆزگىچە تەبىئىي قىياپەت بىلەن كىشىلەرگە چېگرا رايوننىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

پامىر ئېگىزلىكىدىكى چوپان ناخشىسى. (جاۋ دېڭۋېن فوتوسى)
پامىر ئېگىزلىكى نۇرى. (ۋۇ سىچياڭ فوتوسى)
پامىر ئېگىزلىكىدە ياز. (باۋدى فوتوسى)
تاڭ شەپىقىدىكى چارۋىچىلىق مەيدانى. (يۈەن زېفۇ فوتوسى)
«مۇز تاغ ئاتىسى» مۇز تاغ چوققىسى. (ۋۇ سىچياڭ فوتوسى)
«مۇز تاغ ئاتىسى» مۇز تاغ چوققىسى. (ۋۇ سىچياڭ فوتوسى)
پوسكام ئالتۇن توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسى. (چېن جىخۇڭ فوتوسى)

قەشقەرنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىدا ماڭغىنىڭىزدا مېۋە-چېۋىلەر ۋە مەززىلىك تائاملارنىڭ خۇش ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ، قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ. رەڭدار مىللىي ئۆرپ-ئادەت سىزگە ئۆزگىچە ئادىمىيەت سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى سىرتىدىكى كۈركۈم گۈلى. (ئادىلجان ئابدۇقادىر فوتوسى)
ئارتىسلار قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەرگە ئۇسسۇل نومۇرى ئورۇنلاپ بەرمەكتە. (جوۋ پېڭ فوتوسى)
ئەل ئىچى سەنئەت ئەسەرلىرى. (جاڭ چېڭشۆ فوتوسى)
ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا تاۋار تاللىماقتا. (ئادىلجان ئابدۇقادىر فوتوسى)

قەشقەرگە بېرىپ كۆرۈپ كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

(ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: ئۈرۈمچى رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (رادىيو-تېلېۋىزىيە گۇرۇھى)  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى  قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى)

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى