تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىت

يۈلىن ياخشى جاي

يۈلىن شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونى ۋە شەھەر سېپىلى (9-ئاينىڭ 11-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). يۈلىننىڭ شەھەر قۇرۇش تارىخى ئۇزۇن، كونا شەھەرنى ھازىرمۇ قەدىمىي شەھەر سېپىلى ئوراپ تۇرىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى تاۋ مىڭ فوتوسى

  خەلق تورى خەۋىرى يۈلىن جەلپكار ھەم ئۈمىدكە تولغان مۇنبەت تۇپراق.

  بۇ يەر دۆلەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى. سەددىچىن سېپىلى بىلەن خۇاڭخې دەرياسى بۇ يەردە كېسىشىدۇ، قۇملۇق، ئوتلاق، سېرىق توپىلىق ئېگىزلىك بۇ يەردە تۇتىشىدۇ، دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى، كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى بۇ يەردە گىرەلىشىپ كەتكەن. سەددىچىن سېپىلى، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ تاۋلىشى يۈلىننى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە بەخت-سائادەتلىك، بايلىق جەھەتتە گۆھەر ماكانىغا ئايلاندۇرغان.

  بۇ يەرنىڭ قىزىل بايلىقى مول. دەسلەپكى پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن ئىنقىلابىي بازا قۇرۇلۇشىغىچە، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئارقا سەپ كاپالىتىدىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ماۋ جۇشىنىڭ شىمالىي شەنشىدە جەڭ قىلىشى ۋە «شەرق قىزاردى»، «چىنيۈەنچۇن. قار»نىڭ بارلىققا كېلىشى قاتارلىقلارغىچە، جۇڭگو ئىنقىلابى يۈلىندىن ئىبارەت بۇ قىزىل تۇپراقتا شانلىق ئىزلارنى قالدۇردى.

  بۇ جاي پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۇنجى قۇرغاق، يېرىم قۇرغاق قۇملۇق رايونىدىكى دۆلەت ئورمان شەھىرى. 70 نەچچە يىللىق قۇم تىزگىنلەش جەريانىدا، ئەسلىدىكى «تۆگە شەھىرى» دەپ ئاتالغان يۈلىننىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %0.9تىن ھازىرقى % 34.8كە يەتتى، 8 مىليون 600 مىڭ مو كۆچمە قۇمنىڭ ھەممىسى مۇقىملاشتۇرۇلدى ۋە يېرىم مۇقىملاشتۇرۇلدى، كۆرۈنەرلىك قۇملۇقنى تاپقىلى بولمايدىغان بولدى.

  بۇ يەرگە بايلىق مول توپلاشقان. غەربنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە توشۇش مەنبەسى، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش مەركىزى، غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۈگۈنى بولغان يۈلىن شەھىرى ئېنېرگىيەگە تايىنىپ روشەن تەرەققىيات «مۆجىزە»سى ياراتتى. ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارىتا، بۇ جاي قالاق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاشنى قارار قىلىپ، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەت لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئانا دەريا»نى قوغداپ، «يۈلىن كۆك ئاسمىنى»نى ئەسلىگە كەلتۈردى. يۈلىن شەھىرىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش ئەمەلىيىتى شۇنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىدۇكى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقتۇر.

  يۈلىننىڭ سېھرىي كۈچى چەكسىز؛ يۈلىننىڭ ھاياتىي كۈچى چەكسىز.

  «14-بەش يىل»نىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، يۈلىن يۈكسەك پەللىگە ئاتلىنىشقا تەييار تۇرماقتا.

9-ئاينىڭ 12-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۈلىن شېنمۇ شەھىرى ۋەنجېن بازىرىدىن ئېقىپ ئۆتكەن بۆلىكى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى تاۋ مىڭ فوتوسى

يۈلىن شەھىرى يۈشىخې دەرياسى ئېكولوگىيە كارىدورى (2020-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
    
    بۈگۈنكى كۈندە، يۈشىخې دەرياسى ئېكولوگىيە كارىدورىدا دەريا يىلان باغرى سوزۇلغان، ئىككى تەرىپىدىكى گۈل-گىياھلار خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدۇ، شەھەر ئاھالىسى گاھى دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان چىغىر يوللاردا سەيلە قىلىدۇ، گاھى قەدىمىنى توختىتىپ گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ، ئىلگىرى بۇلغىنىشى ئېغىر بولغان بۇ دەريا سۈيى بۈگۈنكى كۈندە شەھەر ئاھالىسىنىڭ «توردا ئالقىشلانغان، چوقۇم بارىدىغان جاي»ىغا ئايلاندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى