تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

شېرىن مېۋە-چېۋىلەر ھەر تەرەپكە توشۇلدى

«ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ تېخىمۇ زور شان-شەرەپنى قولغا كەلتۈرەيلى»

  8-ئاينىڭ 10-كۈنى، كورلا ئايرودۇرۇمىدىكى خىزمەتچىلەر توغاچ شاپتۇللارنى ئايروپىلانغا قاچىلىماقتا. شۇ كۈنى، بەش توننا توغاچ شاپتۇل قاچىلانغان «توغاچ شاپتۇل ناملىق» نۆۋەتچى ئايروپىلان كورلا ئايرودۇرۇمىدىن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچتى، بۇ، كورلا ئايرودۇرۇمىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مېۋە-چېۋە ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت پەسلىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مېڭ شياۋيۈ فوتوسى

  8-ئاينىڭ 28-كۈنى، 640 توننا پەيزاۋات شىنمېيسى قاچىلانغان سوغۇق ساقلاش كونتېينېرى 11202-قېتىملىق يۈك پويىزى بىلەن قەشقەر ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، شەنشى ۋېيچېڭ ۋوگزالىغا ئاپىرىلدى، ئاندىن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بازارلارغا توشۇلدى.

ياڭ لې فوتوسى

  8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئىشچىلار قوغۇنلۇقتا قوغۇن قاچىلىماقتا. ھازىر، ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ نوم بازىرىدا 33 مىڭ 500 مو يەرگە تېرىلغان جاغدا قوغۇن ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، نىڭبو، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن سودىگەرلەر بەس-بەستە كېلىپ تاللاپ سېتىۋالدى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

  9-ئاينىڭ 7-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ۋۇگۇڭتەي بازىرى تاڭدۈن مېۋىلىك باغ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدا، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق شۇ جاينىڭ ھۆل ئۈزۈمىنى تونۇشتۇرماقتا.

تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

  9-ئاينىڭ 1-كۈنى، باغۋەنلەر كۇچا شەھىرىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسى توغچى كەنتىدىكى مېۋىلىك باغدا قىزىل ئالۇچا ئۈزمەكتە. بۇ يېزىدا بۇ يىل تېرىلغان 300 مودىن ئارتۇق يەردىكى قىزىل ئالۇچىنىڭ ھەممىسى زاكاز ئارقىلىق شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا سېتىلىپ بولدى.

ۋۇ لې فوتوسى

  9-ئاينىڭ 2-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى گۇاڭجوۋ شەھىرى بەييۈن رايونى يۈەنجىڭ يولى گوشۇ مەھەللە دۇكىنىدىن شىنجاڭدىن كەلتۈرۈلگەن ھەر خىل مېۋىلەرنى سېتىۋالماقتا. نۆۋەتتە، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا گوشۇ مەھەللە دۇكىنىدىن 1200نى ئاچتى.

تاڭ يىڭ فوتوسى

  8-ئاينىڭ 12-كۈنى، كوپىراتىپ ئەزالىرى مالىنا يۆتكىمەكتە. كۈنەس ناھىيەسىنىڭ كەڭسۇ بازىرى قازاق مەھەللە كەنتىدىكى كۈنەس ناھىيەلىك كاڭچۈەن مالىنا پىششىقلاش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى مالىنا تېرىش، پىششىقلاش، سېتىش ئارقىلىق شۇ جايدىكى 50 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى. 

جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى

  9-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئۈجمە ئىلغىماقتا. كۇچا چۈنرەن يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئۈجمە كونسېرۋاسى، ئۈجمە ھارىقى پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئاساس قىلغان كارخانا بولۇپ، يىللىق ئۈجمە پىششىقلاش مىقدارى 100 توننىدىن ئاشىدۇ.

يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

  ئەگەر پەسىلنىڭ تەمى بار دېيىلسە، ئۇنداقتا شىنجاڭنىڭ كۈز پەسلىنىڭ تەمى قانداق؟ ئۇنىڭ تەمى ئىنتايىن تاتلىق، ئۇ شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋىلىرىنىڭ كۈزدە قالدۇرغان ئەسلىمىسى.

  9-ئايدىكى تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالى خۇددى غايەت زور مېۋە پەتنۇسىغا ئوخشايدۇ، ئالمىلار قىزىرىپ، قوغۇنلار تورلىشىپ، ئۈزۈملەر مەي باغلاپ پىشىدۇ، شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى دىماغقا ئۇرۇلۇپ، كىشىنى مەستخۇش قىلىدۇ. دۇنياغا داڭلىق مېۋە-چېۋە ماكانى كىشىلەرگە سېھرىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ.

  بۈگۈنكى كۈندە تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا، ئېگىز تاغ، جىلغىلار ئارىسىدا، بوستانلىق ۋە چۆللۈكلەردە مېۋە-چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ھەر تەرەپكە تاراپ تۇرىدۇ. بىپايان قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدە، ھەتتا ئىچىدىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان چوڭ-چوڭ باغلار بار، ئۇ كىشىلەر ئىككى قولىغا تايىنىپ بەرپا قىلغان يېشىللىق، ھاياتلىق يېشىللىقى، شۇنداقلا باياشاتلىق يېشىللىقى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بولۇپمۇ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا باغ-ئورمانچىلىق جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. 2020-يىلىغا كەلگەندە، شىنجاڭدا باغ-ئورمان تېرىلغۇ كۆلىمى 18 مىليون 500 مىڭ موغا، مېۋە-چېۋە ئومۇمىي ھوسۇلى 8 مىليون 450 مىڭ توننىغا (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) يەتتى.

  مېۋە-چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى شىنجاڭغىلا ئەمەس، پۈتۈن مەملىكەتكە تارالدى. شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋىلىرى ئىلگىرىكى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىپ، ئۆزى سېتىشنى ئاساس قىلىشتىن ھەر يىلى %80تىن كۆپرەكىنى سىرتقا سېتىشقا ئۆزگەردى، باغ-ئورمانچىلىق شىنجاڭدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كەسىپكە ئايلاندى.

  ئالتۇن كۈزدە، قۇملۇقنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىدا مەي باغلاپ پىشقان مېۋە-چېۋىلەر مول ھوسۇلدىن بىشارەت بەردى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى باغۋەنلەرنىڭ ئۈمىدى يۈكلەنگەن مېۋە-چېۋىلەر ئايروپىلان، پويىز، ئاپتوموبىللار ئارقىلىق تاللا بازىرى، بازار، مەھەللىلەرگە كىردى ... تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر شېرىن تەمدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى