ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر دۇڭ لياڭ خەۋەر قىلىدۇ) 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرى مۇسابىقىسى ئالتىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى، شىنجاڭدىن ئالتە بوكس ماھىرى بارلىق دەرىجىدىكى مۇسابىقىنىڭ سەككىز كۈچلۈكنى تاللاش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئاخىرلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچى ئوڭۇشلۇق ھالدا سەككىز كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىردى.
شۇ كۈنى، ئەرلەر 81 كىلوگىراملىقلار بويىچە سەككىز كۈچلۈكنى تاللاش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى ماھىرى خالمۇرات راخمان چۇڭچىڭ كوماندىسىدىكى ۋۇ يۈنبىن بىلەن مۇسابىقىلەشتى. خالمۇرات ئۈچ قېتىملىق تۇتۇشۇشتا رەقىبىنى تولۇق يېڭىپ، ئاخىرىدا 5:0 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلىپ، سەككىز كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىردى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاخىرلاشقان ئەرلەر 75 كىلوگىراملىقلار ۋە 91 كىلوگىرامدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە، توختاربېك تاڭراتخان بىلەن بايقوزى دانابېكمۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا سەككىز كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىردى. توختاربېك دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، روھىي ھالىتى سەل تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن مۇسابىقىدىن ئىلگىرىكى تەڭشەش ئارقىلىق، ھازىر ئىپادىسى بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقە قۇرۇق ئايلانغاچقا، توختاربېك سەككىز كۈچلۈكنى تاللاش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە شاڭخەي كوماندىسىدىكى ياڭ يۈخاڭنى 5:0 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، ئاسانلا كېيىنكى باسقۇچلۇق مۇسابىقىگە كىردى. بايقوزى بولسا سەككىز كۈچلۈكنى تاللاش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ئىچكى موڭغۇل كوماندىسىدىكى جوۋ يۈەننى يېڭىپ، كۈچلۈك ھالەتتە كېيىنكى باسقۇچلۇق مۇسابىقىگە كىردى.