تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنتلەرنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇ بازىرى جاتەن كەنتى تىزىملىككە كىردى

  يېقىندا، ئاپتونوم رايون بويىچە 2- تۈركۈمدىكى يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنتلەرنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۈيشىگۇ بازىرى جاتەن كەنتى تاللاندى.

  مۇخبىر ئاپتونوم رايون بويىچە 2-تۈركۈمدىكى يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت بولۇپ تاللىنىدىغان تىزىملىكتىن بۇ قېتىم ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 44 كەنتنىڭ تاللانغانلىقىنى، جاتەن كەنتىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىردىنبىر تاللانغان كەنت ئىكەنلىكىنى كۆردى.

  ​ شۈيشىگۇ بازىرىنىڭ غەربىگە ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى جاتەن كەنتى ئېتىز-ئېرىق تەبىئىي مەنزىرىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ساياھەت بايلىقى مول، بۇ يەردە گۈل دېڭىزى مەنزىرىسى، ياۋا بۇغا ساھىلى مەنزىرە رايونى، چاڭشەنلياڭ مەنزىرە سۇپىسى ساياھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى، يېزا ئىگىلىك مەنزىرە رايونى قاتارلىقلار قۇرۇلغان.

  نۆۋەتتە، كەنتتە تۆت ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، 800دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى؛ ئىككى ساياھەت ھاجەتخانىسى، ئىككى ئۇنىۋېرسال پائالىيەت مەيدانى؛ مەنزىرە كۆرۈش تۈرى، دېھقانلار ئارامگاھى تۈرى، ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك تۈرى، ئالاھىدە ياتاق تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقراۋى قونالغۇدىن ئون نەچچىسى بار؛ 30دىن ئارتۇق ئۆزگىچە دېھقانلار(چارۋىچىلار) ئارامگاھى بار؛ گۈل، بۆلجۈرگەن، ئالما، ئورگانىك كۆكتات قاتارلىق دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ھېس قىلىش رايونىدىن 11ى بار.

  جاتەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شيۇخۇڭ مۇنداق دېدى: جاتەن كەنتى بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تۈرلۈك بايلىقلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ساياھەت، دەم ئېلىش، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ھېس قىلىش، مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى، ئىستىراھەت، دەم ئېلىش قاتارلىق تۈرلەرنى چوڭقۇر ئاچتى ھەم مامكاپ چېيى مەدەنىيىتى، گۈل چاي مەدەنىيىتى ۋە مالىنا كەسپى قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ، ئېكولوگىيە ساياھىتى، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش، دەم ئېلىش بىر گەۋدىلەشكەن ساياھەت سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقىغا تۈرتكە بولدى.

  «ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشى، ساياھەت ئامىللىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ساياھەتچىلىك تەدرىجىي ھالدا پۈتۈن كەنتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق موتورغا ئايلاندى» دېدى ۋاڭ شيۇخۇڭ.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى، جاتەن كەنتى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 200 مىڭ ئادەم قېتىمغا، كەنت ئاھالىسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 30 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

(گو جۈنگې خەۋىرى)

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • خېنەن مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، قومۇلدىكى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئائىلىگە نەپ يەتكۈزدى
  • كۈز دەل مۇشۇنداق مول ھوسۇللۇق پەسىل: پاختىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، بۇغداي تېرىلغۇسى باشلاندى
  • ئالتاي-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى پۈتتى