9-ئاينىڭ 9-كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى باغۋەنلەرنىڭ ئالما ئۈزۈشىگە ياردەملەشمەكتە.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، چاغانتوقاي ناھىيەلىك مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ قارابۇرا بازىرى سانائەت كوچىسى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، باغۋەنلەرنىڭ ئالما ئۈزۈشىگە ياردەم بەردى ھەم توردا زاكاز قىلىش، تور سىرتىدا بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، باغۋەنلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.
ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى