تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

قوشئۆگۈز شەھىرىدىكى 100 مىڭ مو ئۈزۈم ئۈزۈش پەسلىگە كىردى

   ئانار بۇلۇت خەۋىرى ھازىر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 5-شىسى قوشئۆگۈز شەھىرىدە ئۆستۈرۈلگەن 100 مىڭ مو ئۈزۈم كەينى-كەينىدىن پىشتى، ئۈزۈم ئۆستۈرگۈچىلەر ئۈزۈمنى ۋاقتىدا بازارغا سېلىش ئۈچۈن ئۈزۈشنى باشلىۋەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ شەھەر ئۈزۈمچىلىك كەسپىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، تۆۋەن مەھسۇلاتلىق، تۆۋەن ئۈنۈملۈك ئۈزۈملۈكلەرنى ئۆزگەرتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن شەھەردە ئالتە ھۆل ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسى قۇرۇپ، يىلىغا 120 مىڭ توننا ئەتراپىدا ئەلا سۈپەتلىك ئۈزۈم ئىشلەپچىقاردى.

خۇ ۋېيبىن فوتوسى

  قوشئۆگۈز شەھىرى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسى. (9-ئاينىڭ 9-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)

  قوشئۆگۈز شەھىرى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسى. (9-ئاينىڭ 9-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)

 

9-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈزۈم ئۆستۈرگۈچىلەر ئۈزۈم ئىلغىماقتا.

 9-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈزۈم ئۆستۈرگۈچىلەر ئۈزۈم توشۇماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.