تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

​ھەممە ئادەم ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بەردى ھەممە ئىشتا ئىتتىپاقلىق كۆزلەندى

كۇچا شەھىرى يۇڭكۇ ئىتتىپاق كەنتىدە:​

ھەممە ئادەم ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بەردى ھەممە ئىشتا ئىتتىپاقلىق كۆزلەندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

ئەخمەت گالى بىلەن خوتۇنى رازىيەم ئەخمەت، ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئۆيگە قايتقاندا، چوقۇم ئالدى بىلەن دادىسى سۈن چېڭجۇڭ، ئانىسى ۋاڭ فۇشياڭنى يوقلاپ كېلىش توغرىسىدا كېلىشىۋالغان.

كۇچا شەھىرى چىمەن بازىرى يۇڭكۇ ئىتتىپاق كەنتىنىڭ كەنت تارىخى سارىيىغا كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت نۇرغۇن ھېكايىلەر توپلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە «ئىككى قاچا لەڭمەن ھېكايىسى»دە نىياز غۇلام، سۈن چېڭجۇڭ، ئەخمەت گالىدىن ئىبارەت ئۈچ ئائىلىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋارىسلىق قىلىش ھېكايىسى سۆزلەنگەنىدى.

«قوشنىلار ئارىسىدا، بىر - بىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىرەر قاچىدىن لەڭمەن يېيىش ئادەتتىكى كىچىك ئىش، ئەمما بۇنىڭدىن كەنتىمىزدىكى ھەممە كىشىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغانلىقى ھەم ھەممە ئائىلىنىڭ ۋارىسلىق قىلىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد كۈچ ئۇلاپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دېدى 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، يۇڭكۇ ئىتتىپاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى گوۋ فاڭفاڭ.

يۇڭكۇ ئىتتىپاق كەنتىنىڭ ئەسلىي ئىسمى «موما تېرەك كەنتى.» ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرى، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتكەندىن كېيىن، بىر تۈركۈم تۆمۈريول ئىشچىلىرى دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، بۇ يەرگە كېلىپ بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلغان، ئەينى چاغدا كەنتتە پەقەت بىرنەچچە تۈپ دەرەخ، بىرنەچچە ئائىلىلا بار ئىدى. 1962 - يىلى، سۈن چېڭجۇڭنىڭ ئانىسى ئالەمدىن ئۆتتى، قوشنىسى نىياز غولام ئەمدىلا ئون ياشقا كىرگەن سۈن چېڭجۇڭ بىلەن سىڭلىسىنىڭ دائىم ئاچ قالىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاكا - سىڭىل ئىككىيلەننى ئۆيىگە چاقىرىپ، ئۇلارغا لەڭمەن ئېتىپ بەردى.

1982 - يىلى، گۆدەك ئەخمەت گالىنىڭ دادىسى ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئاپىسى يېتىشەلمەي قالغاندا، ئۇ ئاچ قېلىپ يىغلاپ كەتتى. ئاۋازنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن سۈن چېڭجۇڭ ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ، ئۇنىڭغا بىر قاچا لەڭمەن بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن، سۈن چېڭجۇڭ بىلەن خوتۇنى ۋاڭ فۇشياڭ ئۇنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرىدىغان بولدى. ئەخمەت گالى توي قىلغاندا، سۈن چېڭجۇڭ ئەر - خوتۇن ئۆزلىرى پۇل چىقىرىپ ئۇنىڭغا ئۆي جاھازلىرى ئېلىپ بەردى.

ئەخمەت گالى سۈن چېڭجۇڭ ئەر - خوتۇننىڭ بېقىپ چوڭ قىلغان ئەجرىنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇمىدى، قورسىقى ئاچ قالغاندا يېگەن ئاشۇ بىر قاچا لەڭمەننى تېخىمۇ ئۇنتۇمىدى. 2008 - يىلى، سۈن چېڭجۇڭ قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ ئۈرۈمچىدىكى بىر دوختۇرخانىدا ياتتى، ئەينى چاغدا، سۈن چېڭجۇڭنىڭ ئوغلى سۈن جىباۋ تيەنجىندە ئوقۇۋاتقان بولغاچقا، ئەخمەت گالى كەنتتە قېلىپ سۈن چېڭجۇڭنىڭ يېرىنى تېرىدى، خوتۇنىنى ئۈرۈمچىگە بېرىپ سۈن چېڭجۇڭنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئەۋەتتى.

سۈن جىباۋ داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، تيەنجىن شەھىرىدىن خىزمەت تاپتى. دادىسى ئۇنىڭغا تېلېفون بېرىپ، ئۆزىنىڭ يۇرتداشلارنى چىلان ئۆستۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىمەكچى بولغانلىقى، ئوغلىنىڭ يۇرتقا قايتىپ ئۆزىگە ياردەملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، سۈن جىباۋ قەتئىيلىك بىلەن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ كەنتكە قايتىپ كەلدى.

2019 - يىلى، ئەخمەت گالى ئەر - خوتۇن سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تاپماقچى بولغاندا، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەمنىڭ يوقلۇقىدىن ئەنسىرىدى. ۋاڭ فۇشياڭ بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئۇلارغا: «بالىنى ماڭا تاپشۇرۇپ، خاتىرجەم سىرتقا چىقىپ پۇل تېپىڭلار» دېدى. ئەينى چاغدا، ۋاڭ فۇشياڭ ئۆيىدە يەنە 97 ياشلىق ئانىسى ھەمدە ھەرىكىتى قولايسىز سۈن چېڭجۇڭ ۋە يەسلىدە ئوقۇۋاتقان نەۋرە قىزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى.

ھازىر، ئەخمەت گالىنىڭ ئوغلى ئەكپەر چىمەن بازىرىدا ئوقۇيدۇ. ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇ كەنتكە قايتقاندا ئالدى بىلەن بوۋىسى سۈن چېڭجۇڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، بىر ئائىلىدىكى قېرىنداشلىرى بىلەن جەم بولىدۇ. ئۇ دادىسىنىڭ دائىم ئاپىسىغا: «بىز ھازىر پۇل تاپتۇق، ئاتا - ئانىمىزمۇ (سۈن چېڭجۇڭ ئەر - خوتۇننى دېمەكچى) ياشىنىپ قالدى، ئۇلارغا ۋاپادارلىقنى يەتكۈزمىسەك يەنە قاچانغىچە ساقلايمىز؟» دېگەنلىكىنى ئاڭلايتتى.

«ئىككى قاچا لەڭمەن ھېكايىسى» يۇڭكۇ ئىتتىپاق كەنتىدىكى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش، روھقا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. يۇڭكۇ ئىتتىپاق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سۈن جىباۋ مۇنداق دېدى: ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەچكە، يۇڭكۇ ئىتتىپاق كەنتى ئىلگىرىكى «نامرات كەنت»تىن بۈگۈنكى كۈندىكى «ساياھەت كەنتى»، «چولپان كەنت»كە ئايلاندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نىڭبو شەھىرىنىڭ ياردىمىدە، يۇڭكۇ ئىتتىپاق كەنتىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئىلغار نەمۇنىچى بولۇش كەيپىياتى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، 2019 - يىلى، «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كوللېكتىپ» بولۇپ باھالاندى.

سۈن جىباۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: كەنت ئاھالىلىرى بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقارغاچقا، كەنتنىڭ خاس كەسىپلىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى، بۇ بىرنەچچە يىلدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 12 دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى. بۇلتۇر كەنت كوللېكتىپى باشلامچى بولۇپ يۇڭكۇ ئىتتىپاق كەنتى پاي ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى. ھازىر، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى پايچىك، قانداق ياخشى كەسىپ تۈرى بولسا، كەنت ئاھالىلىرى كېلىپ مۇزاكىرە قىلىشقا قاتناشسا بولىدۇ، يىل ئاخىرىدا پاي سوممىسى بويىچە پايدا تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.